خىتاي تەرەپدارى دوكتور پېتىر داسزاك «ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش» كومىتېتىدىن چىقىرىلدى

خەلقئارا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئات، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان » ئوپېراتسىيە پىچىقى » (The Lancet) ژۇرنىلى 22- ئىيۇن ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېتىدە بايانات بېرىپ دوكتور پېتىر داسزاك (Peter Daszak) نى «خىتاي ۋىرۇسى» كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 22- ئىيۇن

 

ئارمان

 

خەلقئارا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئات، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان » ئوپېراتسىيە پىچىقى » (The Lancet) ژۇرنىلى 22- ئىيۇن ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېتىدە بايانات بېرىپ دوكتور پېتىر داسزاك (Peter Daszak) نى «خىتاي ۋىرۇسى» كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىغان.

 

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى، دوكتور پېتىر داسزاكنىڭ 2020-يىلى فېۋرالدا 20دىن ئارتۇق تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن ئېقىپ چىققانلىق كۆز قارىشىنى قەتئىي رەت قىلغانلىقىنى، ھەمدە بۇ كۆز قاراشنى خىتايغا قارشى «سۇيقەست نەزەرىيەسى » دەپ بېكىتكەنلىكىنى بايان قىلغان . فرانسىيە «مارسېل خەۋەر گېزىتى» مۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ : » ئوپېراتسىيە پىچىقى » ژۇرنىلىدا يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ۋىرۇس توغرىسىدىكى ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى دوكتور پېتىر داسزاك ئۆزى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇپ نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

 

پېتىر داسزاك 2021-يىلى مارت ئايلىرىدا بېيجىڭنىڭ رۇخسىتى بىلەن «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى» مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ۋۇخەنگە بارغان بولۇپ، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولغان، يەنى: ۋىرۇسنىڭ» ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن» ئېقىپ چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن دېگەن يەكۈن چىقىرىلغان. ئەمما كېيىنكى مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە پېتىر داسزاك » ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى» نىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى شۇنداقلا ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ چىققان.

 

» ئوپېراتسىيە پىچىقى» ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈن ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن : » مەزكۇر ژۇرنال باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ۋىرۇسى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەڭ ئادىل ۋە توغرا بولغان ئاخىرقى يەكۈنىنى چىقىرىشى ئۈچۈن شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يېڭىدىن تارقىلىش ئېھتىمالى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش سىياسەتلىرىگە پايدىلىق بولغان مەسلىھەتلەرنى يەكۈنلەپ چىقىشى ئۈچۈن، كومىتېتنىڭ تېخنىكىلىق خىزمەتلىرىنى چوقۇم مۇستەقىل، تەرەپ تۇتمىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن دوكتور پېتىر داسزاك ئەپەندى بۇ قېتىملىق ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تىزىملىكىدىن چىقىرىلدى».

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

''''ئۇيغۇر ھەرىكىتى'''' نىڭ‌ ساھىبخانىلىقىدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات، دەرنەك رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىۋىتىسلەر جەم بولدى

سە ئىيۇن 22 , 2021
ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئاكتىۋىتىسلەرنى يېتىشتۈرۈش كۇرسى 18_ئىيۇن ئاخىرلىشىپ ، كۇرسانتلارغا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىلدى . شۇنداقلا 19_ئىيۇن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا" DoubleTree by Hilton" مېھمانخانىسىدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات، دەرنەك رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىۋىتىسلەر جەم‌ بولۇپ ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

You May Like