خىتاي زۇڭلىسى لى كېچىياڭنىڭ ماشىنا ئەتېرتى بىر موتېسكىلىت تەرىپىدىن قاتتىق چۆچىتىلدى .

26-چىسلا خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋە كورىيە پىرزىدىنتىنى كۈتۈۋېلىش جەريانىدا لى كېچىياڭنىڭ ماشىنا ئەتېرتى ماراكەشتىن خىتايغا ئۇقۇشقا كەلگەن بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ تېز سۈرەتتە موتېسكىلىت بىلەن يېنىدىن ئۆتۈشى بىلەن قاتتىق چۆچىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى : سايئوغلى

 

2019-12-28

 

26-چىسلا خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋە كورىيە پىرزىدىنتىنى كۈتۈۋېلىش جەريانىدا لى كېچىياڭنىڭ ماشىنا ئەتېرتى ماراكەشتىن خىتايغا ئۇقۇشقا كەلگەن بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ تېز سۈرەتتە موتېسكىلىت بىلەن يېنىدىن ئۆتۈشى بىلەن قاتتىق چۆچىتىلگەن. خىتاي ساقچى تەرەپ بۇ موتېسكىلىتنى نەخ مەيداندا تۇتالماي كېيىن تۇتۇپ كەلگەن. قورقۇپ يۈرىكى ئاغىزىغا تىقىلغان لى كېچىياڭ دەرھال چىڭدۇ شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش جەريانىدا بولغان كۈتۈلمىگەن ئىشتىن لى كېچىياڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن.
تەھلىلچىلەر بۇ ئىش ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋە كورىيە پىرزدىنتىغا قارىتىلغان ئىش بولماستىن، شى جىنپىڭ تەرىپىدىن لى كېچىياڭغا بولغان ئاگاھلاندۇرۇش بولىشى مۇمكىن دەپ قارالدى. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋە سىياسىتىنىڭ تۇرغۇن ھالەتكە كېلىشى، نۆۋەتتىكى پاسسىپ ۋەزىيەتتىن ئۆزىنىڭ ئىككى قاراردىن ئارتۇق رەئىس بولاممايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن شى جىنپىڭ قىسقا ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى ھالەتتە لايىق بولمىغان كىشلەردىن ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا لى كېچىياڭ بىلەن تېپىىشپ قالغان. ئىككىلىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كېيىنكى ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە سىياسەتتىن پۈتۈنلەي قولىنى ئۈزمەسلىك پېيىدە ئۆز ئادەملىرىنى مۇھىم ئۇرۇنلارغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى باشلىغان. شۇڭا بۇ ئىشنى شى جىنپىڭ تەرەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان، دىققەت قىلمىساڭ سېنى يىغىشتۇرۇشقا كۈچۈم يېتىدۇ دىمەكچى بولغان بولىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ تارىخىدا بۇنداق ئىشلار قەدەمدە بىر بولۇپ، كومىنىست پارتىيە تارىخىدىمۇ كۆپ قېتىم سۈيقەستلەر يۈز بەرگەن، ماۋزېدۇڭ ھايات چېغىدىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن نەچچە قېتىم قەستلەشكە ئۇچىرىغان، ئۆزىمۇ باشقا يېقىن سەپداشلىرىنى قەستلەپ يىغىشتۈرۋەتكەن. لىيۇۋ شاۋچى قاتارلىق كىشلەر بۇنىڭ جانلىق مىسالى. شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈنمۇ ماۋزېدۇڭ تەرىپىدىن 16يىل تۈرمىدە ياتقان. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ماۋېدۇڭنىڭ نەۋرىسى ماۋ شىنيۈ شىجىنپىڭ تەرىپىدىن قاتتىق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، ئورنى پەسلەپ ھېچ ئۆسەلمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كومىنىست پارتىيە تارىخىدىكى ئەڭ «نان قېپى »دەپ تەرىپلەنگەن خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋمۇ ئۈچ قېتىم قەستلەشتىن قۇتۇلۇپ قالغان، دېڭ شىياۋپىڭ، جىياڭ زېمىنلەرمۇ قەستلەشكە ئۇچرىغان.
شى جىنپىڭ گەرچە جىياڭ زېمىننى ياقتۇرۇپ كەتمىسىمۇ خىتاينى 23يىل كونتۇرۇل ئاستىغا ئالغانلىقىغا قايىل بولغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ پارتىيە ۋە ئارمىيە ئىچىدىن قاتتىق ئادەم ئۆستۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئارمىيە ئىچىدىن بۇيىل 186نەپەر گېنېرال، قوماندان ئۆستۈرگەن. 12ئاي نورمال ئۆستۈرۈش مەزگىلى بولىمىسۇ 7نەپەر مايور گېنېرال ئۆستۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرى لايەقەتلىك بولۇپ قالغانلىرى لايەقسىز ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆستۈرگەن 17نەپەر گېنېرال ھەممىسى لايەقسىز ئىكەن. شى جىنپڭغا بۇ ئەقىلنى كۆرسەتكەن كىشى ۋاڭ خۇنىڭ بولۇپ جېياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ۋە شى زامانىدا يۇقىرى ئەمەل تۇتقان نۇپۇزلۇق كىشى بولغاچقا جىياڭ زېىمىن ۋە شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ خىتاينى قانداق كونتۇرۇل قىلىپ كەلگەنلىكىنى ھەممىنى ئېنىق بىلگەن ۋە شى جىنپىڭغا بۇ توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىپ كەلگەن. شى جىنپىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن قايتا رەئىس بولالمىسا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ خىتاينى ئىدارە قىلىشنى ئويلاشقان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك خىتاي پۇقرالىرى نەچچە ئەۋلاد كومىنىست پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھۇقۇق تالىشىش كۆرۈشىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كېتىپ ئەركىنلىككە ئېرشەلمىگەن.

 

مەنبەسى: خىتاي زىيالىسى چىن پوكوڭنىڭ ئانالىزى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي نېمە ئۈچۈن نۇر بەكرىنى ئايرودرومدىن تۇتۇپ كەتتى؟ كومىنىست پارتىيە بىلەن ھەمنەپەس بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى…

يە دېكابىر 29 , 2019
ئاتىللىرىمىز كونا خاماننى سورۇشنىڭ پايدىسى يوق دەيدۇ. مەن بۈگۈن «كونا خاماننى سورۇپ »خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بىر ئۇيغۇر پۇشتى توغرىسىدا توختالماقچى.

You May Like