خىتاي شى جىنپىڭنىڭ يەرشارى ستىراتىگىيسنىڭ پەسكەشلىكى ئاشكارىلاندى!

ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشى شى جىنپىڭنىڭ يەرشارى ستىراتىگىيسنىڭ پەسكەشلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.

ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشى شى جىنپىڭنىڭ يەرشارى ستىراتىگىيسنىڭ پەسكەشلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.

 

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئ‍ەسلى خەۋەر مەنبەسى: ۋاشنگىتون كۈزەتكۈچىسى گېزىتى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تۇمارىس ئالماس

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

  خىتاي پىرزىدىنتى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىتى ختتايلىقلارنىڭ ھاياتىنى گۈللەندۈردى ۋە يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تېنىچلىق بىلەن ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى دەپ ئېلان قىلدى .شى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى شى نىڭ يالغانچىلىقىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئىسپاتى ئىدى .ترامپ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يىتەرلىك ئىپادە بىلدۈرىشى كېرەك.   شى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنىڭ مەقسدى ۋە دائىرسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.   «ۋول كوچىسى ژۇرنىلى»نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر مىليون ئۇيغۇر (ختتاينىڭ غەربى شمالىدا ياشاۋاتقان ئاساسلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق گۇرۇپ) «قايتا تەربىيلەش مەركىزى» گە قامالغان .ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى مەركەز بېيجىڭدىكى پارتىيە مەركىزى كومېتتىغا سادىق بولۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ .ئەمما شى نىڭ چۇماقچىلىرى جازا لاگىرلىرىنى دەم ئېلىش شەكلىدىكى كەسپى تەربىيلەش مەركەزلىرى دەپ تەسۋىرلىسمۇ ،ئۇ يەردە يېتىپ چىققانلار ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرىشچە، ئۇلار ئادالەتسز تۇتقۇن قىلىنىش ،قاتتىق خورلىنىشقا دۇچ كەلگەن ھەمدە ئۇلاردىن ئىدىئولوگىيە جەھتتە ساپ بولۇش تەلەپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ كۈپلەتلىرى -ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى،مەدەنىيتى ۋە ئنسانى ھوقۇقىنى باستۇرۇشنىڭ پەقەت بىرلا يۈزىدۇر خالاس.   شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى،گەرچە ختتاي تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتا ئۇيغۇر جەمئىيتنى مەنبە قىلغان كۈنسايىن ئېشۋاتقان خىرىسلارغا دۇچ كەلسمۇ ،ئەمما ختتاينىڭ قوللانغان تەدبىرى 1940-يىللىرىنىڭ باشلىرىدائامېرىكىنىڭ ئامېرىكىلىق ياپونلارغا قوللانغان تۇتقۇن قىلىش سياستىدىنمۇ كۆپ ناچار. 2018-يىلىدىكى ختتايدا،دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش ھوقۇقى پەقەت خاتا يتەكلەنگەن بىخەتەرلىك سياسىتى ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى شەخسنىڭ كىملىكىنى كوممۇنستىك ھاكىممۇتلەقلىققا مۇتلەق بويسۇنۇشقا كىشەنلەپ قويۇش ئۇچۇنمۇ ئشلىتىلمەكتە.   ئۇنىڭدىن باشقا، شى جىنپىڭ «Khemer Rogue» (كامبودىيە دىكتاتور رىجىمى-ت) ئۇسلۇبىدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە. خىتاي خەۋىپسىزلىك دائىرلىرى ھەتتا ئامىركا ۋە فىرانسىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئاۋارچىلىق كەلتۈرمەكتە.   ئامىرىكىنىڭ يۈزلىنىۋاتقىنى ئومۇملاشقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئامىرىكا ختتاي ئوتتۇرسىدىكى جۇغراپىيىلىك سىياسى توقۇنىىشىدىكى ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا بىرىپ باغلىنىدۇ . چۈنكى شىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى شىنىڭ فىئوداللىق تۈزىمىنى ئامىرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئۈستىگە قۇرغان خەلىقارالىق تۈزۈمنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ پۈتۈن دۇنياغا خوجا قىلىش نىيىتىنى ئاشكارلاپ بەردى . بۇ زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ  خىرىس.   ئامىرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى ۋە بىتەرەپ دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ سالغان زور مەبلەغلىرگە ياكى خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى ۋە سىياسى بېسىمىغا ئۇچرىماقتا.شىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى ھەتتا ئەنگىلىيەنىمۇ قىزىقتۇرماقتا.   ئنسانىيەت تارىخىدا ئنسانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئنسانى ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا باشقا ھەر قانداق تەرتىپتىن كۆپ تۆھپە قوشقان ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تەرتىپ دۇچ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى يىراق شنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت)دا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرازىلىيە ،لوندون ،يېڭى دىھلى ،پارىژ ۋە پىروتورىيەدە ياشايدىغان كىشلەرنىڭ كەلگۇسى ھاياتىدا دۇچ كىلىدىغان مەسلىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىشى كىرەك .   ختتاي بىزگە كىشىلىك ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلۋاتىمەن دەپ خەلقىنى «قايتا تەربىيە» لىمەكتە .مەبلەغ سېلىشنى باھانە قىلىپ دېڭىز رايونىنى كېڭەيتمەكتە .بىر يول -بىر بەلباغ سىياسىتىنى ھەممىگە پايدىلىق كۆرسۈتۈپ ،يەنە بىر ياقتىن باشقىلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈكىنى ئوغۇرلىماقتا .بىر قولىدا باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشنى كۆتۈرۋېلىپ ،يەنە بىر قولىدا ئۆزخەلقىنى جازا لاگىرلىرىغا سولىماقتا . بىز قەتتىئي شى نىڭ چالغان دىپىغا ئۇسۇل ئوينىماسلىقىمىز كېرەك . پىرزدىنت ترامپ دۆلەت مىنىستىرلىكى مايىك پومپىيو ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى جىم ماتتىس قا يول يۇرۇق بېرىپ ، يېڭى ئىتتىپاقداشلىق قۇرۇشى ، تېخىمۇ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلقىغا قارشى تۇرۇشى ،ھەمدە  ئىنسانلارنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى قوغدىشى كېرەك.  

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ چىن چۋەنگونى جازلاش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسى

چا ئاۋغۇست 29 , 2018
مەزكۇر ھۇججەت مەزكۇر كومېتىت تەتقىقات بۆلۇمنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

You May Like