خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقىدىن خىتاينىڭ مالىيە ۋە ئىقتىساد سىياسەتلىرىگە نەزەر

ھەرقانداق دۆلەتتە مەركىزى بانكا پۇل بېسىپ چىقىرىش، كرېدىت ۋە پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەش، بانكىلارغا بانكا بولۇش ، پېرىۋوت نىسبىتىنى كونتورول قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ساغلاملىقنى بەلگىلەيدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش قاتارلىق فونكىسىيەلەر بىلەن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ماتورى ھساپلىنىدۇ. تەرەققىي قىلغان ، ئىقتىسادىي كۈچلۈك ئەللەردە مەركىزى بانكا مۇستەقىل خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بانكا باشلىقىنىڭ ئوقۇش تارىخىي، كەچمىش خىزمەت تەجىربىسى ۋە نۇتۇقلىرىغا قاراپ شۇ دۆلەتنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئاڭقىرغىلى بولىدۇ. خىتاي خەلق بانكىسى خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى بولۇپ، بۇ

ئاپتۇر: ئ‍وسمان قازى

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

ھەرقانداق دۆلەتتە مەركىزى بانكا  پۇل بېسىپ چىقىرىش، كرېدىت ۋە پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەش، بانكىلارغا بانكا بولۇش ، پېرىۋوت نىسبىتىنى كونتورول قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ساغلاملىقنى بەلگىلەيدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش قاتارلىق فونكىسىيەلەر بىلەن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ماتورى ھساپلىنىدۇ. تەرەققىي قىلغان ، ئىقتىسادىي كۈچلۈك ئەللەردە مەركىزى بانكا مۇستەقىل خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بانكا باشلىقىنىڭ ئوقۇش تارىخىي، كەچمىش خىزمەت تەجىربىسى ۋە نۇتۇقلىرىغا قاراپ شۇ دۆلەتنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئاڭقىرغىلى بولىدۇ. خىتاي خەلق بانكىسى خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى بولۇپ، بۇ يىل 3-ئايدا شى جىنپىڭ بانكا باشلىقىنى ئالماشتۇردى.

2002-يىلىدىن بېرى بانكا باشلىقى بولۇپ كەلگەن جوۋ شىياچۈەننىڭ ئورنىغا شى جىنپىڭنى قەدىناس دوستى، نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، شىنىڭ ئىقتىسادىي باش مەسلىھەتچىسى لىيۇ خې چىقىشى مۆلچەرلىگەنىدى. ئەمما يى گاڭ بانكا باشلىقى بولدى. خىتاي مەركىزى بانكىسى باشلىقلىقى ئورنى ئېنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇندىن كىيىنكى خىتاينىڭ كىرىدىت ۋە پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنداقتا شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن يى گاڭنى تۇيۇقسىز بانكا باشلىقلىقىغا تاللايدۇ؟

ئالدى بىلەن يى گاڭنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

يى گاڭ ئامېرىكا ئىللىنوي ئۇنىۋرىسىتىدە ئىقتىسادشۇناسلىقتا دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانى ئالغان.  ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتىدا ئالتە يىل پىرافىسۇر ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كىيىن خىتايغا قايتىپ كىلىپ بىيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىدا پىراففىسۇرلۇق قىلغان. ئاسىيا مالىيە كىرزىسى بولغان يىلى خىتاي خەلق بانكىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ 2014-يىلى مۇئاۋىن بانكا باشلىقى بولغان. نۆۋەتتە خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

يى گاڭ ئاكادىمىك سەۋىيىدىكى ئىقتىسادشۇناس ھەمدە بانكىچىلىق ساھەسىدە 20 يىلغا يېقىن تەجىربىسى بار. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى شى جىنپىڭ كەسىپ ئەھلىنى تاللىغان.

گەرچە خىتاي خەلق بانكىسى تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى مەركىزى بانكىرلاردەك مۇستەقىل ئىش يۈرگۈزەلمىسىمۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتقاندا يەنىلا مۇھىم مەركىزى بانكىلارنىڭ بىرى.

يى گاڭنىڭ بانكا باشلىقى بولۇپ تاللىنىشىدىن خىتاي مالىيە ۋە ئىقتىساد سىياسەتلىرىدىن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارنى ھېس قىلالايمىز.

بىرىنچىدىن، خىتاي دۇنياغا ئىقتىسادىي مۇقىملىقتىن سىگنال بەرمەكچى. شى جىنپىڭنىڭ كۈيئوغلى ياكى قەدىناس دوستىنى  ئەمەس ھەقىقىي كەسىپ ئەھلىنى مۇھىم مالىيە ئورگىنىغا ۋەزىپىگە قويىشى تاشقى مەبلەغ سالغۇچىلار ئىشەنچ تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. يى گاڭ سابىق بانكا باشلىقى جوۋ شىياچۈەننىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەچكە، خىتاينىڭ بۇرۇنقى مالىيە ۋە ئىقتىساد سىياسەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.

ئىككىنچىدىن، خىتاي دۇنياغا ئەركىن بازار تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى. يى گاڭ ئامېرىكا مائارىپىدا ئېلىم تەھسىل قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن بازار تەشەببۇسچىسى. ئۇ شى جىنپىڭ قايتا ئۆزگەرتىپ چىقماقچى بولغان خىتاي مالىيەسىنى تازىلاش ۋە ئىچىش ۋەزپىسىنى مالىيە كىرىزىسى پەيدا قىلماي ئورۇنلاش زىممىسىغا يۈكلەنگەن. خىتاي ئىقتىسادى قەرزىنىڭGDPگە بولغان نىسبىتى 300%كە يىقىنلىشىپ قالغان خەۋىپلىك ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ.  خىتايلار دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن بىرى بوشىتىلغان پۇل سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەچكە، نۆۋەتتە يى گاڭمۇ بوشىتىلغان پۇل سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. ئەمما يى گاڭ ئېنتايىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك، بوشىتىلغان پۇل سىياسىتى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن يى گاڭنىڭ ۋەزىپىسى پىرىۋۇت نىسبىتىنى نىسبەتەن مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش. بۇ ئىككىسى زىددىيەتلىك بولغاچقا،  قەدەم شۇنداق خاتا ئېلىنسا خىتاي ئىقتىسادىي تېخىمۇ كىرىزىسقا پېتىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچىدىن، يۈەننى يەنىلا مۇقىم تۇتۇپ تۇرماقچى. خىتايلار يۈەننى 1995-يىلىدىن باشلاپ سۈنئىي كونتىرول قىلىپ كەلگەن. يى گاڭ بۇرۇن پىېرىۋوت باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆپەيتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن. ئۇ ۋەزىپىدىكى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپىسى  4 تىرلىيون دوللار بىلەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە كەلگەن . ھازىرغىچە 1 تىرلىيون دوللار يۈەننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن خىراجەت قىلىنىپ بولدى. خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋۇت زاپىسى دوللارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بارغانسېرى ئازلىشى مۇمكىن. يى گاڭنىڭ بانكا باشلىقى بولىشى خىتاينىڭ يۈەننى ئەركىن قۇيۇپ بېرىش نىيتى يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يى گاڭنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس كومىتىتىنىڭ ئىزچىل ئۆسۈم قوشۇپ، پۇل سىياسىتىنى چىڭىتىشى بولۇپ، يۈەنگە توختىماي بىسىم چۈشۈرىۋاتىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ توختىماي پۇل بېسىشى بىلەن يۈەن تېخىمۇ چۈشىدۇ، ھازىرچە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بىلەن تۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن قانچىلىك ۋاقىت؟

   

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.uschina.org/people%E2%80%99s-bank-china-governor-yi-gang

https://www.bloomberg.com/news/articles/2018-03-18/china-is-said-to-name-yi-gang-as-new-pboc-governor-wsj-reports

https://www.zerohedge.com/news/2018-03-18/china-unexpectedly-names-yi-gang-next-pboc-governor

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تەرجىمە: خىتاينىڭ نېفىتكە خۇمارلىقى دۇنياۋىي كۈچ بولىشىدىكى ئاساسلىق ئاجىزلىقىدۇر

شە ئۆكتەبىر 27 , 2018
ئامېرىكا چەتئەل نېفىت ئىمپورتىغا ئېغىر تايىنىپ قالغان يىللىرى، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى شۇ ئاساستا چىقىش قىلىشقا مەجبۇرلانغانىدى. 1970-يىللىرىنى ئەسلەپ باقساق، بولۇپمۇ 1973~1974-يىللىرىدىكى ئەرەب نېفىت ئېمبارگوسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەۋجۇدىيتىگە تەھتىد ئېلىپ كېلىشى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئوپېك«نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئامېرىكا بۇنىڭ ئاسارىتىدىن تېخى تۇلۇق قۇتۇلغىنى يوق. تۈركىيەدىكى سەئۇدىي كونسۇلىدا قەسىتلەنگەن جامال قوشۇقچى توغرىسىدا دانولد تىرامپنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستانغا قارشى بىر قا

You May Like