خىتاينىڭ 23 ئۆلكىسىدە چوشقا ۋاباسى تارقالدى

خىتاي يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋرىدە: گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھرى شىياڭجۇ رايونىدىكى بىر قۇشخانىدا ئافرىقا چوشقا ۋاباسى بايقالدى، بۇ جۇجىياڭ دېلتىسى رايونىدا چوشقا ۋاباسىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولۇپ، چوشقا ۋاباسى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 23 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلىرىغا يامرىدى، دەپ ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 19- دىكابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: نەفىسە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-22

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋرىدە: گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھرى شىياڭجۇ رايونىدىكى بىر قۇشخانىدا ئافرىقا چوشقا ۋاباسى بايقالدى، بۇ جۇجىياڭ دېلتىسى رايونىدا چوشقا ۋاباسىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولۇپ، چوشقا ۋاباسى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 23 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلىرىغا يامرىدى، دەپ ئېلان قىلدى.

دوكىلاتتا:بۇ قۇشخانا 50 تۇياق چوشقىنى بوغۇزلىماقچى بولغاندا، 11 تۇياق كىسەل چىققان، 11 تۇيىقى ئۆلگەن. ۋابا يۈز بەرگەندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يەرلىككە نازارەت گورۇپىسى ئەۋەتكەن، يەرلىك ئورۇن تەلەپكە ئاساسەن جىددىي قۇتقۇزۇش مىخانىزىمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قامال قىلىش، ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش، زىيانسىز بىر تەرەپ قىلىش، دېزىنفىكسىيەلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى چوشقا ۋابالى يۇقۇمىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئاشكارىلىمىغان. خىتايدا 8.ئاينىڭ بېشىدىلا چوشقا ۋابالى تارقالغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم لىياۋنىڭدا، كىيىن شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە، شەنشى، خېنەن، جىياڭسۇ قاتارلىق 23 ئۆلكىدە شىددەت بىلەن يامرىغان،ھازىرغىچە 90 قېتىم چوشقا ۋابالى ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ب د ت ئاشلىق_يىزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ئافرىقا چوشقا ۋابالى ۋېرۇسىنىڭ نۆۋەتتە ئالدىنى ئىلىش ۋاكسىنىسىنىڭ يوقلۇقىنى، داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ جان ئالغۇچى كىسەل ئىكەنلىكىنى، چوشىقىلارغا يۇقۇپلا قالسا، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %100 بولىدىغانلىقىنى ئىيتقان.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/china-swine-flu-20181219/4707109.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئەنقەرە سامالىرىدا كۆك بايرىقىمىز جەۋلان قىلدى

يە دېكابىر 23 , 2018
بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللى مەجلىس رەئىسى سېيىت تومتۈرۈكنىڭ ئاۋاز قوشۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى تەشكىللىشى بىلەن 23-دىكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «شەرقى تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە» نامىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like