خىتاينىڭ كىچىك تىپتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتى جىددىي ئۆرلىمەكتە

خىتاي مەركىزى مالىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يېقىندا مەلۇمات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىچىدىكى كىچىك تىپتىكى بانكىلارنىڭ يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە مالىيە ۋاقىت گېزىتى مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتى بۇ ھالەتتە ئېشىۋەرسە، ھۆكۈمەت داۋاملىق تۈردە ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان قەرز تەمىنلىگۈچىلەرنى قۇتقۇزماسلىق ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: مەمەتجان بۇغرا

2019-6-21

خىتاي مەركىزى مالىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يېقىندا مەلۇمات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىچىدىكى كىچىك تىپتىكى بانكىلارنىڭ يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە مالىيە ۋاقىت گېزىتى مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتى بۇ ھالەتتە ئېشىۋەرسە، ھۆكۈمەت داۋاملىق تۈردە ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان قەرز تەمىنلىگۈچىلەرنى قۇتقۇزماسلىق ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي مەركىزى مالىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خېنەن ئۆلكىسىدىكى بەزى بانكىلاردىكى يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتى 2018 -يىلى 40% كە يەتكەن. ستاتىستىكا قىلىنغان 42 بانكا ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ قايتۇرۇۋالالمايدىغان قەرز نىسبىتى يۇقىرى چەك 5%»تىن ئېشىپ كەتكەن، 12 بانكىنىڭ 20%»تىن ئاشقان، بىر نەچە بانكىنىڭ قايتۇرۇۋالالمايدىغان قەرز نىسبىتى 40%»تىن ئاشقان. ئانالىزدا بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ چوڭ تىپتىكى بانكىلىرى يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتىنى كونترول قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھەرقايسى شەھەرلىك ۋە يەرلىك سودا بانكىلىرى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ بارماقتا ئىكەن.

  مەنبە: https://www.ft.com/content/8d163fec-59b9-11e9-9dde-7aedca0a081a  

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

شى جىنپىڭنىڭ چاۋشىيەن زىيارىتى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟

جۈ ئىيۇن 21 , 2019
شىجىنپىڭ روسىيە پىرزىنتى پۇتىن بىلەن كۈرەشكەندىن كېيىن 17-چىسلا تۇيۇقسىز چاۋشىيەن زىيارىتىنى ئاشكارلىدى.شۇنداقلا ئامېرىكا پىرزىنتى دونالىد تىرامپقا تېلفۇن قىلىپ بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە ئۆتكۈزۈلدىغان G20 يىغىندا ئۆزى بىلەن كۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like