خىتاي، روسىيە ۋە ئىران تۆت كۈنلۈك دېڭىز ئۈستى مانېۋېرى ئۆتكۈزمەكچى

28-چىسلا خىتاي، روسىيە ۋە ئىران 4كۈنلۈك دېڭىز ئۈستى مانېۋىرىنى باشلىدى. خىتاي خەۋەر توربەتلىرىدە «دۆلىتىمىز دېڭىز ئارمىيسى تارىختا مىسلىز دېڭىز ئۈستى مانېۋىرى ئۆتكۈزۈمەكچى» دەپ خەۋەر تارقاتتى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى : سايئوغلى

 

2019-12-28

 

28-چىسلا خىتاي، روسىيە ۋە ئىران 4كۈنلۈك دېڭىز ئۈستى مانېۋىرىنى باشلىدى. خىتاي خەۋەر توربەتلىرىدە «دۆلىتىمىز دېڭىز ئارمىيسى تارىختا مىسلىز دېڭىز ئۈستى مانېۋىرى ئۆتكۈزۈمەكچى» دەپ خەۋەر تارقاتتى. خىتاي ئارمىيسى شى جىنپىڭنىڭ قولىدا ئۇنىڭ بۇيرىقى بولمىسا بىر تال ئەسكەر يۆتكەلمەيدۇ. بولۇپمۇ ئىرانغا ئەسكەر ئەۋەتىپ مانېۋر ئۆتكۈزۈش بىۋاستە شىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئۈچ كۈچ قانداق بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ قالدى؟ ئوتتۇرا شەرىقتە ئۇرۇش باشلانسا بۇ ئۈچ كۈچ يەنە مۇشۇنداق ئىتپاقنى ساقلىيالامدۇ؟
بۇ ئىتپاق دېڭىز يۈزدىكى قەغەز يولۋاستىن ئىبارەتتۇر. بۇ مانېۋر شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا كۈچ كۆرسىتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، شى جىنپىڭ روژدېستىۋو بايرىمىدىن بۇرۇن بىر قېتىم مۇساپىسى ئامېرىكىغا يېتىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، لېكىن نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىدى. ئارقىدىن شەندۇۇڭ ماركىلىق ئاۋياماتىكىنى تەييار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈچ كۆرسىتىش بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرسىتىشى ناتايىن. چۈنكى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچكە چىقارغان چىقىمى كۆپ بولسىمۇ لېكىن خىتاي خەلقىنى بېسىپ تۇرۇش ئۈچۈن خەجلىگەن چىقىمى ھەربىي كۈچ ۋە ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا خەجلىگەن پۇلىدىن كۆپ، سىرتقى دۇنياغا كۈچلۈك كۆرنگەندەك ئۇ قەدەر كۈچلۈك ئەمەس. خىتاينىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى يەنىلا خەلىقنىڭ قوزغىلىپ كېتپ ھىساپ ئېلىشىدۇر.
خىتاينىڭ ئالدىنقى قېتىم تەيۋەنگە ھەيۋە قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئاۋياماتىكىسى بۇنى بىر قېتىم ئىسپاتلىغان. گەرچە تەيۋەنگە ھەيۋە قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ تەيۋەن تەرىپىدىن ئۇ ئاۋياماتىكىنىڭ 10خىل ئاجىزلىقى ئېلان قىلىنغان. جەڭ قىلىش ئىقىتىدارى، يۆلنىش ئۆزگەرتىش جەھەتتىن قاتتىق ئاجىزلىقى بايقىلىپ قالغان. «دېڭىزدىكى قەغەز يولۋاس » دەپ ئاتالغان.
بۇ قېتىم شى جىنپىڭ روسىيە ۋە ئىراننى قوللىنىپ ئامېرىكىغا كۈچ كۆرسەتكەندەك قىلغان بىلەن ئۆزى زىيان تارتتى. چۈنكى بۇ كۆرۈنگەندەك كۈچلۈك ئىتىپاق ئەمەس، پەقەتلا دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى دوست دىگەن سىياسى نەزىريەنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ئىتتپاق.
ئىران ئامېرىكا تەرەپتىن ئىمپارگو يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن روسىيە ۋە خىتايدەك ئىككى چوڭ كۈچ بىلەن كۈچ كۆرسىتىشكە ئېھتىياجىلىق شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قاتناشقان. روسىيە ب د ت دا ئېچىلغان سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىگە قارشى ئاۋاز قويغان بولۇپ خىتاي تەرەپ روسىيەنىڭ يۈزى ۋە مەنپەتى ئۈچۈن روسىيەنى قوللاپ 13دۆلەتكە قارشى ئىككى دۆلەت يېڭىپ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى ب د ت دا تەستىقتىن ئۆتمىگەن. خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ تەبىئى گاز تۇربىسى يېڭىدىن ئۇلانغان بولۇپ، خىتاي روسىيەدىن تەبىئى گاز ئېلىشقا ئىھتىياجى بولمىسىمۇ روسىيەدىن سېتىۋالغان ھەم باھاسىنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان. روسىيەدىن ئالغان بۇ گازنىڭ يۇقرى باھادا ئېلىنغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. شى جىنپىڭ پەقەت ئۆزىگە ئىتتپاق يىغىش ئۈچۈن مۇشۇنداق كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولۇپ، پەقەت مەنپەئەت ئىتتپاقدىن ئىبارەت. شۇڭا بۇنداق ئىتتپاقنى كۈچلۈك ئىتتپاق دىگىلى بولمايدۇ. ئىرانغا كەلسەك، ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ، خىتاي ھەردائىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىن نېفىت ئېلىشقا مۇھتاج، ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كەينىدە ئامېرىكا بار، شۇڭا ئۇرۇشتا ھەرگىزمۇ ئىران ئۈچۈن ئىتتپاقداش بولاممايدۇ . شى جىنپىڭ كونا ئادىتىگە ئوخشاش ئاۋازىنى يۇقىرى چىقىرىپ ئامېرىكىغا قورقاق سالماقچى بولغان، بۇ پەقەت ئۆز كۈچىنى خورتۇش بولۇپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلاممايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلنىدۇ ياكى چارە تېپىلىدۇ. ھەيۋە بىلەن ئەمەس. شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق ھاماقەتلەرچە سىياسەت تۇتىشى خىتاينىڭ ھالاكىتىگە سەۋەپ بولۇپ قالغۇسى.

 

مەنبەسى: خىتاي زىيالىسىنىڭ ئانالىزى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي زۇڭلىسى لى كېچىياڭنىڭ ماشىنا ئەتېرتى بىر موتېسكىلىت تەرىپىدىن قاتتىق چۆچىتىلدى .

شە دېكابىر 28 , 2019
26-چىسلا خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋە كورىيە پىرزىدىنتىنى كۈتۈۋېلىش جەريانىدا لى كېچىياڭنىڭ ماشىنا ئەتېرتى ماراكەشتىن خىتايغا ئۇقۇشقا كەلگەن بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ تېز سۈرەتتە موتېسكىلىت بىلەن يېنىدىن ئۆتۈشى بىلەن قاتتىق چۆچىتىلگەن.

You May Like