خىتايلار 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە «كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى»نى چېقىۋەتكەن

« بۇ مەسجىد نەگە كەتتى؟ »، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى سونئىي ھەمراھ رەسىملىرى بىلەن پاش قىلىپ كىلىۋاتقان شاۋىن جاڭ » (Shawn Zhang) كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى»نى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئۇچۇرنى تىۋىتتىرىغا يوللىغان. 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەسجىد « دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم تارىخي ۋە مەدەنىي ئاسارە- ئەتىقە ئورنى بولۇشىغا قارىماي، 2018- يىلىنىڭ بېشىدا غايىپ بولغان»، دېمەك بۇ مەسجىدنىڭ چېقىلىشى ئۈچۈن خىتاي گوۋۇيۈەننى تەستىقلىشى كېرەك ئىدى.

تەييارلىغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-08

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

« بۇ مەسجىد نەگە كەتتى؟ »، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى سونئىي ھەمراھ رەسىملىرى بىلەن پاش قىلىپ كىلىۋاتقان شاۋىن جاڭ » (Shawn Zhang) كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى»نى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئۇچۇرنى تىۋىتتىرىغا يوللىغان. 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەسجىد « دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم تارىخي ۋە مەدەنىي ئاسارە- ئەتىقە ئورنى بولۇشىغا قارىماي، 2018- يىلىنىڭ بېشىدا غايىپ بولغان»، دېمەك بۇ مەسجىدنىڭ چېقىلىشى ئۈچۈن خىتاي گوۋۇيۈەننى تەستىقلىشى كېرەك ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا مەسجىدلەرنىڭ چېقىلىشى خېلىدىن بېرى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، مەسجىدلەرنىڭ چېقىلىشى سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ئارقىلىق دەلىللەنگەن. تور ئارقىلىق تەكشۈرۈش تورى www.bellingcat.com  «كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى» نىڭ چوڭ دەرۋازىسى جايلاشقان قەدىمىي مەشھۇر ئىمارەتنىڭ چېقىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.

«كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى» مىلادىيە 1200-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئومۇمىي كۆلىمى 13مىڭ 449 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭدىن خانىقا قۇرۇلۇشى كۆلىمى 3مىڭ 60 كۋادرات مېتىر، نامازگاھنىڭ تاشقى سەيناسى 10مىڭ 439كۇۋادرات مېتىر. جامەنىڭ خانىقاسى 11 ئارا، 153چوڭ تۈۋرۈكتىن قۇرۇلغان بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ جامە ھېسابلانغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىنمۇ چوڭ. ئادەتتە جۈمە نامىزىغا 4 مىڭدىن 6مىڭغىچە، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلاردا 10 مىڭدىن 12مىڭغىچە مۇسۇلمان كېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. «كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى» بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە يەتتە قېتىم كېڭەيتىلگەن ھەم رېمونت قىلىنغان.

جامىنىڭ بۇرۇنقى سۈرەتلىرى:

مەنبە:

  1. https://www.forbes.com/sites/zakdoffman/2019/04/06/china-destroying-mosques-as-u-s-senators-urge-americans-to-stop-funding-xinjiang/
  2. https://www.liberation.fr/checknews/2019/04/06/la-mosquee-de-keriya-en-chine-a-t-elle-ete-detruite_1719619
  3.  

https://www.bellingcat.com/news/rest-of-world/2019/04/05/are-historic-mosques-in-xinjiang-being-destroyed/  

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گۇلچىھرە دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىينىڭ 2019-يىللىق يېغىنىغا شەرەپ بىلەن قاتنىشدۇ.

دۈ ئاپرېل 8 , 2019
4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۇزۇلىدىغان «دۇنيا ئاياللار مۇنبىرى»نىڭ 10-نۆۋەتلىك يىللىق چوڭ يېغىنىغا ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سياسەت،مەدەنىيەت،ئېقتساد ،مدىيا ساھەسدىكى داڭلىق ۋە تەسرى زور شەخسلەر قاتنىشپ،بۇگۇنكى ئاياللار دۇچ كىلىدىغان مەسللەر ۋە ئاياللارنىڭ ئ‍نسانىيەت دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرنى ھەل قىلىشتىكى رولىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

You May Like