خىتاي جاسۇسلىرى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش يېڭى قانۇن لايىھىسى

20- ماي ئامېرىكا پارلامېنتدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇرۇن جاسۇسلۇق قىلمىشى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىقى سادىر قىلغان شەخسلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدىغان يېڭى قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنلىقى، 2021- يىلى 22- ماي

 

20- ماي ئامېرىكا پارلامېنتدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇرۇن جاسۇسلۇق قىلمىشى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىقى سادىر قىلغان شەخسلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدىغان يېڭى قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

«ئامېرىكىنى جاسۇسلۇقتىن قوغداش قانۇنى» (Protecting America from Spies Act) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يېڭى تەكلىپ لايىھىسى جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تەد كرۇز (Ted Cruz) ماركو رۇبىئو (Marco Rubio) ۋە شۇ پارتىيدىن بولغان فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋىكىي خارتزلېر (Vicky Hartzler) قاتارلىقلار  ئوتتۇرىغا قويغان.

 

قانۇن لايىھىسىدە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى جاسۇسلۇق ياكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىق قىلمىشى سادىر قىلغان شەخسلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن. ئامېرىكىنىڭ ھازىر مەۋجۇت بولغان قانۇنىغا ئاساسەن، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ دەرھال ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ، ئامېرىكىغا قايتا كىرىش ھوقۇقى بار بولۇپ، «ئامېرىكىنى جاسۇسلۇقتىن قوغداش قانۇنى» بۇ يوچۇقنى تاقايدۇ.

 

قانۇن لايىھىسى ئامېرىكىنىڭ بۇلتۇر خيۇستوندىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنى تاقىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ كونسۇلخانا مېخانىزىمىدىن پايدىلىنىپ، خيۇستون رايونى ۋە ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل غەربىي جەنۇب رايونىدا جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى مىسال كەلتۈرىدۇ. كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرۇز ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى خارتزلېر بۇلتۇر ئىيۇلدا ئوخشاش نامدىكى قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

 

كرۇز باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي مەملىكەت مىقياسىدا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇندى.»

 

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىسىنىڭ بۇلتۇر خىتاينىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى تاقىغانلىقىدىنمۇ ياخشى مىسال يوق، خىتاي ھۆكۈمىتى كونسۇلخانىدىن پايدىلىنىپ، يامان غەرەزلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، ئامېرىكىدا پايلاقچىلىق قىلغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە قايتا كىرىشىگە يول قويۇلماسلىق كېرەك.»

 

كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو باياناتىدا خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئىلمىي مەخپىيەتلىكلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى ئوغرىلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر خىتاي پۇقراسى بىزگە قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، بىز ئۇنىڭ يەنە مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىمىز كېرەك.»

 

«ئامېرىكىنى جاسۇسلۇقتىن قوغداش قانۇنى» نىڭ مەزمۇنى بويىچە، ئامېرىكىنىڭ ھازىر بار بولغان «كۆچمەنلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈش قانۇنى» يېڭىلىنىپ، بۇرۇن، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان جاسۇسلۇق ۋە تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشلىرىنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىكنىڭ شەرتلىرى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 

بۇ قانۇن لايىھىسى جاسۇسلۇق قىلمىشى ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ تۇغقانلىرىغىمۇ چېتىلىدۇ. ئەگەر چەتئەللىكلەر جاسۇسلۇق ۋە تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، جۆرىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. قانۇن لايىھىسى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا، مەسىلەن، ئامېرىكا چوقۇم «ب د ت باش شىتابى كېلىشىمى» نى ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلگەندە، بۇ چەكلىمىلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىغا رۇخسەت بېرىدۇ.

 

مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

شىمالىي قۇتۇپ يىغىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ۋاستىلىك ئاگاھلاندۇرۇشى، بىلىنكېننىڭ گرېنلاندىيە زىيارىتى

شە ماي 22 , 2021
شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى 20- ماي ئىسلاندىيەنىڭ پايتەختىدە ئاياغلاشتى، 8 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە شىمالىي قۇتۇپ تىنچلىقىنى قوغداشقا ئائىت بىر تۈرلۈك ئورتاق ۋەدىنى ماقۇللىدى، ھەمدە تۇنجى قېتىم كەلگۈسى 10 يىللىق «ئىستراتېگىيىلىك پىلان» نى تەستىقلىدى.

You May Like