خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نەتىجىسى

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى (DYY) يېقىنقى بىر قانچە يىلدا شىددەت بىلەن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئىستراتېگىيىلىك ئۇل ئەسلىھە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتى.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- يانۋار

 

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى (DYY) يېقىنقى بىر قانچە يىلدا شىددەت بىلەن ئاشقان بولۇپ، بۇ  ئاساسلىقى ئىستراتېگىيىلىك ئۇل ئەسلىھە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتى.

 

        ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يىغىلغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 120 مىليارد ياۋروغا يەتكەن،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى 140 مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى چەتئەل مەبلىغىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ياسىمىچىلىق كەسپىدە، ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى گېرمانىيە ماشىنا سانائىتى.

 

        مېركېل گېرمانىيە پرېزىدېنتلىقى ئاخىرلاشقۇچە كېلىشىمنى تاماملاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنى گېرمانىيە سانائىتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

 

        ياۋروپا كومىتېتى ئىچىدىكى گېرمانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆھبەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. خىتاي تەرەپتىن شى جىنپىڭ غەلىتە شەكىلدە شەخسەن قول تىقىپ، كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشىگە يول يورۇق بەردى.

 

        ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن، بۇ ئامېرىكىدا يېڭى ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتەشتىن ئىلگىرى تاشقى ئىشلاردىكى «ئىستراتېگىيىلىك ئاپتونومىيە» نى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت ئىدى. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت پەيدا قىلىدىغان بىر پۇرسەت ئىدى.

 

        ئېرلاندىيەدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ئاللىقاچان خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ياۋروپا-خىتاي «ئۇنىۋېرسال» مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، بازارغا كىرىشتىن باشقا مەبلەغ سېلىشنى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

        خىتايغا نىسبەتەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرى پەقەت ئازراقلام چەكلىمە بىلەن ئاللىقاچان مەبلەغ سېلىشقا ئېچىۋىتىلدى. ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى (CAI: Comprehensiv Agreement on Investment) قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ياسىمىچىلىق ساھەلىرى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئېرىشىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، ئەمما يادرو ئېنېرگىيىسىگە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشى ناتايىن.

 

        خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 30- دېكابىر بۇ كېلىشىمنى ئېلان قىلدى، ئەمما كېلىشىم ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالانمىدى. CAI ئىمزالانمىغان تەقدىردىمۇ، مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇنى قوللىمىغان، ياكى كېلىشىم پەقەتلام يولغا قويۇلمىغان تەقدىردىمۇ خىتاي ئاللىبۇرۇن غەلىبە قازاندى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار

چا يانۋار 6 , 2021
خىتاي ۋىرۇسى دۇنيا بويلاپ تارقالغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە يۇقۇملانغانلار 86 مىلىيوندىن ئاشقان، ئۆلگەنلەر 2 مىلىيونغا يېقىنلاشقان

You May Like