خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىگە ئۇيغۇرلار ھەمكارلىق روھى بىلەن قارشى تۇرماقتا(2)

خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىگە ئۇيغۇرلار ھەمكارلىق روھى بىلەن قارشى تۇرماقتا(2) ھەبىبۇللا ئىزچى:

                  ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2020-5-5

 

                                                               (2)

 

                                                                 ھەبىبۇللا ئىزچى

 

 

خىتاي ۋىرۇسى ۋەھىمىسى پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت بۇلۇۋاتقان ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا دەرت ئۈستىگە دەرت بولۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە 3-ئاينىڭ 26 –كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن،شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى،شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى،شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى،ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى،شەرقى تۈركىستان ۋەقپى،ئۇيغۇر ئىلىم پەن ۋەقپى قاتارلىق مەركىزى تەشكىلاتلار ۋە ۋەقىپلەرنىڭ بىردەك قوللىشى ، ئامېركا ،كانادا ،ئاۋۇسترالىيە،ياپونىيە ۋە باشقا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىكى 30 يېقىن تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىككە كېلىپ تېلىفون يىغىنىدا بىرلىككە كېلىپ  ئورتاق  كۈچ چىقىرىشى بىلەن تۈركىيە،پاكىستان،ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ۋىرۇس كىرىزسىدىن ساق سالامەت ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن جىددى ياردەم بېرىش چاقىرىقى قىلغان بۇلۇپ ،بۇ سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى»قۇرغان ئىدى.

 

بۇ مەركەز قۇرۇلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ياردەم چاقىرىقى قىلىندى،شۇنداقلا  باشقا خەلقارالىق تەشكىلاتلارغىمۇ لوبىچىلىق خزمىتى باشلىتىلغان بولۇپ ئىخاخا ،»ياردەم ۋاقتى»،»قىزىل ھىلال ئاي».قاتارلىق خەلقارالىق تەشكىلات ۋە ياردەم قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ جىددى ئالاقە قۇرۇلدى.

 

«ۋىرۇس كىرىزى ياردەم مەركىزى»ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان ھالدا ئاشكارىلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا،يۇرت،مەسلەك،رايون،جىنىس ،فىكىر-چۈشەنچە،دوست ،ئورۇق-تۇققان دېگەندەك مۇناسىۋەت ۋە چۈشەنچىلەردىن ھالقىغان ھالدا ئادالەتلىك بىر شەكىلدە تارقىتىشنى ۋە ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ قولىغا ئۇلىشىشنى كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساس قىلغان.

 

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومتىتىدىن تۇرغۇنجان ھاجىم بىلەن تېلېفون كۆرۈشمىسى ئېلىپ باردۇق.

 

تۇرغۇنجان ھاجىم بۇ قېتىمقى خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ياردەم پائالىيىتىدە ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى مەسئۇلى بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن ياردەم كېلىۋاتقانلىقىنى،ۋە ھەر كىم ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى تەشكىلات ئاقىلىق ياكى بىۋاستە ياردەملىرىنى يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى،بۇنىڭ توغرا بىر شەكىلىدە ئوچۇق ھىساپ كىتاپ بولۇشى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىگە » يەتكۈزۈلۈپ تۈركىيە لىراسىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن ئادىل تەقسىماتنى ئاساس قىلىپ ياردەمنى ئېھىياجلىق يەرلەرگە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 

سۆزىدە تۇرغۇنجان ھاجىم يەنە ،ھازىرچە تۈركىيەدىكى قېرىنداشلارغا ئاساس قىلىپ جىددى ياردەم تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى،ۋە بۇ يەردىكى ياردەم مەسىلىسى رېتىمىغا چۈشكەنلىكىنى ،نۆۋەتتىكى ۋەزىپە بولسا پاكىستان،ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى بىر قىسىم قېرىنداشلارغا جىددى شەكىلدە ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ياردەم باشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

ياردەم چاقىرىقى باشلىتىلغاندىن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ جىددى ياردەم چاقىرىقى چىقارغان شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر  تەشكىلاتى مەسئۇلى ئەندىلى قاراخان ئەپەندىم بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىدە، ئەندىلى قاراخان ئەپەندىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى باشلىتىلغان «خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسى»قارشى ياردەم چاقىرىقى چىقىرىلغاندىن كېيىن قىيىنچىلىقتا قالغان شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىغان ئىدى،بۇ قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىز كۆپى تۈركىيە، پاكىستان،ئافغانىستان ۋە بەزى ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىدە بولۇپ بىز بۇ يىغىندا يۇرت ،فىكىر-چۈشەنچە، دوست ،ئورۇق-تۇققان   دېگەندەندەك  تار چۈشەنچىللەردىن ھالقىغان ھالدا پەقەت شەرقى تۈركىستانلىق بۇلۇشنى ئاساس قىلىپ ياردەم پائالىيىتنى باشلاتتۇق.ھەركىم ئۆزىنىڭ ئاتىغانلىرىنى بەردى،بەزەنلەر ئىسم ۋە كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ ياردەم قىلغانلارمۇ بولدى.

 

بىز بۇ قېتىم مىللىتىمىزنىڭ قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى ھەمكارلىق روھىنى كۈچلۈكلىكىنى،ياردەمسۆيەرلىكىنى كۆردۇق.ئىنشائاللاھ بۇ قىيىنچىلىقىنىمۇ ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن ساق سالامەت ئاتلىتىمىز. بارلىق شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋەھىمىسدە قالغان مەسۇم ئىنسانلارغا دۇئالىرىمىزدا بۇ ۋابانى قازاسىز –بالاسىز ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيمىز- دېدى.

 

ۋىرۇس ياردەم مەركىزى 27 ئاپرېلدىن باشلاپ ئىستانبۇلدا سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان «كۆك ئاي ئىنسانى ياردەم ۋەقپى»ئىشخانىسىدا يىغىلغان ياردەم مەبلىغىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ياردەم ئوبېكتىلىرى تىزىملىتىلغاندىن كېيىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ،ئايرىم –ئايرىم تېلېفوندا چاقىرىلىپ ھەر بىر ئائىلىگە 500 لىرادىن ياردەم تارقىتىلغان. 27-ئاپرېلدىن 30-ئاپرېلغىچە «كۆك ئاي ئىنسانى ياردەم ۋەقپى»ئىشخانىسىدا 4-ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىتىنىڭ ئىشخانىسىدا ياردەم تارقىتىلىشقا باشلىغان.

 

بەزەن قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەنىڭ پەرقلىق شەھەرلىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ياردەمگە ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ياردەم پۇلى ھىساباتىغا ئورۇپ بېرىلگەن.

 

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن تۇرغۇنجان ھاجىم ھازىرغىچە 400 دىن جىق ئوقۇغۇچى تىزىملانغانلىقىنى،2000 ئائىلە شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ياردەم ئوبېكتى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ،ۋە ياردەمنىڭ مۇشۇ ئاساستا تارقىتىلغانلىقىنى،ياردەم تارقىتىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى،شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى،شەرقى تۈركىستان ۋەقپى،ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقپى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلغانلىقىنى ۋە بىرلىككە كەلگەن بىر ھەيئەتنىڭ «كۆك ئاي ئىنسانى ياردەم ۋەقپى»دە ياردەم تارقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىگە ھازىرغىچە71.456 1.0  لىرا توپلانغان بولۇپ،بۇنىڭدىن 633.200 لىرا ياردەم تارقىتىلغان. بۇ مەركەزگە تەشكىلاتلار توپلىغان ياردەملىرىنى يەتكۈزگەن .

 

شەرقى تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى مۇھىتتىن جانئۇيغۇرمۇ  بۇ قېتىمقى خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىگە قارشى تۇرۇشتا ،شەرقى تۈركىستان ۋەقپى،ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقپى،شەرقى تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىمۇ ، ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى نامىدىن ھازىرغىچە  يۈزمىڭ لىرادىن جىق نەق پۇل ياردىمى تارقاتقانلىقىنى، ۋە يەنە1000 ئائىلىگەرامزانلىق يېمەكلىك  ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

شۇنداقلا ئۇ يەنە ،پۈتۈن دۇنيادىكىگە ئوخشاشلا خىتاي ۋىرۇسى تۈركىيەدىمۇ تەسىرىنى كۆرسەتتى. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار تېخىمۇ تەس كۈنگە قالدى.بۇ  مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى ئاساسىدا كىرىزىس يەردەم مەركىزى قۇرۇلدى.بارلىق شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بەراۋەرلىك ،ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى ئاساسىدا قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش پىلانلاندى. بىزمۇ شەرقى تۈركىستان ۋەقپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يىللاردىن بېرى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان ياردەمنى بىزمۇ كىرىز ياردەم مەركىزى نامىدا ئېلىپ باردۇق.ئېلىپ بارغان ياردەم يەتكۈزۈش پائالىيىتىمىزدە ياشلار تەشكىلاتى مەسئۇلى ئىلخان تۇرانلى ،شەرقى تۈركىستان ۋەقىپدىن تەبەت يۈجەتۈرك،كېچە –كۈندۈز ياردەم پاكېتلىرىنى تەييارلاش،تارقىتىشتا نازارەت قىلدى.ۋىرۇس كىرىزىسى مەسىلىسىدە بارلىق تەشكىلاتلار كۆرۈشلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى،ۋە ئايرىم تەشكىلاتلار بولۇشىغا قارىماي ،سۆز ۋەتەن ،مىللەت بولغانكەن بىردەكلىك ئىچىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ،ئالدى بىلەن خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلاندى .بۇ ھەمكارلىق روھىنىڭ خىتاي فاشىزىمىغا قارشى ھەر زامان مۇشۇ شەكىلدە داۋام قىلىشىنى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ كىرىزدىن قازاسىز، بالاسىز چىقىشىغا تىلەكداشمەن دىدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلانماقتا

پە ماي 7 , 2020
ئامېرىكا ، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى مەۋقەسىنى قاتتىقلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچى كۆپلۈك رەھبىرى مىچ مەكانىل ، ترامپ ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە چاقىرىق قىلغان بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ يېقىندا تەستىقتىن ئۆتۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

You May Like