خىتاي سۇيىقەستىگە خىتاي تەدبىرى(4)

خىتاي سۇيىقەستىگە خىتاي تەدبىرى(4)

يالغان قىيناق ھىيلىسى ھەققىدە بىر ئەسلەتمە

نەجمىدىن شىرىف 

يالغان قىيناق ياكى تەتۈر قىيناق ھىيلىسى (苦肉计) خىتاينىڭ 36 تەدبىرى ئىچىدىكى 34- ھىيلە بولۇپ، كۆپ ھاللاردا بىرىنچى تەدبىر كۆز بوياش ۋە 6-تەدبىر ئۇياقتىن شەپە بېرىپ بۇ ياقتىن زەربە بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ. تارىختىن بېرى ناھايىتى كۆپ قوللىنىلغانلىقىغا باقماي يەنە داۋاملىق قوللىنىلغان بۇ كۆز بوياش ھىيلىسىنىڭ راست -يالغاننى ئالماشتۇرۇپ باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇشتا ناھايىتى زور رولى بار. 

كونا تارىختىكى شىراقنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىيناق ھىيلىسىنى مىسالغا ئالمىغاندىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېيجىڭنى تىنچلىق بىلەن ئىشغال قىلىش ئالدى كەينىدىكى ھىيلىسى، بىلىپ قويۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ. 
1948-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن گومىنداڭنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇش شىددەتلىك داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  ئەسلىدىكى ياپونىيەنىڭ تەسلىمى ئارقىلىق قوبۇل قىلغان شەرقىي شىمالدىكى سانائەت ئاساسىي كۈچلۈك رايونلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بىلەن، بىراقلا كۈچىيىپ غەلىبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىدى.

جىياڭ جىېشىنىڭ « بىر مىليون ئەسكەر قۇربان بەرسەكمۇ بېيپىڭنى(ئەينى چاغدىكى بېيجىڭنىڭ ئىسمى) قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شىمالى ھەربىي رايوندىكى قوشۇننى كۈچەيتىش ۋە «قىزى مەخپىي كوممۇنىست، سىياسىي مەيدانى تەۋرەپ قالدى» دەپ گۇمان قىلىپ، شىمال باندىتلارنى تازىلاش قوماندانلىق شتابىنىڭ گېنېرالى  فۇ زويىنى ئالماشتۇرۇش مەسلىھەتى قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ماۋ زېدوڭ 43 كىشىلىك ئەپۇ قىلىنمايدىغان ئۇرۇش جىنايەتچىسى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ «تىزىملىكتىكىدىن باشقا ھەرقانداق گومىنداڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار، تەسلىم بولسا ياكى ماسلاشسا ئەپۇ قىلىنىدۇ» دەپ ئېلان قىلىدۇ. جىياڭ جېشى بىرىنچى نومۇرغا تىزىلغان 43 كىشىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى تىزىملىكىدە، لى زۇڭرېن، كۇڭ شىاڭشى، سۇڭ زىۋېن، سۇڭ مېيلىڭ، قاتارلىق ھەقىقەتەنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەڭ ئۆچ، گومىنداڭنىڭ ئەڭ مۇھىم ئادەملىرى بار بولۇپ،  30-ئورۇنغا تىزىلغان فۇ زويى ھەتتا كومپارتىيە بىلەن قان قىساسى بولغان 40- ئورۇندىكى ما بۇفاڭنىڭمۇ ئالدىغا تىزىلغان ئىدى. تىزىملىكنى كۆرگەن جىياڭ جېشى، فۇ زويى ھەققىدىكى گۇمانلارنى ئاساسسىز دەپ قاراپ  داۋاملىق ئىشقا قويىدۇ ۋە ھەتتا تانكا ۋە ئامېرىكا قوراللىرى بىلەن سەپلەنگەن تېخىمۇ كۈچلۈك قوشۇن سەپلەپ بېرىدۇ. 

گومىنداڭنىڭ شىمالى جۇڭگودىكى ئەڭ ئاساسلىق ھەربىي قوشۇنىنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان فۇ زويى، 1949-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى كومپارتىيە بىلەن بېيپىڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، قوشۇنلىرىنى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى كومپارتىيە ئارمىيەسى بىر پاي ئوق ئاتمايلا بېيپىڭغا كىرىدۇ.

بۇ چاغدا جىياڭ جېشى، فۇ زويىنىڭ ئەسلىدە ماۋ زېدۇڭ بىلەن ئاستىرتىن تىل بىرىكتۈرۈپ بولغانلىقىنى، ماۋزېدۇڭنىڭ يالغان قىيناق ھىيلىسىگە ئالدانغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ئاللىبۇرۇن كېچىككەن ئىدى. 

(تەھلىل ۋە قارشى تەدبىر ھەركىمنىڭ تەپەككۈر قىلىشىغا قويۇلدى)

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تېسلا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى غۇلغۇلا قوزغىغان

سە يانۋار 4 , 2022
تېسلا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى غۇلغۇلا قوزغىغان

You May Like