ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 26- نويابىر
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم قىزى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-11-27
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى (ش ت- ت) دىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەردىن بولغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرى قولغا ئېلىش قىلمىشىغا قارىتا ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتنىڭ تېكىستى
خىتاينىڭ تۈركىي قەۋملەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى
2018-يىلى 26- نويابىر
شىنجاڭ (ش ت -ت)، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى شۇنىڭغا ئالاقىدار باشقا رايونلارنى تەتقىق قىلغان ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەن مۇتەخەسىسلەردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆز ئەندىشىلىرىمىزنى يورۇتۇپ بېرىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىنجاڭ (ش ت– ت) دا يولغا قويۇلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە يەرلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەقسەتلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىش مەقسىتىدە مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلدۇق. بۇ باياناتقا ئىمزا قويغۇچىلار «شىنجاڭ (ش ت- ت) نىڭ ھازىرقى ھالىتى خەلقئارانىڭ غايەت زور دىققەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر» دېگەن قاراشنى بىردەك ئېتىراپ قىلغۇچىلاردۇر. ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز رايونى ئىچىدىكى مەلۇم بىر قەۋمگە زورلۇق قىلىشى، بولۇپمۇ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى باستۇرۇشىنىڭ يوللۇق ئىش ھېسابلىنىشىنىڭ كەلگۈسىدە بىزگە ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن بولغان پاسسىپ تەسىرلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ۋەقەگە چوقۇم تەدبىر قوللىنىلىشى كېرەك.
ئارقا كۆرۈنۈشى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالى چېگرا رايونى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز يۇرتىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىچە، بىر مىليونچە كىشى ھېچقانداق قانۇنى تەرتىپسىز قولغا ئېلىنغان. لاگېرلارغا قامالغان، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بۇ كىشىلەر تاجاۋۇز خاراكتېرلىك نازارەت قىلىنىش ۋە ئانا تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىي ئۆر- ئادەتلىرىنىڭ چەكلىنىشدىن پەيدا بولغان پىسىخىكىلىق بېسىمغا دۇچار بولغان. بۇ رايوندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى ئون مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش سېستىمىلىرى، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدە ھەر قانداق شەخسىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان كۆز- قۇلاقلار ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇرلانغان.
لاگېرلاردا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟
تاكى 2018- يىل ئاۋغۇستقا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن تېنىپ كەلگەن، كېيىن ئۇلار بۇ لاگېرلارنى «ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئۆز ئىخىتىيارىچە قاتناشقان تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ بايان قىلدى. مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 16- ئۆكتەبىردىكى پروگراممىسىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلار لاگېرلاردا خىتايچە ئۆگىنىۋاتقان، كەسپى تەربىيىلەشلەرنى قوبۇل قىلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆر- ئادەتلىرىنى ئويلىغىنىدا ئىنتايىن پۇشايمان تۇيغۇسىدا بولۇپ، خىتاي سىياسىي سېستىمىسىغا بولغان يېڭىچە مۇھەببەتلىرىنى ئىزھار قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆرسىتىلدى. ھەتتا مۇشۇ پروگراممىنىڭ كۆپلىگەن كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ تۇتقۇنلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كامېرالارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقانلىقى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
شاھىدلار لاگېرلارغا سولانغانلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە پىسىخىلىك ئازابلاردىن قىينىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ نېرۋا كېسەللىرىگە بېرىلىدىغان دورىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە. بەزى گۇۋاھلىقلاردا ئېيتىلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزىنى يارىلاندۇرىۋېلىشى ۋە ئۆلتۈرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا ئاياق يىپى ۋە كەمەرلەرمۇ يىغىۋېلىنغان. سىياسى تەربىيىلەشتە ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلار تاياق يېيىش، ئايرىم سولىنىش، دىنىي ئېتىقادى ۋە پىسىخىكىسىنى قاتتىق خورلايدىغان شەكىللەردە جازالىنىش قاتارلىقلارغا دۇچار بولغان. لاگېرلاردا ئۆلۈم- يېتىم ھەققىدىمۇ نۇرغۇن دوكىلاتلار بار بولۇپ، ياشانغان ۋە كېسەلچان كىشىلەر، ھەتتا تۇتۇلۇشتىن ئىلگىرى سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولغان ياشلارنىڭمۇ بۇلارنىڭ قاتارىدا ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. تۈركۈم- تۈركۈم كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار- يۇ، چىقالىغانلىرى پەقەت بىر قانچە.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى نېمە؟
خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەكىل خاراكېترلىك تاشقى سىياسەت قۇرۇلۇشى -«بىر يول، بىر بەلباغ» بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەقسىتى- زور كۆلەملىك ئۇل– مۇئەسسەسە پىلانى ئارقىلىق خىتاينى ئىقتىسادى جەھەتتىن ياۋرو- ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا تۇتاشتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش. خىتاينىڭ «بىر يول- بىر بەلباغ» نىڭ غەربي ۋە غەربى جەنۇپتىكى تەشكىلى قىسىملىرى ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپانىڭ ئاساسىي قىسىمى بىلەن بولغان تىجارەت يولىدا، شىنجاڭ (ش ت- ت) قاتناش ۋە سودا تۈگۈنى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان نۇقتىلىق رايون ھېسابلىنىدۇ. نەتىجىدە، خىتاي ئۈچۈن بۇ رايون بەكمۇ سىتراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇن بولۇپ قالدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پىلانىدىكى تەرەققىيات ۋە خەلقئارالىق ئىقتىسادى تورىنىڭ كەلگۈسى مەركىزى بولغان بۇ رايوننىڭ يەرلىك قەۋملىرىنى پۇتلىكاشاڭ ھېسابلىدى.
شىنجاڭ (ش ت-ت) دىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن سېستىمىسى باشقا ئۆلكىلەردىكى خىتايلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
خىتاينىڭ شىنجاڭ (ش ت- ت) دا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىجتىمائىي باشقۇرۇش» ئۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئىجرا قىلىنىشى بولۇپ، كومپارتىيە ئۈچۈن «ئىجتىمائىي باشقۇرۇش» ۋە «ئىجتىمائىي ئىشەنچ» تۈزۈلمىلىرىنىڭ نىشانى پەقەت خەلققە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتنى قوللايدىغانلىقىغا جەزم قىلدۇرۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ (ش ت- ت) دا تۈرمىلەر ۋە «قايتا تەربىيىلەش» مەركەزلىرى ئارقىلىق، تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان دىنىي ئېتىقادى «داۋالاپ ساقايتىلىشى» كېرەك ۋە تىل- يېزىقى مەجبۇرى يوقىتىلىشى كېرەك. بۇ خىلدىكى ئاشقۇن باھالاشلارنى خىتاينىڭ باشقا رايونلاردىكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ مۇستەبىت باشقۇرۇشىغا قارشى چىققۇچى خەلققە ئىشلىتىشى مۈمكىنچىلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقت قىلغىلى بولمايدۇ.
بۇ ۋەقە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلق ئۈچۈن يەنە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشىنى «تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت» دەپ ئاقلاۋاتىدۇ. دېمەك بۇ يەردە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا شىنجاڭ (ش ت- ت) نى نۇقتا قىلغان سىياسەتلىرىنى تېرورلۇققا قارشى قىلغان پائالىيەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغۇزماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شىنجاڭ (ش ت-ت) نى «نازارەت رايونى» قىلىشتا قوللانغان ئۇسۇللىرى ۋە تېخنىكىلىرىنى سىرتقا ئېكىسپورت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئەگەردە شىنجاڭ (ش ت- ت) دا بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر ئارقىلىق ئاشكارىلانمىغىنىدا ئىدى، ئۇ ھالدا بىز ئۆز ھاكىمىيىتىگە جىمجىت ھالدا قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەرگە «تېرورىست» دەپ قالپاق كىيگۈزىدىغان باشقا دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ خەلقنى ئۇجۇقتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولاتتۇق.
تەكلىپلىك سىياسەتلەر:
ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە بىخەتەرلىك شىركەتلىرىنى نۇقتا قىلغان ئىقتىسادى جازالار ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم مۇنازىرىلەر بولۇۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق پاناھلانغۇچىلارغا بېرىلىدىغان يېڭى شەكىللەردىكى ياردەملەر ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قانۇن ماقۇللاپ، خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا بەلگىلىك رول ئويناش ھەققىدە مۇلاھىزىلەرمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ باياناتنىڭ ئىمزالىغۇچىلىرى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ماقۇللايدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا نىسبەتەن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ:
1. بىز ھەر قايسى دۆلەت ۋە ئورگانلارنى شى جىنپىڭ ۋە چېن چۈەنگونىڭ «تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» شەكىلىدىكى لاگېر سېستىمىسىنى دەرھال يوقىتىشىنى ۋە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان رەسمىي بايانات ئېلان قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.
2. بىز ھەر قايسى دۆلەت ۋە ئورگانلارنى خىتاي رەھبەرلىرى ۋە مەزكۇر ۋەقەگە ھەمدەم بولۇپ كىرىم قىلىۋاتقان خىتاي ئىچى- سىرتىدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىگە قارىتا ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. بۇ جازا تۆۋەن قاتلامدىكى رەھبەرلەر بىلەنلا توختاپ قالماستىن، چېن چۈەنگودىن ئىبارەت شىنجاڭ (ش ت- ت) رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن سېستىمىسىنى بەرپا قىلغۇچىنى ئوبېكىت قىلىشى كېرەك. يەنە شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ (ش ت- ت) دا تور نازارەت سېستىمىسى قۇرۇپ، خەلقنى باستۇرۇشىغا ياردەمدە بولغان داڭلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
3. بىز ھەر قايسى دۆلەت ۋە ئورگانلارنى گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە تېز سۈرئەتتە پاناھلىق بېجىرىپ بېرىدىغان قانۇنى تەرتىپ تۇرغۇزۇشقا ۋە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى چېگرىدىن ھەيدەشنى بىردەك رەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.
4. بىز خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى يەر شارىنىڭ ھەر جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چېگرا ئاتلاپ پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار جايلاشقان مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسىلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە جىددى ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىق قىلىمىز.
5. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خەلقئارالىق كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا لاگېر سېستىمىسىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن ئون ئۈچ دۆلەتنى ب د ت نىڭ خىتايدىكى كۆلەملەشكەن تۇتۇپ تۇرۇش سېستىمىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە لاگېرلارنى تاقاتقۇزۇش ئۈچۈن باشلامچىلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمىز. بىز يەنە بۇ مەسىلىدە ئاۋاز چىقارمايۋاتقان ئاساسلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەرنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە- تاۋابىئات، ئۇرۇق- تۇققانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان دۆلەتلەرنى بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىمىز.
6. بىز خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان، بولۇپمۇ شىنجاڭ (ش ت- ت) دىن سودا- تىجارەت بازىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنى خىتايغا جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى ۋە بۇ رايوندىكى تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشنى ھەمكارلىقتىكى شەرت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىق قىلىمىز.
7. بىز خىتاي دۆلەتلىك پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پەن- تەتقىقات ئورگانلىرىنى شىنجاڭ (ش ت- ت) نىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋە تاكى جازا لاگېرلىرى تاقىلىپ، تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلمىگۈچە ھەمكارلىقنى توختىتىشىنى ئويلىشىشقا چاقىرىق قىلىمىز.
ئىمزا قويغۇچىلار: (كىشى ۋە يەر- جاي ئىسىملىرىنىڭ توغرا ۋە ئۆلچەملىك بولۇشى ئۈچۈن، ئېنگىلىزچىدىكى ئەسلى ئىمزا بېرىلدى.)
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (105 نەپەر)
Sean R. Roberts Assoc. Prof. and Director, Int’l Dev. Studies The George Washington University (US)
James Millward Professor of History Georgetown University (US)
Darren Byler Lecturer Department of Anthropology
University of Washington (US) Elise Marie Anderson PhD Candidate Indiana University (US)
Sandrine Emmanuelle Catris Assistant Professor of History Augusta University (US)
Timothy Grose, Assistant Professor of China Studies Rose-Hulman Institute of Technology (US)
Victor H. Mair Professor University of Pennsylvania (US)
Gardner Bovingdon Associate Professor Indiana University (US)
Dru C. Gladney Professor of Anthropology Pomona College (US)
Dr William Clark Adjunct Professor Northwest University (US)
Marlene Laruelle Director, Central Asian Program The George Washington University (US)
Anne Henochowicz Independent researcher
Wen-ling Liu Librarian for East Asian and Tibetan Studies Indiana University, Bloomington
Cynthia Werner Professor and Head of Anthropology Texas A&M University
Joseph Adler Professor Emeritus, Asian Studies and Religious Studies Kenyon College (US)
Ulug Kuzuoglu Lecturer Columbia University
Renat Shaykhutdinov Associate Professor Florida Atlantic University
Henryk Szadziewski PhD candidate Univ of Hawaii Manoa (US)
Arianne M. Gaetano Associate Professor of Anthropology Auburn University (US)
Eric Schluessel Assistant Professor of Chinese History and Politics University of Montana (US)
Amanda E. Wooden Associate Professor Bucknell University (US)
Dr Edward Lemon Global Fellow Kennan Institute (US)
Ling-wei Kung Phd Candidate Columbia University (US)
Dr. Memet Emin Columbia University Medical Center
Benjamin Gatling Assistant Professor Department of English George Mason University (US)
Jichang Lulu Independent researcher (US)
Andrew Seth Meyer Professor of History Brooklyn College City University of New York (US)
Turan Kayaoglu Professor of Political Science Associate Vice Chancellor for Research University of Washington-Takoma (US)
Noor O’Neill Borbieva, Ph.D. Associate Professor of Anthropology Purdue University Fort Wayne (US)
Michaela Pohl Associate Professor Vassar College, Ohio (US)
Ali İğmen Professor California State University, Long Beach, and President, Central Eurasian Studies Society (US)
Marianne Kamp Associate Professor Central Eurasian Studies Indiana University (US)
Oxana Shevel Associate Professor of Political Science Tufts University (US)
Alvin Y.H. Cheung Affiliated Scholar US-Asia Law Institute NYU School of Law (US)
Colleen Wood PhD Student Department of Political Science Columbia University (US)
Joshua Goldstein Associate Professor History and East Asian Languages and Cultures University of Southern California (US)
Michele Commercio Associate Professor, Political Science University of Vermont (US)
Adeeb Khalid Jane and Raphael Bernstein Professor of Asian Studies and History Carleton College (US)
Barrett L. McCormick Professor Marquette University (US)
Jeffrey Wasserstrom Chancellor’s Professor of History University of California Irvine (US)
Kelly Hammond Assistant Professor University of Arkansas (US)
Hussein Rashid, PhD Adjunct Faculty Columbia University (US)
Andrew J. Nathan Class of 1919 Professor of Political Science Columbia University (US)
Dorothy J. Solinger Professor, Emerita Dept. of Political Science University of California Irvine (US)
Eric McGlinchey Associate Professor of Politics George Mason University (US)
Ronald Brooks Wiley, PhD independent scholar (US)
Lesley R. Turnbull independent researcher (US)
Nazif Mohib Shahrani, PhD Professor of Anthropology, Central Asian and Middle Eastern Studies School of Global and International Studies Indiana University (US)
Elsa Kania PhD Student Harvard University (US)
David W. Montgomery Associate Research Professor University of Maryland (US)
Russell Zanca Professor, Department of Anthropology Northeastern Illinois University (US)
Carole McGranahan Associate Professor of Anthropology University of Colorado (US)
Emily T. Yeh Professor University of Colorado Boulder (US)
Morgan Y. Liu Associate Professor of Anthropology The Ohio State University (US)
Togzhan Kassenova Senior non-resident scholar Institute for International Science and Technology Policy Elliott School of International Affairs The George Washington University (US/Kazakhstan)
Nargis Kassenova Senior Fellow Program on Central Asia Davis Center for Russian and Eurasian Studies Harvard University (US/Kazakhstan)
Alessandro Rippa Postdoctoral Fellow University of Colorado Boulder (US)
Mehmet Volkan Kasikci PhD Candidate, History Arizona State University (US/Turkey)
Steven Sabol Professor of History UNC Charlotte (US)
Scott Radnitz Associate Professor Jackson School of International Studies University of Washington (US)
Mariusz Ozminkowski, Ph.D. California State Polytechnic University Pomona (US)
Edward Friedman Professor Emeritus University of Wisconsin (US)
Gail Helt Assistant Professor of Political Science King University (US)
Nader Hashemi Director of the Center for Middle East Studies University of Denver (US)
Magnus Fiskesjö, PhD Associate Professor Department of Anthropology Cornell University (US)
Mark Kramer Center Director Harvard University (US)
Jonathan Schwartz, Ph.D, Professor of Political Science and International Relations State University of New York, New Paltz (US)
Yao Lin Global Justice Program Yale Law School (US)
Mark LeVine Professor, Dept of History University of California Irvine (US)
Andrea Valedon PhD Candidate University of Michigan (US)
Charlene Makley Professor of Anthropology Reed College (US)
Graeme Robertson Professor, Director of the Center for Russian, Eurasian and East European Studies University of North Carolina at Chapel Hill (US)
Andrew C. Kuchins Senior Fellow and Research Fellow Georgetown University (US)
Sarah Tynen PhD Candidate and Researcher University of Colorado Boulder (US)
Alan Gilbert Distinguished University Professor Josef Korbel School of International Studies University of Denver (US)
Stephen Zunes Professor of PoliticsUniversity of San Francisco (US)
Anthony Tirado Chase Professor, Diplomacy & World Affairs Occidental College (US)
Semih Sahin PhD Candidate, Computer Science Georgia Institute of Technology (US)
Ezra Getzler Professor, Department of Mathematics Northwestern University (US)
John O. Voll Professor Emeritus of Islamic History Georgetown University (US)
Rory Truex Assistant Professor of Politics and International Affairs Princeton University (US)
Douglas Blum Professor of Political Science Providence College (US)
Jonathan Lipman Professor Emeritus of History Mount Holyoke College (US)
Professor Hatem Bazian Lecturer UC Berkeley and Zaytuna College (US/Palestine)
Tenzin Dorjee Researcher Columbia University and Tibet Action Institute (US)
Ann Elizabeth Mayer Associate Professor Emeritus of Legal Studies and Business Ethics Dept. of Legal Studies and Business Ethics The Wharton School University of Pennsylvania (US)
Yvonne Yazbeck Haddad Professor of the History of Islam and Christian-Muslim Relations School of Foreign Service Georgetown University (US)
John L. Esposito University Professor Georgetown University (US)
Victor Shih Associate Professor School of Global Policy and Strategy University of California at San Diego (US)
Jesse Driscoll Associate Professor School of Global Policy and Strategy University of California San Diego (US)
Arienne Dwyer Professor University of Kansas (US)
Michael Yahuda Professor Emeritus Visiting Scholar The George Washington University (US)
Martin Flaherty Visiting Professor Woodrow Wilson School of Public and International Affairs Princeton University (US)
Tom Farer University Professor University of Denver (US)
Professor Virginia Harper Ho Assoc. Dean of Int’l & Comparative Law University of Kansas School of Law (US)
Donald Clarke Professor of Law and David A. Weaver Research Professor of Law George Washington University Law School (US)
John Israel Professor of History Emeritus University of Virginia (US)
Hussein Rashid, PhD Adjunct Faculty Columbia University (US)
Mariya Y. Omelicheva Professor University of Kansas (US)
Steven I. Levine Research Faculty Associate Department of History University of Montana (US)
Kristian Petersen Assistant Professor of Philosophy and Religious Studies Old Dominion University (US)
Tamar Mayer, Ph.D. Robert R. Churchill Professor of Geosciences Middlebury College (US)
Stanley Toops Associate Professor Geography Miami University (US)
Max Oidtmann Assistant Professor Georgetown University Qatar (US/Qatar)
كانادا (7 نەپەر)
Dr. Yasin Mamatjan Princess Margaret Cancer Centre, Toronto The Translational Genomics Laboratory at the Ontario Institute for Cancer Research (OICR), Toronto (Canada)
Tsering Shakya Associate Professor Institute of Asian Research University of British Columbia (Canada)
André Laliberté Professor School of political studies University of Ottawa (Canada)
Ryan Dunch Professor, History and Classics Director, Program in Religious Studies University of Alberta (Canada)
Juliet Johnson Professor of Political Science McGill University (Canada)
Mohammad Fadel Professor of Law University of Toronto Faculty of Law (Canada)
Sandra Hyde Associate Professor of Anthropology McGill University (Canada)
ئەنگىلىيە (44 نەپەر)
Dr Joanne Smith Finley Senior Lecturer in Chinese Studies Newcastle University (UK)
Michael Dillon Independent Scholar PhD FRHistS FRAS (UK)
Dr James McMurray Research Associate University of Sussex (UK)
Rachel Harris Reader in the Music of Central Asia and China SOAS University of London (UK)
Dr. Anna Sehnalova University of Oxford & Ruhr-Universität Bochum (UK/Germany)
Hugh N. Kennedy Professor of Arabic SOAS University of London (UK)
Dibyesh Anand Professor of International Relations University of Westminster (UK)
Laleh Khalili Prof of Middle East Politics SOAS University of London (UK)
Jessica Siu-yin Yeung PhD Candidate Centre for Cultural, Literary and Postcolonial Studies SOAS University of London (UK)
Hannah Theaker Junior Research Fellow in Oriental Studies University of Oxford (UK)
Dr Andreas Fulda Assistant Professor in Contemporary Chinese Studies School of Politics and International Relations University of Nottingham (UK)
Dr. C. M. Anjam Khan Senior Lecturer and Principal Investigator Institute for Cell and Molecular Biosciences The Medical School University of Newcastle (UK)
Eva Pils Professor of Law Director of Doctoral Studies Dickson Poon School of Law King’s College London (UK)
Dr. Patricia Oliart Senior Lecturer in Latin American Studies Newcastle University (UK)
David Leat Professor of Curriculum Innovation Newcastle University (UK)
Professor Kate Chedgzoy Professor of Renaissance Literature School of English Literature, Language and Linguistics Newcastle University (UK)
Professor David Clarke Professor of Music University of Newcastle upon Tyne (UK)
Dr Sarah Leahy Senior Lecturer Newcastle University (UK)
Liam Devereux PhD Candidate, Central Asian Studies Newcastle University, (UK)
Dr Caleb Johnston School of Geography, Politics and Sociology Newcastle University (UK)
Dr Nick Megoran Reader in Political Geography Newcastle University (UK)
Dr Hanneke Jones Senior Lecturer Newcastle University (UK)
Dr Abigail Schoneboom Research Associate School of Architecture Planning and Landscape, Newcastle University (UK)
Séagh Kehoe Teaching Fellow in Modern Chinese History University of Leicester (UK)
Timon Screech Professor of the History of Art SOAS University of London (UK)
Dr. Tsering Topgyal Lecturer in International Relations Communications Lead (POLSIS) Department of Political Science and International Studies University of Birmingham (UK)
Madeleine Reeves Senior Lecturer, Social Anthropology University of Manchester (UK)
Clifton Evers PhD Lecturer in Media and Cultural Studies Newcastle University (UK)
Dr Simon Mabon Senior Lecturer and Director of the Richardson Institute for Peace Studies Lancaster University (UK)
Rowan Pease SOAS University of London (UK)
Dr Joanne Sayner Senior Lecturer in Cultural and Heritage Studies Newcastle University (UK)
Dr Gerard O’Brien Lecturer, Food Science School of Biomedical Sciences Newcastle University (UK)
Rian Thum Senior Research Fellow University of Nottingham (UK)
Alexander Morrison Fellow & Tutor in History New College Oxford (UK)
Pablo A. Rodríguez-Merino Doctoral Researcher Warwick University (UK)
Sema Ejder PhD Candidate Newcastle University (UK)
Naomi Standen Professor of Medieval History University of Birmingham/International Institute for Asian Studies, Leiden (UK/Netherlands)
William A. Callahan Professor of International Relations London School of Economics and Political Science (UK)
Dr. Isaac Scarborough London School of Economics (UK)
Dr David W. Golding CBE Associate, Institute for Sustainability, and Honorary Chaplain Newcastle University (UK)
Dr John Heathershaw Associate Professor of International Relations Universty of Exeter (UK)
Harald Bøckman Visting Senior Fellow London School of Economics and Political Science (UK)
Dr Joseph Lawson Lecturer in Modern Chinese History Newcastle University (UK)
Chiara Bellini Postdoctoral Researcher in Himalayan Art School of Oriental and African Studies, SOAS University of London (UK)
ئاۋسترالىيە (14 نەپەر)
Nathan Attrill PhD Candidate Australian National University (Australia)
Dr Feng Chongyi Associate Professor in China Studies Faculty of Arts and Social Sciences University of Technology, Sydney (Australia)
Anita Chan Visiting Fellow Political & Social Change Department Australian National University (Australia)
Geremie R Barmé, Professor Emeritus, Chinese History, The Australian National University (Australia)
Jonathan Unger Professor, Political & Social Change Department Australian National University, Canberra (Australia)
Samantha Hoffman Non-Resident Fellow Australian Strategic Policy Institute (Australia)
Fergus Ryan Analyst Australian Strategic Policy Institute (Australia)
Louise Edwards Professor of History University of New South Wales (Australia)
Michael Clarke Associate Professor National Security College Australian National University (Australia)
David Brophy Senior Lecturer University of Sydney (Australia)
James Leibold Associate Professor La Trobe University (Australia)
Kevin Carrico Senior Lecturer Macquarie University (Australia)
Dr Thomas Chase Lecturer Monash University-Southeast University Joint Graduate School (Australia/China)
David O’Brien Assistant Prof., Chinese Studies Nottingham University (Australia)
ئاۋسترىيە (بىر نەپەر)
Dr. Jan M.A. van der Valk, PhD Postdoctoral Researcher Department of South Asian, Tibetan and Buddhist Studies (ISTB) University of Vienna (Austria)
بېلگىيە (تۆت نەپەر)
Vanessa Frangville Senior Lecturer Université libre de Bruxelles (Belgium)
Thierry Kellner Lecturer Université libre de Bruxelles (Belgium)
Ms Solange Chatelard Research Associate Universite Libre de Bruxelles (Belgium)
Françoise Lauwaert Associate Professor Université libre de Bruxelles (Belgium)
چېخ جۇمھۇرىيىتى (10 نەپەر)
Prof. Olga Lomová Director, Institute of East Asian Studies Charles University in Prague (Czech Republic)
Malika Bahovadinova Research Fellow Oriental Institute Czech Academy of Sciences (Czech Republic)
Jonas Vlasak PhD student The Charles University (Czech Republic)
Ing. Martina Varkočková, Ph.D. Department of Security Studies Metropolitan University Prague (Czech Republic)
Lukáš Zádrapa Docent Institute of East Asian Studies Charles University (Czech Republic)
Jakub Otčenášek Researcher Center of Asian Studies University of Economics, Prague (Czech Republic)
Rachel Mikos PhD Candidate Institute of South and Central Asia Charles University in Prague (Czech Republic)
Mgr. Branislav Makuch Mongolian studies Charles University in Prague (Czech Republic)
Dr. Jarmila Ptackova Oriental Institute Czech Academy of Sciences (Czech Republic)
Ondřej Klimeš Researcher Oriental Institute of the Czech Academy of Sciences (Czech Republic)
دانىيە (بىر نەپەر)
Dr. Ildikó Bellér-Hann Associate Professor University of Copenhagen (Denmark)
فىرانسىيە (13 نەپەر)
Matthew Kapstein Directeur d’études, Ecole Pratique des Hautes Etudes (France)
Dilnur REYHAN (POLAT) Enseignante à Institut National des Langues et Civilisations Orientales (INALCO), (France)
Alexandre Papas Senior Research Fellow CNRS (France)
Guilhem Fabre Professor, Department of Chinese Université Paul Valéry-Montpellier 3 (France)
Jean-Philippe Béja Research professor Emeritus CNRS-CERI-Sciences-Po (France)
Jacques Pimpaneau Professeur émérite de langue et littérature chinoises l’Institut Nationale des Langues et Civilisations Orientales (INALCO, France)
Sabine Trebinjac Directrice de recherché Centre National de la Recherche Scientifique (CNRS) (France)
M.-D. Even Chargée de recherche GSRL (Groupe Sociétés, Religions, Laïcités) UMR 8582, CNRS-EPHE-PSL (France)
Katiana Le Mentec Research Associate CNRS (France)
Federica Venturi Researcher, TibArmy Project, CRCAO CNRS (France)
Emanuela Garatti PhD candidate Ecole Pratique des Hautes Etudes / Ludwig-Maximilians-Universität (France/Germany)
Marie-Paule Hille Maître de conférences (Associate Professor) EHESS Paris Centre d’études sur la Chine moderne et contemporaine (France)
Katia Buffetrille Researcher École Pratique des Hautes-Études, Sorbonne, Paris (France)
فىنلاندىيە (بىر نەپەر)
Dan Fairbrother Research Fellow in History of Science and Ideas Oulu University (Finland)
گېرمانىيە (يەتتە نەپەر)
Adrian Zenz Independent Researcher
Dr. Kristin Shi-Kupfer Director of Politics, Society and Media Research Area Mercator Institute for China Studies (MERICS) (Germany)
Heiner Roetz Retired Professor (Germany)
Dr Cathy Cantwell Mercator Fellow (Researcher in Tibetan Studies), University of Bochum (Germany)
Prof. Dr. Jaroslav Poncar Retired Professor of Physics Cologne Technical University (Germany)
Dr. Mareike Ohlberg Research Associate Mercator Institute for China Studies (MERICS), Berlin (Germany)
Camille SIMON wissenschaftliche Mitarbeiterin (Post-doctoral fellow) Ruprecht-Karl Universität, Heidelberg (Germany)
Dr Botakoz Kassymbekova Research Associafe Technical University Berlin (Germany/Kazakhstan)
ئىرلاندىيە (ئۈچ نەپەر)
Kathleen Cavanaugh College Lecturer Irish Centre for Human Rights National University of Ireland (Ireland)
Dr Isabella Jackson Assistant Professor in Chinese History Department of History Trinity College Dublin, the University of Dublin (Ireland)
Dr Ross Holder Post-Doctoral Rearcher Trinity College Dublin (Ireland)
ئىتالىيە (بىر نەپەر)
Igor Rogelja Max Weber Fellow European University Institute (Italy)
گوللاندىيە (بەش نەپەر)
Hilde De Weerdt Professor of Chinese History Leiden University (The Netherlands)
Ruben Gonzalez-Vicente University Lecturer Leiden University (Netherlands)
Artemy M. Kalinovsky Senior Lecturer, East European Studies University of Amsterdam (Netherlands)
Julie McBrien, PhD Assistant Professor, Department of Anthropology Research Programme Group Director, AiSSR University of Amsterdam. (Netherlands)
Prof. Dr. Ruud Peters Em. Prof. Islamic studies University of Amsterdam (Netherlands)
نورۋېگىيە (ئىككى نەپەر)
Prof. Em. Per Kværne University of Oslo (Norway)
Koen Wellens Associate Professor University of Oslo (Norway)
سلوۋاكىيە (بىر نەپەر)
Prof. Martin Slobodnik Comenius University in Bratislava (Slovakia)
شۋېتسىيە (بىر نەپەر)
Dr. Nathan Light Department of Cultural Anthropology and Ethnology Uppsala University (Sweden)
ياپونىيە (ئۈچ نەپەر)
Dr. Masumi MATSUMOTO Professor Muroran Institute of Technology (Japan)
Akiro Matsumoto Professor Emeritus St.Thomas University of Osaka (Japan)
Dr Seiji Nishihara Professor of Economics International University of Kagoshima (Japan)
قازاقستان (21 نەپەر)
Nygmet Ibadildin Assistant professor Kimep University (Kazakhstan)
Dr. Zhar Zardykhan Assistant Professor KIMEP University (Kazakhstan)
Ablet Kamalov Professor Turan University (Almaty, Kazakhstan)
Akimjan Arupov Director The Institute of International Relations and World Economy (Almaty, Kazakhstan)
Alimjan Tilivaldi-Khamrayev Chief Research Associate Institute of Literature and Art named after O. Auezov (Almaty, Kazakhstan)
Dilfuza Roziyeva Senior Lecturer The Kazakh University of International Relations and World Languages named after Abylay-khan (Almaty, Kazakhstan)
Dilinur Kassimova Associate Professor Suleyman Demirel University (Kaskelen, Kazakhstan)
Gulzhahan Khadjieva Professor Turan University (Almaty, Kazakhstan)
Karlin Makhpirov Director International Social Foundation “Turan Dunyasi” (Almaty, Kazakhstan)
Madinam Nassirova Associate Professor The Kazakh University of International Relations and World Languages named after Abylay-khan (Almaty, Kazakhstan)
Marat Assimov Professor Medical University named after S.D. Asfandiyarov (Almaty, Kazakhstan)
Munovar Yunussova Associate Professor The Kazakh University of International Relations and World Languages named after Abylay-khan (Almaty, Kazakhstan)
Rakhmetjan Yussupov Independent Researcher (Almaty, Kazakhstan)
Risalat Karimova, Dr., Head of the Center of Uyghur Studies Institute of Oriental Studies named after R.B.Suleimenov (Almaty, Kazakhstan)
Rizvangul Ilyassova Associate Professor The Kazakh National Pedagogical University named after Abay (Almaty, Kazakhstan)
Rushangul Avakova Professor Al-Farabi Kazakh National University (Almaty, Kazakhstan)
Rufat Bavdinov Assistant Professor The International University of Informational Technologies (Almaty, Kazakhstan)
Ruslan Arziev Associate Professor ‘Orleu’ Institute of Pedagogical Qualification (Almaty, Kazakhstan)
Shaimardan Sharipov Professor Suleyman Demirel University (Kaskelen, Kazakhstan)
Valeriy Makhpirov Professor The Kazakh University of International Relations and World Languages named after Abylay-khan (Almaty, Kazakhstan)
Zulfiya Karimova Senior Research Associate Institute of Oriental Studies named after R.B. Suleimenov (Almaty, Kazakhstan)
تۈركىيە (29 نەپەر)
Prof Dr Mehmet Özden Hacettepe University, Faculty of Literature, Department of History Ankara/ Turkey
Halim Alperen Citak PhD Candidate, Public Law Ankara HBV University (Turkey)
Seçkin Köstem George F. Kennan Fellow, Kennan Institute, Wilson Center Assistant Professor, Department of International Relations, Bilkent University
Prof. Dr. Abdürreşit Celil KARLUK Ankara Haci Bayram Veli University (AHBV) (Turkey)
Dr. Nimetcan Mehmet Yıdırım Beyazıt Üniversitesi (Turkey)
Turgay Dugen PhD Candidate, International Relations Ankara Hacı Bayram Veli University (Turkey)
Ozden Ozbay (PhD) Sociology Sivas Cumhuriyet University (Turkey)\
Xirenguli Keyimu University of health sciences, Istanbul (Turkey)
Prof. Dr. Orhan Kavuncu Department of Genetics and Bioengineering Kastamonu University (Turkey)
Assos.Prof. Dr. Ayse Kavuncu Department of political science Yıldırım beyazıt University (Turkey)
Murat ÇEMREK, PhD Prof. of Int’l Relations Chair Sosyal ve Beseri Bilimler Fakültesi NECMETTIN ERBAKAN ÜNIVERSITESI (Turkey)
Vehbi Başer PhD Assoc.Prof. in Applied Sociology Dept. of Pol.Sci.&Publ.Addm. Kocaeli University (Turkey)
Seyma AKIN Lecturer Necmettin Erbakan University in Konya, (Turkey)
Dr. Mehmet Dikkaya Professor Kırıkkale University (Turkey)
Emrah SENEL MD, Prof., Pediatric Surgery Yildirim Beyazit University (Turkey)
Ibrahim ATABEY Assist. Prof., Modern Turkish Dialects and Literatures Ankara Haci Bayram Veli University (Turkey)
Bulent AKSOY Assoc. Prof., Geography Gazi University (Turkey)
Mehmet OZ Prof. Dr., History Hacettepe University (Turkey)
Mehmet SAHİNGOZ Prof. Dr., History Gazi University (Turkey)
Mustafa Yilmaz Prof. Dr., History Hacettepe University (Turkey)
Ramazan ACUN Prof. Dr., History Hacettepe University (Turkey)
Ayse Filiz Yavuz Prof. Dr., Gynecologist Yildirim Beyazit University (Turkey)
Aybala AKSOY Prof. Dr., Family and Consumer Studies Kastamonu University (Turkey)
Gonca EKSİ Assoc. Prof., English Language Teaching Gazi University (Turkey)
Ufuk KARAKUS Assoc. Prof., Geography Gazi University (Turkey)
Ayşenur Kılıç Aslan Assist. Prof. of Political Science Social Sciences University of Ankara (Turkey)
Ferhat ARIK Assistant Prof., Sociology Hatay Mustafa Kemal University (Turkey)
Dr. Ferit Salim SANLI Hacettepe University Ataturk Institute for Modern Turkish History (Turkey)
Sener Akturk Associate Professor Koc University (Turkey)
خىتاي (ئىككى نەپەر)
Isabel Morais Associate Professor University of Saint Joseph Macau (China)
(Dr) Mark Stevenson Honorary Fellow, College of Arts and Education, Victoria University, Australia Adjunct Associate Professor, Department of Anthropology The Chinese University of Hong Kong (China)
تەيۋەن (بىر نەپەر)
Kerim Friedman Associate Professor National Dong Hwa University (Taiwan)
سىنگاپور (بىر نەپەر)
Dr. Ying Ruo Show Postdoctoral Fellow Asia Research Insitute National University of Singapore (Singapore)
مالايسىيا (بىر نەپەر)
Rosey Wang Ma (PhD) Independent researcher (Malaysia/Turkey)
ئىسرائىلىيە (بىر نەپەر)
Tang Danhong East Asian Studies Tel Aviv University (Israel)
مىسىر (بىر نەپەر)
Bahey eldin Hassan Director, The Cairo Institute for Human Rights Studies (CIHRS) (Egypt)
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.