خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەن تونۇغۇچى كودى

خىتاينىڭ ئېلېكتىرونىك نازارەت ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان جېجياڭ داخۇا تېخنىكا شىركىتىنىڭ، چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى ئىجرا قىلىدىغان سۇنى ئەقىل يۇمتېلىدا ئۇيغۇرلار تونۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئىرقىي تونۇغۇچى بىر كودنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

يەلكىن

 

2020-11-6

 

خىتاينىڭ ئېلېكتىرونىك نازارەت ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان جېجياڭ داخۇا تېخنىكا شىركىتىنىڭ، چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى ئىجرا قىلىدىغان سۇنى ئەقىل يۇمتېلىدا ئۇيغۇرلار تونۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئىرقىي تونۇغۇچى بىر كودنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

 

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتىدە (South Chine Moring Post)  ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان سېرگې بازانسكى ئىسىملىك يۇمتال بىخەتەرلىك ئىنژېنېرى ، شەخسىي تىۋاىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇردا، شىركەتنىڭ  ئېلېكتىرونلۇق نازارەتچى ئەسۋابلىرىدا ئىجرا قىلىنىدىغان يۇمتاللارنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۇچۇن تورغا قويۇلغان ئوچۇق مەنبەلىك يۇمتال ئىشلەش پىروگراملىرى ئىچىدە «مىللىتى: ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ يەر ئالغا  كودلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

«ئۇيغۇر» ۋە «باشقىلار»

 

كودلارنى ئېكراندا ھەمبەھىرلىگەن بازىنىسكى،«مىللىتى» ئىسىملىك بىر ئايرىغۇچى كاتېگورىيەسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ كاتېگورىيەنىڭ ئاستىدا «نامەلۇم»، «ئۇيغۇر»، «باشقىلار» ۋە «بايقىيالمىغان » قاتارلىق تاللاشلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

 

بۇ يەردىكى بايقاش ۋە تونۇش فۇنكسىيەسىنىڭ يۇمتالغا تاسادىپىي ئارىلىشىپ قالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بازىنىسكى « ئادەتتە شىركەتلەر بۇنداق يۇمتال ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەخسۇس پىروگراممىلارنى مۇلازىمەتكە قويغاندا، خۇددى تاشقا ئويغان نەقىشتەك بولىدۇ. بىر نەرسىنى سەۋەنلىك بىلەن ياكى تاسادىپلىق بىلەن قويۇپ قويغان بولمايسىز» دەپ شەرھلىدى.

 

كودنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن، داخۇا توردىكى گىتخاب (Github) سۇپىسىغا ۋە ئۆزىنىڭ مەخسۇس تور بېتىگە قويغان يۇمتال ئىشلەش كودلىرىنى ئۆچۈرۈپ، مىللەت ئىسىملىرى ئۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى چىقىرىپ قويغان.

 

جېجياڭ داخۇانىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە بەرگەن بايانىتىدا « شىركەتنىڭ  مەخسۇس مىللەت تونۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ھەرقانداق بىر مەھسۇلات ساتمىغان»لىقىنى ئىپادىلىگەن.

 

«ئۇيغۇر» نىڭ ئورنىغا «يەھۇدىي » ياكى « ئەرەب» دەپ يېزىلغان بولسىدى، دۇنيا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولاتتى.

 

ئىسرائىلىيەلىك تور بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى ران لوكارنىڭ  كۆز قارىشى بېرىلگەن خەۋەردە، بىر ئاساسىي كود خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بۇ قېلىپقا باشقا تونۇغۇچىلارنى قوشۇپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ يۇمتاللار بىلەن مۇلازىمەت بەرگەن نازارەتچى ئەسۋابلارنىڭ ئېتنىك جازالاشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى  ئاگاھلاندۇردى.

 

مەسەلىنىڭ ئەخلاقىي قىسىمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان لوكار «ئەگەر <ئۇيغۇر> نىڭ ئورنىغا <يەھۇدىي> ياكى < ئەرەب> دەپ يېزىلغان بولسىدى، دۇنيا ئاللىقاچان ئوڭ-تەتۈر بولۇپ كېتەتتى» دېدى.

 

ئامېرىكانىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى

 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەك كۆلەملىك نازارەت قىلىپ ھەق-ھوقۇقۇنى دەپسەندە قىلىشتا رولى ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ  سۈنئىي ئەقىل ۋە نازارەت تېخنىكىسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارغان 11 شىركىتى جازالاش تىزىملىكىگە ئالغان ئىدى ۋە جېجياڭ داخۇا شىركىتىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

 

مەنبە: تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، 11 – نويابىر خەۋىرى.

 

https://www.dunyabulteni.net/cin/cinli-sirketten-uygur-turklerini-hedef-alan-etnik-tanimlayici-kod-h482698.html

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

گېرمانىيە ئاخبارات خادىمىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى: خىتاي دۇنيا ھاكىمىيىتىگە بەك يېقىن

جۈ نويابىر 6 , 2020
گېرمانىيە ئالاھىدە ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقى خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈم قىلىشقا بەك يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە ياۋروپانىڭ بۇ تەھدىتىنى بايقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

You May Like