خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا خوڭكوڭ ۋەزىيتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
1-ئۆكتەبىر، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى خوڭكوڭلۇقلار «دۆلەت بايرىمى ئەمەس، دۆلەت ھەيۋىسنى كۆرسىتىش كۈنى »دىگەن تىمىدا نامايىش قىلماقچى بولغان. ئەمما خوڭكوڭ ساقچى تەرەپ توسقۇنلۇق قىلغان. خوڭكۇڭلۇقلار ئالتە رايۇندا بىر ۋاقىتتا تەڭ نامايىش ئۇرۇنلاشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-يىلى 3-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

1-ئۆكتەبىر، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى خوڭكوڭلۇقلار «دۆلەت بايرىمى ئەمەس، دۆلەت ھەيۋىسنى كۆرسىتىش كۈنى »دىگەن تىمىدا نامايىش قىلماقچى بولغان. ئەمما خوڭكوڭ ساقچى تەرەپ توسقۇنلۇق قىلغان. خوڭكۇڭلۇقلار ئالتە رايۇندا بىر ۋاقىتتا تەڭ نامايىش ئۇرۇنلاشتۇرغان.

نامايىش جەريانىدا ئىككى تەرەپ تۇقۇنۇشى يۈز بەرگەن ساقچى تەرەپ راست قورال ئىشلىتىپ ئاسمانغا ئوق چىقارغان. ئارقىدىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىق ئۇقۇغۇچىسىغا ئوق چىقىرىپ يەرگە يىقىتىقان. بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ مەيدە سول تەرەپكە ئوق تەككەن بولۇپ جىددى قۇتقۇزۇشتىن كېيىن ھاياتى خەتەردىن قۇتۇلغان. خوڭكوڭ باش ئەمەلدارى كەرى لام 1-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن كەيپىياتنى تەڭشىمەك ئۈچۈن خەلىققە يۇمشاق سۆز قىلىپ كوچىلارغا چىقماسلىققا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ،ئارقىدىن بىر قولىدا خەلىققە ساقچى ۋاسىتىسى بىلەن راسىت قورال ئىشلەتكەن.

ساقچىلار بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنى ئاقلاپ بۇ ئۆزىنى قوغداش جەريانىدا بولغان ئىش، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قول تاپانچىسى بىلەن ئوق ئېتىلغان دىيىلگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىنىڭ قېنى تۆكۈلگەن. خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نەپرىتى تېخىمۇ ئاشقان

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى خىتابنامىسى

شە ئۆكتەبىر 5 , 2019
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا، كونا نەرسىلەرنى ئاغدۇرۇپ يېڭى نەرسىلەرنى قۇرۇش بىر مۇقەررەرلىك، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ناۋادا مەۋجۇد ھۆكۈمەت خەلىق تەرىپىدىن قۇرۇلمىسا، خەلق تەرىپىدىن باشقۇرۇلمىسا، خەلىق تەرىپىدىن بەھىرلىنىلمىسە، كىشىلەرنىڭ خەلققە تەۋە ھۆكۈمەتنى قۇرۇشىمۇ ھەقلىقتۇر. ھازىرقى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خەلقى تەرىپىدىن قۇرۇلمىغان، باشقۇرۇلمىغان، بەھىرلىنىلمىگەن، شۇڭا بىز بۈگۈن خوڭكوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدۇق.

You May Like