خىتاينىڭ 19-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمىي يىغىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ «تەسلىمىيتى» توغرىسىدا

مەن تەييارلىغان خەۋەر ياكى يازمىلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولىدۇ. چۈنكى بىز جەڭ قىلىۋاتقان دۈشمەننىڭ ئەھۋالى بەك مۇھىم.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

 

2019-يىلى 3-نويابىر

 

مەن تەييارلىغان خەۋەر ياكى يازمىلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولىدۇ. چۈنكى بىز جەڭ قىلىۋاتقان دۈشمەننىڭ ئەھۋالى بەك مۇھىم. بوكىس مەيدانىدىكى ئىككى رەقىپ بىر-بىرىنىڭ ھەربىر ھەركىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ ۋە ئۇ ھەرىكەتكە قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. كىمكى بىر ئاز بىخەستىلىك قىلسا شۇ ھامان قاتتىق زەربىگە ئۇچرايدۇ. بىزمۇ شۇنداق، گەرچە بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا خىتايغا بىرمۇ -بىر زەربە بىرەلمىسەكمۇ ياكى كەلگەن زەربىدىن تۇلۇق قېچىپ قۇتۇلالمىساقمۇ قىسمەن زىياندىن ساقلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋە باشقا خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ تور سەھىپىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئازراق بولسىمۇ تەربىيلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىر فېيسبۇك ۋە باشقا ئۇچۇر -ئالاقە ۋاستىلىرنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىرىپ ئايغى چىقماس جەڭگە -جىدەلنىڭ ئورنى بولۇپ قالدى. مۇۋاپىق پايدىلنايلى، ۋاقتىمىزنى ئۇنداق قۇرۇق ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى. نۇرغۇن پايدىلنىش قىممىتىگە ئىگە نەرسىلەر ئېلان قىلنىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇقۇيدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۇيغۇرلار بىر ئىش قىلمايمىز، ئۇخلايمىز دەپ قاقشاش كۆپ، ئاۋۋال ئۇخلىماي خىزمەت قىلغانلارنىڭ ئەمگەك مېۋىللىرىگە نەزەر سېلىپ قويىشىڭلارنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز. ۋەتەندىمۇ شۇنداق ئىدى، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى، ناخشا تېكىستلىرنى، شېئىرلارنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولغۇنىمىز راستقۇ!؟ 

 

ئەمدى ئەسلى تىمىغا قايتىپ كەلسەك، خىتاي كومىنىست پارتىيسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلدى. 

 

خىتاي كومىنىست پارتىيسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك يىغىنى 5 يىلدا بىر ئېچىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ بۇ 4-ئومۇمىي يىغىنى خىتاي كومىنىست پارتىيسى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ يىڭى قارارلارنى ئالىدىغان، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ قارارلار ئېلىندىغان، كېلەر نۆۋەتلىك بولغۇسى رەئىس ئېلان قىلنىدىغان يىغىن. ھەر بەش يىل ئىچىدە 7 قېتىم ئۇمۇمىي يىغىن ئېچىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھەر بەش يىللىق پىلانىنى ئاساسى جەھەتتىن ئەمىللەشتۈرۈپ كەلگەن. بۇ قېتىملىق ئۇمۇمىي يىغىن نورمال ۋاقتىدىن كېچىپ ئېلىپ بېرىلىغان. 24-چىسلا ئېلان قىلىنىپ 28-چىسلا باشلانغان. ئالدىنقى قېتىملىق 3-ئۇمۇمىي يىغىندىن 20 ئاي كېيىن ئېچىلغان. بۇ يىغىندا كومىنىست پارتىينىڭ رەئىسى بولغان شى جىنپىڭ مەركىزى ھەيئەت كومىتىتىغا دوكلات بېرىدىغان بولۇپ، بۇ دوكلات قاراپ چىقىشتىن ئۆتمىگەن بولۇپ يىغىنغا قاتناشقانلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. شى جىنپىڭنىڭ يۈز ئابرويى ئۈچۈن زورلاپ تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن دىيلىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە سۆزلەنگەن پىروگىراممىنىڭ ئۇلنىش ئادېرسى يازمىنىڭ ئاستىدا بېرىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ خىزمەت دوكىلاتى ۋە بۇ قېتىملىق يىغىنىڭ ئوچۇق باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەھلىلچىلەر بۇ دوكىلاتنى دەبدەبىلىك قۇرۇق گەپ دەپ باھا بەرگەن. ھېچقانداق بىر يىڭى نەرسە يوق، يىڭى ئىدىيە يوق قۇرۇق بايانات دەپ قارىغان.

 

شى جىنپىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۇمۇمىي يىغىن ۋە ھەر قېتىملىق يىغىندا ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەپ كەلگەن بولۇپ، ھوقۇقنى مەركەزگە، بىر قولغا يىغىشتا ماۋغا ئوخشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكىلى ئاز قالغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۆزىمۇ يىڭى نەرسە «تەلەپ» قىلمىغان. تەھلىلچىلەر بۇنى كومىنىست پارتىينىڭ ئىچىدىكى قارشى كۈچلەرگە تەسلىمىيەت دەپ قارىغان. قارشى كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشكە چۈشكەن شى جىنپىڭ بورۇنقىدەك بار كۈچى بىلەن ھۇقۇق يىغىشتىن ۋاز كېچىشكە يۈزلەنگەن. كۈچ ئۇنىڭ نىيتىگە يېتىشمىگەن ئاستا-ئاستا ھۇقۇقنى باراۋەر تۇتۇشقا يۈزلەنگەن. خارۋارتتىن ياندۇرۇپ كىرگەن قىزىنى تەكرار ئەۋەتىشى ھىس قىلغان تەھتىتنىڭ بىر ئىپادىسى بولىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ شى جىنپىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرىشىدىمۇ ئارقىغا قەدەم ئالدى. مۇھىم بولغىنى داۋاملىق كۈرەش قىلىش بولۇپ، زالىم كۈچلەرنىڭ ئاجىزلاش ۋاقتى كېلىدۇ.

 

يەنە بەرزى تەھلىلچىلەر بۇ دەبدەبىلىك قۇرۇق گەپتىن كومىنىست پارتىيىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى شەرقى تۈركىستاننى كونتۇرۇل قىلغان پۈتۈن كامىرالىق ھالەتكە  كەلتۈرۈش پىلانى بارلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن دەپ قارىغان. بىز بۇھەقتە بۇلىنغان تەھلىلنى قىسقا تەرجىمە ھالەتتە سۇنىمىز، قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇلنىىش يازما ئاستىدا بېرىلىدۇ.

 

ئالدىنقى قېتىم بىر خەۋەردە شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاستە ئېلان بەرگەن «بۆلەڭ زەنجىر تېخنىكىسى» (区块链技术)ھەققىدە بىر ئاز توختالغان ئىدۇق. بۇ تېخنىكىنىڭ خىتايدا كامىرالىق دۆلەت بەرپا قىلىشقا ۋاستە بولىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قېتىملىق ئوچۇق باياناتنىڭ تىمىسى «دۆلەت باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش سېستىمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» (国家治理体系和治理能力的现代化) بولۇپ، خىتاي ھۇقۇقنى مەركەزگە بىرلەشتۈرۈپ ھۇقۇق تۇتىدىغان، ھەتتا كېيىنكى قارار ھۇقۇق ۋارىسلىرىنى تەيىنلىمىگەن ئەھۋالدا قانداق زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىپ بارسۇن؟ ھەتتا قەدىمكى پادىشاھلىق تۈزۈمگىمۇ يەتمەيدىغان بۇ ھالەتتە، پادىشاھلىق تۈزۈمدە ھېچ بولمىسا ۋەلىئەھدىسىنى دۆلەتنىڭ ئاساسى دەپ قاراپ ئۇنى ئالدىن بېكىتەتتى. ئۇنداقتا قانداق زامانىۋىلاشتۇرۇش؟ ھازىر خىتايدا ئىقتىساد چېكىنىش، سودا ئۇرۇشى، خوڭكوڭ مەسىلىسى قاتارلىق ئېغىر مەسىللەر تۇرسىمۇ نىمە ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا بۇ چوڭ قۇرۇق گەپ دوكلات تىمىسى بولدى؟ 

 

خىتاينىڭ پۈتۈن جۇڭگۇنى يۇمىلاق ھالەتتىكى چوڭ تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ مەركىزى باشقۇرۇش سوپىسى بىلەن باشقۇرۇش تۈزۈمىگە كەلتۈرۈش پىلانى بارمۇ؟ كومىنىست پارتىينىڭ تۈزۈلمىسى ۋە خاراكتىرى مۇشۇ باشقۇرۇش سېستىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

 

مەنبە:

 

  1. https://www.youtube.com/watch?v=k-7FT8wtDrY&feature=youtu.be
  2. https://www.youtube.com/watch?v=0uZDnbo3LJ0&feature=youtu.be

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

شى جىنپىڭنىڭ ھۇقۇق يولىدىكى «سېرىق چىراق» ياندىمۇ؟

دۈ نويابىر 4 , 2019
19ـ نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىندىن كېيىنلا شاڭخەيگە خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىققان شى جىنپىڭنىڭ ھەركىتى مېدىيا ۋاستىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان

You May Like