خىتاينىڭ «جىنايەت مۇزېيى»، بىڭتۇەن مۇزىيخانىسى قايتا ئېچىلدى

خىتاينىڭ «جىنايەت مۇزېيى»، بىڭتۇەن مۇزىيخانىسى قايتا ئېچىلدى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 23-ئاۋغۇست

ئارمان

خىتاي تاراتقۇسى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېلان قىلىشىچە: خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ جىنايەت ئورگىنى بولغان «ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش دېۋىزىيەسى» زور مەبلەغ ئاجرىتىپ شىخەنزە شەھىرىدە «بىڭتۇەن مۇزېيىنى» قايتا كېڭەيتىپ قۇرۇپ، 18-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئېچىلغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە بۇ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىلغان بولۇپ، مۇزېيغا 1500 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 1400دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماددىي بۇيۇمى، 23 كۆپ ۋاسىتىلىك ئېكران، ئالتە سېزىمچان ھەمتۈرتكە ئېكرانى قاتارلىقلار سەپلەشتۈرۈلگەن ئىكەن. كۆرگەزمە سىستېمىسى بويىچە مۇقەددىمە زالى، «چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، مۇستەھكەملەش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش» «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئاساس يارىتىش» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش» «يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» ۋە ئاخىرقى زال —«بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈش» تىن ئىبارەت ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن.

مەلۇمكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى 1949-يىلى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ۋەتىنىمىز بايلىقلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مونوپول قىلىش، دېھقانچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنى تولۇق ئىگىلەش مەقسىتىدە، 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى «خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيەسى» نى قۇرۇپ چىققان. خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ئوچۇقتىن -ئوچۇق يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا جۈملىدىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە بولۇپ باقمىغان بۇ غەيرىي ھەربىي قىسمىنى دۆلەت ئىچىدە «بىڭتۇەن» دەپ ئاتىغان بولسا، خەلقئارادا «خىتاي شىنجىيەن گۇرۇھى» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ كەلگەن. خىتاينىڭ بۇ جىنايى ئورگىنى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ تا بۈگۈنگە قەدەر ۋەتىنىمىزنىڭ يەر- زېمىن بايلىقلىرىنى، دېھقانچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش مەنبەلىرىنى بۇلاڭ تاراڭ قىلىشىنى توختىتىپ باقمىغان. يەنە بىر جەھەتتىن «شىنجاڭغا ياردەم» دېگەن ناملار بىلەن توختىماستىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن نوپۇس يۆتكەپ بىڭتۇەنگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 2020-يىلىغا كەلگەندە بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى 3مىليون 200مىڭغا يەتكەن( خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات). بىڭتۇەن جەمئىي 14 دېۋىزىيەگە بۆلۈنگەن بولۇپ،  185 دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا سىستېمىلىق ھالدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە تولۇق تارىلىپ ئىشغال قىلغان.  

 «بىڭتۇەن مۇزېيى» 1988-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ بۇ 3- قېتىملىق كېڭەيتىپ قايتا قۇرۇلۇشى ئىكەن. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى بۇ مۇزېي ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: » ئەمەلىيەتتە بۇ مۇزېي خىتاي شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قارشى تاجاۋۇزچىلىق، ئېكسپىلاتاتسىيە تارىخىنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىدىغان ھەقىقىي پاكىتتىن ئىبارەت.» 

Uyghur Reporter

Next Post

بېلگىيەدىكى ختاي رېستوران خوجايىنىنى بۇلىغان 6 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان

دۈ ئاۋغۇست 23 , 2021
بېلگىيەدىكى رېستوران خوجايىنىنى بۇلىغان 6 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان

You May Like