خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئايال پادىشاھ مېيىت ساقلاش ئۆيىگە كىرىشى چەكلەنگەن

خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئايال پادىشاھ مېيىت ساقلاش ئۆيىگە كىرىشى چەكلەنگەن

خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئايال پادىشاھ مېيىت ساقلاش ئۆيىگە كىرىشى چەكلەنگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 16-سېنتەبىر

ئەنگلىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايال پادىشاھ ئېلزابېتنىڭ مېيىتى ساقلانغان Westminster Hall زالىغا يېتىپ كەلگەن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللىرى ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى باشلىقى گراف Lindsay Hoyle  تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ توسۇپ قېلىشىنى خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق ئەنگلىيەنىڭ يەتتە نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا جازا ئېلان قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئەمما كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئايال پادىشاھنىڭ دەپنە مۇراسىمغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىنغان. رۇسىيە، بېلارۇسىيە، سۈرىيە، ئافغانىستان، ۋىنزۇئىلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىنمىغان. ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا شى بۇ دەپنە مۇراسىمغا قاتناشماي خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن قاتنىشىدىكەن.

ئەنگلىيە bbc تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدىن يەتتە نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تاشقى ئىشلار ۋەزىرىگە خىتاب قىلىپ ئۇلارنىڭ خىتاي رەئىسى شى غا ئەۋەتكەن تەكلىپىنى دەرھال بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى رەئىسى  Laughton بۇ ھەقتە bbc  مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: « دۆلىتىمىز ھەرگىزمۇ بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان دىكتاتور ھاكىمىيەت بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلماسلىقى كېرەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، 60،70-يىللاردىكى تىبەتلەرگە يۈرگۈزگەن يوقىتىش سىياسىتى ۋە خوڭكوڭدىكى ئەھۋاللارغا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك.»

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ئەنگلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنىشى بىر تۈرلۈك دىپلوماتىك قائىدە دەپ جاۋاب بەرگەن.

تۈركى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بەس-بەستە خىتايغا ساداقەت بىلدۈرۈۋاتقان پەيتىدە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان كەسكىن پوزىتسىيەسى ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما بولغان.

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدوف شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شە سېنتەبىر 17 , 2022
گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدوف شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

You May Like