خىتاينىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى قاتتىق ئاشتى، مايۈنگە بىر كۈندە قەرز ئېلىش ئۈچۈن بەش تېلفۇن كەلدى.

22-چىسلا «جېجىياڭ سودا ئۇيۇشمىسى» 2019-يىللىق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا ئۇيۇشما رەئىسى، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ سابىق رەئىسى، خىتايدىكى 1-باي مايۈن يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئېچىلىپ قالدى. 20-چىسلا جۈمە كۈنى مايۈننىڭ 5دوستى ئارقا-ئارقىدىن قەرز سوراپ تېلفۇن قىلغان

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-12-24

 

ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى سايئوغلى

 

22-چىسلا «جېجىياڭ سودا ئۇيۇشمىسى» 2019-يىللىق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا ئۇيۇشما رەئىسى، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ سابىق رەئىسى، خىتايدىكى 1-باي مايۈن يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئېچىلىپ قالدى. 20-چىسلا جۈمە كۈنى مايۈننىڭ 5دوستى ئارقا-ئارقىدىن قەرز سوراپ تېلفۇن قىلغان. مەلۇمكى مايۈنگە بىۋاستە تېلفۇن قىلىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشلەيدىغان سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەر چوڭ تىجارەتچىلەر بولىدۇ. نورمال بىر تىجارەتچى ئۇنىڭ نۇمۇرىنىمۇ بىلەممەيدۇ، ياكى ئۆزى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشەلمەيدۇ. بۇ تىجارەتچىلەر يىل ئاخىرىدا قەرز قايتۇرۇش ۋە ئىش ھەققى تارقىتىش ئۈچۈن قەرز ئالىدۇ. مايۈننى ئەلى بابا گۇرۇھىدىكى نۇپۇزىدىن پايدىلىنىپ قەرز بېرىپ تۇردىمۇ دەيلى، بۇ شىركەتلەر كېلەر يىلقى چاغاندىن كېيىنكى كىرزىس پاتقىقىدىن چىقالىشى ناھايىتى تەس. بۇ خىتايدىكى چوڭ شىركەتلەر ئۇچرىغان كۆلىمى كىچىك بولىمىغان ئەھۋالدەك قىلىدۇ. خىتاينىڭ تۈنۈگۈن ئىسلاھات خاراكتىرلىك خەلىق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى قوللاش توغرىسىدىكى قارارى ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرسە كېرەك. ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئەنشىن پايچەكلىرى (安信证券)ئىقتىسادسۇناشى گاۋ شەنۋېن (高善文) خىتاي ئىقتىسادى توغرىسىدا توختىلىپ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يىللىق يۈكسىلىش نىسبىتىنىڭ %5 دىن تۈۋەن بولىدىغانلىقىنى ئوتتورغا قويغاندىن كېيىن قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىلىپ، بىر كۈن كېيىن گاۋ شەنۋېننىڭ بۇ سۆزى تور دۇنياسىدىن ئۆچۈرۈلگەن. خىتاينىڭ تور دۇنياسىغا دىققەت قىلغانلار بىلىدۇ، ياشلارنىڭ ئىشسىز قېلىپ ئۆيدىكىلەرگە دىيەلمەي كۈنلىرىنى قەھۋەخانىلاردا ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، بۇنداقلار ئادەتتىكى ئىشلارنى ياراتمايدىغان چەتئەل شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن «نوچىلار» ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا ۋە بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.خىتاينىڭ سىتاتسىتكا ئىدارىسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى مەلۇم قىلماي يۇشۇرۇپ ھەر يىللىق يۈكسىلىش نىسبىتىنى %6دىن يۇقىرى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئىشسىزلىق نىسبىتىنى بولسا 4.8%ئېلان قىلغان. بۇيىل يىل ئاخىرىغا كەلگەندە 5.1%ئېلان قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئېغىر يۇشۇرۇش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ تەخمىنى ھىسابىغا كۆرە خىتاينىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى كە يەتكەن. تەخمىنى سان بولغىنى ئۈچۈن %4نى تاشلىۋەتكەندىمۇ دىن كەم ئەمەسكەن. مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ، «چوشقىلانىڭ ئۇچۇشى»غا ئوخشاش مىساللار، يۇقىردىكى ئەھۋاللارمۇ بۇ ساننى تەستىقلايدۇ. قاچانغىچە يۇشۇرۇپ ئاشكارلىمايدۇ بۇنىسى نامەلۇم ئەمما كىسەلنى يۇشۇرسا ئۆلىمى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇنچە يۇقىرى ئەھۋالدا خىتايدا نېمىشقا قارشىلىق ھەركەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ؟ خىتاي ئۇچۇرنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چۈشۈش ئەھۋالىنى خەلىقتىن قاتتىق يۇشۇرۇپ كەلگەن،ئىشسىز قالغانلارنى ئۆزىنىڭ سەۋىيسىنىڭ تۈۋەنلىكىدىن،تەلىينىڭ يوقلىقى دەپ چۈشەندۈرگەن. جەمىئەتتە ئېقىپ يۈرگەن پىكىرلەرنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلغان بولۇپ، ئىقتىسادى چېكىنىشنى خەلىققە سەزدۈرمەسلىككە،سەزگەنلەرنىڭ ئېغىزىغا چىقماسلىققا تىرشىپ كەلگەن. بۇ مۇمكىنمۇ؟ چاۋشىيەن خەلقى ھازىرغىچە ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك خەلىق ھىساپلاپ كەلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 16

Next Post

خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلىرىدە روژدېستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈش چەكلەندى

چا دېكابىر 25 , 2019
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ 24-چىسلادىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكە،شەھەرلىرىدە روژدېستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

You May Like