خىتايدا 20 كۈندە 250 مىليون ئادەم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 24-دېكابىر
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى (CNN )نىڭ 23-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە 250 مىليون ئادەم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن قوزغالغان ئاق قەغەز ئىنقىلابى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ قامالنى بىكار قىلىشى ئارقىدىن تىز سۈرئەتتە يۇقۇملانغان نەتىجە ئىكەن. مەزكۇر سانلىق مەلۇمات خىتاينىڭ كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان ئىچكى دوكلات بولۇپ،مەخپىي ھېسابلىنىدىكەن.
سى ئەن ئەن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي، بېجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تارقالغان ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جەسەت كۆيدۈرۈش بازىرى ئەڭ جانلانغان سودا تۈرىگە ئايلانغان.