خىتاي ساختا ئۇيغۇر ئالىملىرى يىغىنى ئېچىپ جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان

خىتاي ساختا ئۇيغۇر ئالىملىرى يىغىنى ئېچىپ جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان

ئۇيغۇر تېكىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-يانۋار

2021-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى پرېزىدېنت جو بايدېن «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارشى ئاتالمىش « ئۇيغۇر ئالىملىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇپ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. خىتاي تاراتقۇسى «خەلق تورى»نىڭ 2021-يىلى 29-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاتالمىش «شىنجاڭ» يەرلىك دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر « مۇتەخەسسىس»، «ئالىم» لارنى يىغىپ مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش توغرىسىدىكى سىياسەتلىرى توغرىسىدا ساختا گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىغىنغا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» دىن كەلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ماختاپ، ئاقلىغان.

يىغىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى گۈلنار ئىدرىس سۆز قىلىپ «جەنۇبىي شىنجاڭ» رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى «تەھلىل» قىلغان، ھەمدە ئۇشبۇ رايونلاردىكى جۇغراپىيەلىك شارائىتنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى شەك قىلىپ تۇرۇپ: «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرى بىر مەھەل ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن ئىدى.» دېگەن. ئارقىدىن قىلغان سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي سۈرگۈندە قىلىش سىياسىتىنى ئاقلاپ مۇنداق دېگەن: «  بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نۇرغۇن نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياردەم بەردى…يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئىشلەمچىلەر شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، يېڭى ماھارەت ئىگىلەپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى شۇنداقلا تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلىدى.»

ئاتالمىش «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ لېكتورى سابىنا مۇتەللىپ سۆزگە چىقىپ مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان ئاتا-ئانىسىدىن، خوتۇن-بالىلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىۋېتىلىپ يىراق خىتاي ئۆلكىلىرىگە پالانغان ئۇيغۇر ياشلىرى توغرىسىدا ساختا گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېگەن: « شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى.»

«خەلق تورى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: « يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن ئالىم بىردەك مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى ۋە ساختا ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى»گە ئىمزا قويۇپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سالدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار كارخانىلار ۋە مەھسۇلاتلارنى جازالىشى ۋە بېسىشى ماھىيەتتە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇقىنى مەھرۇم قىلغانلىق.»

 

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى مۇنداق دېدى:« خىتاي دائىرىلىرى بار كۈچى بىلەن ھەقىقەتنى بۇرمىلىماقچى، يالغاننى راست قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، گەرچە ئۇنىڭغا خىتايلار ئىشەنسىمۇ ئۇيغۇرلار ئىشەنمەيدۇ، بولۇپمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى دۇنيا ھازىر خىتاينىڭ رەزىل ماھىيىتىنى بارغانسېرى روشەن ھالدا كۆرۈپ يەتمەكتە.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

جىددىي! ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا

پە يانۋار 6 , 2022
جىددىي! ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا

You May Like