خىتاينىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ياردەم نەتىجىسى

ئەسلى خەۋەر: تۈركىيە يېڭى چاغ گېزىتى

تەرجىمە قىلغۇچى :ئىقبال «ئستانبۇل »

ئۈچ تەڭگە ياردەمنىڭ خىتايدىكى نەتىجىسى

  Üç kuruş yardımın Çin»de karşılıği

 

 

ئاپتۇر: ئەھمەت تاكان

ئەسلى خەۋەر: تۈركىيە يېڭى چاغ گېزىتى

تەرجىمە قىلغۇچى :ئىقبال «ئستانبۇل »

تەھرىرى :مۇستەسنا «ئستانبۇل »

  ئەتىگەن سائەتلىرى ئىدى… كۈندىلىك خىزمىتىمىزگە يىڭى تەمشىلىۋاتاتتۇق… گىزىتلەرنى ئارلاۋاتاتتىم. ھۆرمەتكە سازاۋەر سىياسەتچى، جۇمھۇرىيەت خەلىق پارتىيەسى ئىستانبۇل خەلىق ۋەكىلى (پارلامىت ئەزاسى) گۈرسەل تەكىن تېلىفۇن قىلدى. تېلىفۇندا قىسقىغىنە ھال- ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئۇدۇللا تىمىغا يۆتكەلدى :»ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ، ئۆتكەندە كۈيئوغۇل خىتايدا پۇل ھەل قىلدى دەپ ھەممە يەردە ئالقىشلىتىپ يۈرەتتى… بىر مىليۇن ئۇيغۇر تۈركىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى( جازا لاگىرىغا سولىدى) بىر مىليۇن دىگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى. جاھان زىزلزىلىگە كىلىشى كىرەك ئىدىغۇ… ھە، ئاق پارتىيەنىغۇ چۈشىنىمەن. قىنى ئۇ مىللەتچى ھەركەت پارتىيەسىگە نىمە بولىۋاتىدۇ؟ ھىچ ساداسى چىقمايۋاتىدىغۇ…يۈرەك زەردابى. بۇ ئاجايىپ چوڭ بىر ئىش . بىر كىشى، ئىككى كىشى، ئۈچ كىشى ئەمەس،… بىر مىليۇن كىشى.» … دولار ئۆزگىرىشىنىڭ ئەۋجى، پاپا بۇرۇنسۇننىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە مەركەزلىشىپ قالغانلىقىمىزدىن كۈنتەرتىپكە سەل قاراۋاتقانلىقىمىز تۈپەيلى گۈرسەل تەكىننىڭ قولىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتنى ئوقۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلدىم.تەكىن شۇلارنى دىدى :»خىتاينىڭ شىنجاڭ( شەرقى تۈركىستان) ئۇيغۇر تۈرك ئاپتونۇم رايۇنىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىغان باستۇرۇشلارنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتىتى رەئىسى گاي مىك دوگال شىنجاڭ( شەرقى تۈركىستان) ئۇيغۇر تۈرك ئاپتونۇم رايۇنىدا يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا بىرمىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭدىن سىرت 2 مىليۇن 200 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ كۈندىلىك سىياسى ئۈگىنىشكە مەجبۇرى قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نازارەت ئاستىغا ئېلىنمىغان 2 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرمۇ سىياسى ئۈگىنىشتىن كىيىن ئائىلىلىرىگە رۇخسەت بىلەن قايتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر مەنزىرە…» نېمە دىيىشنى بىلەلمىدىم.ئۆزۈمنى ئەيىپلىدىم. ئىتراپ قىلمىسام بولمايدۇ. بىر تۈرك مىللەتچىسى مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىداق بىر ئەھۋالنى يازماي ئۆتۈپ كىتىشنى نومۇسسىزلىق دەپ بىلدىم. بەك بىئارام بولدۇم. گۈرسەل تەكىنگە» سىزنىڭ كۆزقارشىڭىزنى يازايلى» دىگەننى ئاران دىيەلىدىم. گۈرسەل تەكىن مۇنۇلارنى دىدى:» ئاۋۋال شۇنى دەي، بىرتەرەپتە خىتايدىن 3مىليارد دوللار پۇل تاپتۇق دەپ ئانىكام مانىكام دەپ جاكالايسىز،بىر تەرەپتە مىليۇنلىغان ئۇيغۇر تۈركىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆز قىسمىتىگە تاشلاپ قويىسىز. بۇ قانداق بىر چۈشەنچە، بۇ قانداق بىر تاشقى سىياسەت؟ بۇ ھەقتە تۈركىيە ھىچ نەرسە دېمەمدۇ؟تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن دىيەلەيدىغان ھىچ بىر سۆزى يوقمىدۇ؟ پۈتۈن دۇنيارىمىز پۇل ئۈستىگىلا قۇرۇلغانمۇ؟ بىز پۇلنى دەپ بارغىنىمىزدا ،خىتايغا بۇ ئىككى مىليۇن ،ئۈچ مىليۇن ئىنساننىڭ، بەش مىليۇن ئىنساننىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دەيدىغان ھىچبىر گىپى يوقمىدۇ دەپ ئەجەپلىنىمەن. مانا ھەممە نەرسە ئوچۇق. ب د ت نىڭ دوكلاتىنى ئوقۇغىنىمىزدا ھەممىمىزنىڭ ئىچى ئىچىشىدۇ. قىسقىسى ھەممەيلەننى بۇ نۇقتىدا ئەستايىدىل بولۇشقا چاقىرىمەن.» «توغرا، بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوقمۇ؟» دەپ سورىشىمغا تەكىن شۇلارنى دىدى :»خەۋىرى بولمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىشىنى بىز بىلمىسەك تېخىمۇ چوڭ بىر ئەيىپ ئىش بولىدۇ. بىزنىڭ ئۇيەردە بۈيۈك ئەلچىلىمىز يوقمۇ؟ ئىنىقكى تۈركىيە بۇ ھەقتە بەكلا پەرۋاسىزلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ باشقا ئىزاھاتى يوق .بۇ چوڭ بىر ھادىسە.» خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلغان تۈرك مىللەتچىلىكى ئەسلى بۇ ئىدى. ئۈستەلدە ئولتۇرىسەن،ئەتىدىن كەچكىچە پاپازنى ئال پاپازنى بەر دەپ مۇشۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىسەن.پاپاز بۇرۇنسۇن ھەممىمىزنىڭ خۇدىنى يوقاتقۇزدى. ھەممىمىزگە ئوبدانلا بىر ناركوز بولدى! چارشەنبە كۈنى كەچ جۇمھۇرىيىەت خەلىق پارتىيەسى لىدىرى كامال قىلىچدارئوغلى بىلەن قىتىلغان كەچلىك تامىقىمزدا دوسىتلىرىمىزدىن تەمەل بىر يۇمۇر سۆزلەپ بەردى. ئىسىمدە قالغانلىرىنى سۆزلەپ بىرەي؛ تەمەل دوختۇر بولاپتۇ ۋە خىزمەتكە چۈشۈش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپتۇ. ھەممەيلەن ئۇنى تەبرىكلەپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ كاللىسى بىرخىل راھەت بولالماپتۇ. ئۇ تۇنجى قىتىملىق دىياگنوزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۇنجى قىتىمدا ئىتىبار قازانسا قازاندى ئەگەر ئىتىبار قازىنالمىسا ۋە خاتا دىياگنوز قويۇپ قالسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايتى. شۇنداق دەپ تۇرىشىغا تۇنجى كۈنىلا پاتىمە يەڭگە ئىشىك چىكىپتۇ ۋە تۇرسۇن تاغىسىنىڭ ساقسىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى تەمەلدىن ئۆيگە بىرىپ كىسىلىنى كۆرۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. نىمىمۇ دىيەلىسۇن … تەمەل ئۆيگە بىرىپتۇ. بىرىپ قارىسا تۇرسۇن تاغا پۇتىنى ئۇزۇن سۇنۇپ يىتىۋاتقانىكەن. نىمە بولدى ؟- سوراپتۇ تەمەل. تۇرسۇن تاغا جاۋاب بىرىپتۇ: «ھە دوختۇرۇم،ئىچىم سۈرۈۋاتىدۇ.» تەمەل خىلى يەڭگىلەپ قاپتۇ ۋە «ئوخ» دەپتۇ. كىسەل ئىنىق ،داۋالاشمۇ قولاي. ئەمما ئويلا ئويلا ھىچ شىپا بولىدىغان دورىنىڭ ئىسىمىنى ئىسىگە ئالالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىغىزىدىن نىرۋا تىچلاندۇرغۇچى دورا شاناش(زاناكىس) چىقىپ كىتىپتۇ. تەمەل ئۆيگە قايتىپتۇ. ئەتىسى ئۇ بە بىئارام بوپتۇ.چۈنكى خاتا دورا بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. خاتىرجەم بولالماي، تۇرسۇن تاغىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۆيگە قارىسا تۇرسۇن تاغا ئۆيدە يوق.نەدىلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ قەھۋەخانا دا ئويناۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ. قەھۋەخانىغا بىرىپ قارىسا دۇرسۇن تاغا ناھايتى جۇشقۇن ھالدا ئوكەي ئويناۋىتىپتۇ.قۇلاق تۈۋىگە كىلىپ سوراپتۇ: تاغا قانداغۇي ئەھۋالىڭ؟ تۇرسۇن تاغىنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىسىز ؟ -» ۋاللاھ تەمەلىم ئوكەي نىمۇ يىڭىلىدىم.قارا ئىچىدە ئۈزۈۋاتىمەن. ئەمما نىمىشقا دىسەڭ ھىچ خىيالىمغا كەلتۈرمەيمەن» ئەۋالمىز مانا مۇشۇنداق… بىلمىدىم چۈشەندۈرەلىدىممۇ ؟   مەنبەسى: http://www.yenicaggazetesi.com.tr/3-kurus-yardimincinde-karsiligi-48521yy.htm

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتاي باياناتى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيتى ۋە غەربنىڭ سەپسەتىسى

يە سېنتەبىر 2 , 2018
خىتاي باياناتى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيتى ۋە غەربنىڭ سەپسەتىسى 社评:新疆的实事求是与西方的唱虚饰假 (يالغانچى خىتايدىن يەنە بىر يالغان-ت)

You May Like