خىتاي ۋىرۇسى سانلىق مەلۇماتى: دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 86 مىليون، ئامېرىكىدا 21 مىلىيوندىن، ئامېرىكىدا ئۆلگەنلەر 357 مىڭدىن ئاشتى.
ئافراسىياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- يانۋار
خىتاي ۋىرۇسى دۇنيا بويلاپ تارقالغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە يۇقۇملانغانلار 86 مىلىيوندىن ئاشقان، ئۆلگەنلەر 2 مىلىيونغا يېقىنلاشقان. ئامېرىكا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەت بولۇپ، يۇقۇملانغانلار 21 مىلىيوندىن ئاشقان، ئۆلگەنلەر 357 مىڭدىن ئېشپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكىدا كېسەللىكنىڭ بۇ قەدەر ئېغىرلاپ كېتىشى پەقەت پۇقرالارنىڭ ھاياتىغىلا ئەمەس، ئىقتىساد، مائارىپ ۋە نورمال ھاياتنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ يېتەرلىك چارە-تەدبىر قوللانماسلىقىدىن بولسا، پۇقرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆزىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىنمۇ بولغان دەپ قارالماقتا.