ABC خەۋىرى، 2020- يىلى 24- سىنتەبىر
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 24- سىنتەبىر
ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (Australian Strategic Policy Institute, ASPI) نىڭ يېڭى تەتقىقاتى خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى داۋاملىق قۇرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ASPI نىڭ قارىشىچە، بۇ يېڭىدىن سېلىنغان تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ئاساسلىقى يۇقىرى دەرىجىدە قوغدىلىشچانلىققا ئىگە «تۈرمە ئۇسلۇبى» دىكى مۇئەسسەسەلەر ئىكەن.
ASPI خەلقئارا تور سىياسىتى مەركىزى (International Cyber Policy Centre) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى 380 گۇمانلىق تۇتۇپ تۇرۇش مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئورنىنى تاپقان ۋە تەھلىل قىلغان.
ASPI تەتقىقاتچىسى ناسان رۇسېر (Nathan Ruser) ئاۋىستىرالىيە رادىئو شىركىتى (ABC) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئىسپاتلىرىمىز … ئاز دېگەندىمۇ 60 لاگېرنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى، شۇنداقلا يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 14 ى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.»
« بۇ يەردە يۈزلىگەن چوڭ تىپتىكى مۇئەسسەسەلەر بار ، بۇلار جەمئىيەتتىن ئايرىۋىتىلگەن كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغاندەك تۇرىدۇ.»
2017- يىلى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا بىخەتەرلىك ئۈچۈن باستۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ناھايىتى چوڭ يىغىۋىلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ، دەپ قارالماقتا.
ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى بولسا 2019- يىلى دېكابىردا يەرلىك ئەمەلدارلار بارلىق تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىن «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» لىكىنى ئېلان قىلدى.
رۇسېر: «ئۇلارنىڭ ھەممە ئادەمنى قويۇۋەتتۇق، ھازىر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا قانۇننىڭ سىرتىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئادەم يوق، دېگەن سۆزى ناھايىتى كۈلكىلىك… ئىنتايىن نۇرغۇن ئادەملەر تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدى.» دەيدۇ.
«تۈرمە ئۇسلۇبى» دىكى يىغىۋىلىش لاگېرلىرى كۆپىيىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ASIP نىڭ دېيىشىچە، بىر قەدەر تۆۋەن دەرىجىدىكى (1-، 2- دەرىجىدىكى) تۇتۇپ تۇرۇش مۇئەسسەسەلىرى ئىشلىتىلىشىتىن قېلىپ، «تۈرمە ئۇسلۇبى» دىكى 3- ۋە 4- دەرىجىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مۇئەسسەسەلىرى زور دەرىجىدە ياسىلىشقا ۋە كېڭەيتىلىشكە باشلانغان.
3-، 4- دەرىجىلىك تۇتۇپ تۇرۇش مۇئەسسەسەلىرى پەقەت مەھبۇسلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، ئېگىز بېتون تام ، زور ھەجىمدىكى تىكەنلىك سىم تورى، قاراۋۇل مۇنارى بار ، ھەمدە تۈرمە رايونلىرىغا ئايرىلغان.
ASPI نىڭ تەتقىقاتى 2020- يىلى يېڭى سېلىنغان 14 مۇئەسسەسەنىڭ زور كۆپچىلىكى تۈرمە ئىكەنلىكىنى، ھەمدە يېقىندا قۇرۇلۇش باشلانغان 61 مۇئەسسەسەنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يۇقىرى دەرىجىدە قوغدىلىدىغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ASPI بۇنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەمەس ، بەلكى «تېخىمۇ قاتتىق قوغدىلىدىغان تۈرمە ئۇسلۇبىدىكى مۇئەسسەسە» لەرگە ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خەۋەرنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
https://www.abc.net.au/chinese/2020-09-24/china-building-bigger-uyghur-detention-camps-in-xinjiang/12699100