خىتايدا خىزمەتچىلەر سۈيدۈك ئىچىشكە ۋە سۈۋەرەك يېيىشكە مەجبۇرلانغان

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خىتاي شىركەت دېرىكتورى، مەھسۇلات سېتىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان خىزمەتچىلىرىگە سۈيدۈك ئىچكۈزگەنلىكى ۋە سۈۋەرەك يېگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان .

 ب ب س خەۋەر تورى (BBC)

ئېلان قىلنغان ۋاقتى:  2018ـيىلى 7-نويابىر

 تەرجىمە قىلغۇچى:  كۆلتېگىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خىتاي شىركەت دېرىكتورى، مەھسۇلات سېتىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان خىزمەتچىلىرىگە سۈيدۈك ئىچكۈزگەنلىكى ۋە سۈۋەرەك يېگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان .

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بىر خىتاي باشقۇرغۇچى، بىر تەرەپتىن خىتاي خىزمەتچىلىرىنى تاسما بىلەن ئۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن ئولارغا سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇقنى ئىچىشكە زورلاۋاتاتتى. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ساقچىلىرى ھەرىكەتكە ئۆتكەن .

ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغان باشقا خىزمەتچىلەرمۇ سۈۋەرەك يېيىشكە مەجبۇرلانغان.

جەنۇبىي خىتاي سەھىرى پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈچ خىتاي باشقۇرغۇچى 5 كۈنلۈك ۋە 10 كۈنلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان .

خىتاينىڭ ئەڭ كەڭ قوللىنىشچان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتسى بولغان ۋىيبودا ئېلان قىلىنغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بىر خىتاي خىزمەتچى يۇمۇلاق بىر دائىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ھە دەپ تاسما بىلەن ئۇرۇلۇۋاتاتتى. باشقا خىزمەتچىلەر بۇرۇنلىرىنى ئېتىۋېلپ تۇرۇپ، سۇلياۋ بوتۇلكىغا قاچىلانغان سېرىق سۇيۇقلۇقنى ئىچىۋاتاتتى. كېيىن بۇلارنىڭ گۈيجۇ شەھەرلىك ئائىلە سايمانلىرى رېمونت قىلىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

باشقۇرغۇچى خادىمغا ئائىت ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئۇچۇرنىڭ كېسىۋېلىنغان رەسىمگە قارىغاندا، باشقۇرغۇچى خادىم ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر كېيىنكى قېتملىق ئىپادسى يەنە ناچار بولسا ئولارغا سۈۋەرەك يېگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىرىنى چېچىنى چۈشۈرۈۋىتىش، ھاجەتخانىنىڭ سۈيىنى ئىچكۈزۈش قاتارلىق جازالاش ۋە خورلاش ئۇسۇللىرى بار ئىكەن. بۇ شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئىككى ئايلىق مائاشىنىمۇ بەرمىگەن بولۇپ، خىزمەتچىلەر ئىشتىن بوشىتىلسا پۇلىنىمۇ ئالالماي قېلىشىدىن قورقۇپ بۇ توغرىلىق ئېغىز ئاچالمىغان. زۈنيى ناھىيەلىك ساقچىخانا خادىملىرى بۇ شىركەتنىڭ ئۈچ نەپەر باشقۇرغۇچى خادىمىنى قولغا ئالغان.

بۇ خىتايدىكى بىر قىسىم شېركەتلەرنىڭ خىزمەتچىلىرىنى جازالاش، ھاقارەت قىلش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تېپىپ چىققان ئەڭ يېڭى «چارىلىرى » ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

بۇرۇنقى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خىزمەتچىلەر خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىركەتنىڭ يىغىلىشلىرىدا بىربىرىنى كاچاتلىغان. بۇنىڭدىن باشقا نەتجىسى كۆرۈنەرلىك بولمىغان خىزمەتچىلەر يولدا پاقچىلاپ ئۆمىلەشكە ۋە ئەخلەت ساندۇقلىرىنى سۆيۈشكە مەجبۇرلانغان.

مەنبە: https://www.bbc.com/news/world-asia-china-46120627

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ماقۇللىدى، خىتاي كۆز بويامچىلىق بىلەن غەلبە قىلدى

شە نويابىر 10 , 2018
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىش بېجىرىش كومىتېتى يىغىپ ئېچىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى باھالىدى.

You May Like