خىتاي ۋىرۇسى ۋە گۇمانلار

كرونا ۋىرۇسى ۋۇخەندە بايقىلىپ ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتتى. لېكىن ۋىرۇس بايقالغان ۋۇخەن شەھىرى خىتاينىڭ سىياسى پايتەختى بېيجىڭ بىلەن ئىختىسادى پايتەختى شاڭخەي شەھىرىگە ھەممىدىن يېقىن تۇرۇپ بۇ ئىككى پايتەختتە ۋىرۇس بايقالمىدى.

تەييارلىغۇچى: مىركامىل كاشىغەرى
تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايەتۇللاھ
2020-4-2

 

? ۋۇخەندىن – شاڭخەيگىچە = 629 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – بېيجىڭغىچە = 1052 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – مىلانغىچە = 8700 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – نيويوركقىچە = 12000 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – ئىتالىيىگىچە = 8670 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – لوندونغىچە = 8880 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – پارىژغىچە = 8900 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – ئىسپانىيەگىچە = 9830 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – ھىندىستانغىچە = 3575 كىلومېتىر.
? ۋۇخەندىن – ئىرانغىچە = 6560 كىلومېتىر.
? * گۇمان …!
كرونا ۋىرۇسى ۋۇخەندە بايقىلىپ ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتتى. لېكىن ۋىرۇس بايقالغان ۋۇخەن شەھىرى خىتاينىڭ سىياسى پايتەختى بېيجىڭ بىلەن ئىختىسادى پايتەختى شاڭخەي شەھىرىگە ھەممىدىن يېقىن تۇرۇپ بۇ ئىككى پايتەختتە ۋىرۇس بايقالمىدى.
بېيجىڭ شەھرى خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسلىرى، ھەربى قوماندانلىرى ۋە خىتاينى ئىدارە قىلىدىغان بارلىق رەھبەرلەر ياشايدىغان شەھەر. بېيجىڭ شەھىرى خىتاي ۋىرۇسنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرمىدى، ئۇ شەھەر تاقالمىدى، نېمە ئۈچۈن تاقالمىدى؟
شاڭخەي شەھىرى بولسا خىتاينىڭ ئىختىسادىنى كونترول قىلىدىغان ئىقتساد پايتەختى. شاڭخەيدە خىتايدىكى بايلار ياشايدۇ، ئۇ بايلار شاڭخەيدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە زاۋۇتلارنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا بۇ شەھەر ۋىرۇسنىڭ ھېچقانداق تەسىرىگە ئۇچۇرمايدۇ.
كرونا ۋىرۇسى تارقىلىشچانمۇ؟ ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا ۋەھىمە قوزغالغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا: خىتايدىن شۇنى سوراشقا توغرا كىلدۇكى، دۇنيادا ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بۇ ۋىرۇسى توختىتىشقا ئامال قىلالمىدى! خىتايدىنمۇ بەك تەرەققى قىلغان دۆلەت ۋە رايونلاردا قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ۋە ساراسىمە پەيدا قىلدى، لېكىن بۇ ۋەھىمە نېمە ئۈچۈن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگە كەلمەيدۇ؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟!!!
بېيجىڭ ۋە شاڭخەي ۋۇخەنگە يېقىن، ئەمما ۋىرۇس ۋۇخەنگە قوشنا بولغان بۇ ئىككى شەھەردە تارقالماي ئەكسىچە ۋۇخەندىن يىراق بولغان دۇنيانىڭ بارلىق بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى شەھەردە تارقالمىدى؟
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 1مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسى بار ھىندىستان دۆلەتنى تاقاشقا مەجبۇر قالدى، ھىندىستان ئىقتىسادى كاساتچىلىققا يۈزلىنىش ئالدىدا، ئەمما دەل ئەكسىچە خىتاينىڭ مەركىزى شەھەرلىرى شەھەرنى تاقاش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، تېخى 8- ئاپىرلىدىن باشلاپ ۋۇخەن شەھىرىنى قامال قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى. ھازىر دۇنيا قورقۇنۇچلۇق خىتاي تېرورلۇقىغا دۇچار بولدى. دۇنيا خىتاي ۋەھىمىسىدە قالغان پەيىتتە خىتايدا ھاياتلىق نورمالىققا يۈزلىنۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟!!!
يەنە بىر چوڭ ئىش دۇنيا پاي بازىرىنىڭ قىممىتى يېرىم ھەسسگە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. ھىندىستان پاي بازىرى قىممىتى 12000دىن 7000مىڭغا چۈشۈپ قالدى، خىتاي پاي بازىرى بولسا 3000ئېدى، ئەمما خىتاي پاي بازىرى بولسا پەقەت 2700گە چۈشتى، بۇ ۋېرۇسنىڭ خىتاينىڭ پاي بازىرىغا ئاساسەن تەسىرى بولمىدى.
بۇ ئىشلارنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ يەردىكى خۇلاسە بىر نوقتىنى كۆرسىتىدۇكى- ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ بىئو خېمىيەلىك قورالى.
خىتاي دۇنيانى ۋەيران بولۇشقا تاشلاپ قويدى. كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولدى. خىتاي ھازىر ۋىرۇسنى كونترول قىلىپ بولدى، بەلكى ۋىرۇسنىڭ ئۈنۈملۈك دورىلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇل چارلىرىمۇ خىتايدا بار، لېكىن خىتاي بۇ ئۇسۇل چارە ۋە تىببى داۋالاش تۈرىنى دۇنيا بىلەن ئورتاقلاشمايۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟!!! زادى نېمە ئۈچۈن؟!!!

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن سىرتقا قاچقان 5 مىليون ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى گۇمان قوزغىماقتا

پە ئاپرېل 2 , 2020
ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن سىرتقا قاچقان 5 مىليون ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى گۇمان قوزغىماقتا. يېڭى تىپلىق ۋۇخەن تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈزلۈكسىز تارقىماقتا، ۋۇخەن شەھەر باشلىقى جوۋ شيەنۋاڭ 26.يانۋاركەچتىكى ئاخبارات يىغىنىدا بىدۈرۈشىچە

You May Like