خىتاي ياۋروپا ۋەكىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئەندىشىسى ھەققىدە، 15- سىنتەبىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن (汪文斌) ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) غا زىيارەتكە بېرىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بىراق قانداق شەرت ئاستىدا بېرىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كونكرېت توختالمىدى.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو-تېلېۋىزىيىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020- يىلى 15- سىنتەبىر
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇرئاگېنتلىقى

2020- يىلى 16- سىنتەبىر

 

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئەندىشىسى ھەققىدە، 15- سىنتەبىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن (汪文斌) ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) غا زىيارەتكە بېرىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بىراق قانداق شەرت ئاستىدا بېرىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كونكرېت توختالمىدى.

 

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) مەسىلىسىدە خىتاي «ياۋروپا تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتتىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) غا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشىنىپ بېقىشىنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ… ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئەلچىلىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) نى زىيارەت قىلىشنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمدىكى گەپ ياۋروپا تەرەپتە.» ئۇ يەنە خىتاي «جىنايىتى بارلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈشلەرگە قارشى تۇرىدۇ»، خىتاي «كىشىلىك ھوقۇق <بىلەرمەن> لىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، <قوش ئۆلچەم> گە قارشى تۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى، ھەمدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزىبىر دۆلەتلەرنىڭ ئىرقچىلىق، ئېكسترىمىزم، ئاز سانلىق مىللەت مەسىلىلىرىنىڭ باش كۆتۈرىشى، يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش، مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش، قارا تەنلىكلەرگە قارشى تۇرۇش» قاتارلىق سۆز ۋە  يامان خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ دائىم يۈز بېرىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كەلتۈردى.

 

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى نۆۋەتتە كۆپىلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ شىكايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم «لاگېر» لاردا «داۋاملىق ياكى بۇرۇن» تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنى كىشىلەرنى «ئاشقۇن ئىدىيەلەردىن يىراق تۇرغۇزۇش» ھەمدە «مەلۇم بىر خىل تۇرمۇش ماھارىتى»نى ئىگىلىتىدىغان «تەربىيىلەش پونكىتلىرى» ئىكەنلىكى ھەمدە ئەزەلدىن «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى»، «كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقى، ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد، تىل-يېزىقلارنىڭمۇ قانۇن بويىچە قوغدالغانلىقى» توغرىسىدا كۆپ قېتىم چۈشەندۈرۈش بەرگەن. بۇ قېتىمقى باياناتىدا ۋاڭ ۋېنبىن يەنە ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن گۇمانلىنىش سەۋەبىدىن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى « شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) كارخانىلىرىغا زەربە بەرگەنلىك»، « شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) نىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسقانلىق.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

 

بۇلتۇر دېكابىردا، خىتاي گېرمانىيىلىك تۈرك پۇتبولچى ئۆزىلگە «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) غا كېلىپ كۆرۈپ بېقىش» تەكلىپنامىسى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىل بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. يېقىندىن بېرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن خىتايغا بېسىم قىلىشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونومىيە رايونىدا مۇڭغۇلچە-خىتايچە قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتىمۇ كۆپ قارشىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، بېيجىڭنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىرىس ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

 

 

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۇيغۇرلار 23000 ئىمزالىق خەت تاپشۇرۇپ شۋېيتسارىيە-خىتاي سودا كېلىشىمىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى

چا سېنتەبىر 16 , 2020
بىر پارچە 23000 ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە فېدېراتىپ كېڭەشكە سۇنۇلۇپ، شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدا قايتا سۆھبەتلىشىش تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇراجىئەتنامە شىۋېيتسارىيەگە كىرگەن تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

You May Like