ۋاشىڭتون پوچتىسى ماقالىسى
ئاپتورى: جاستىن جەكوبس
2018- يىل 31- ئۆكتەبىر
تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم قىزى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ش ئۇ ئا ر رەئىسى شۆھرەت زاكىر خىتاينىڭ يىراق غەرب شىمالىدىكى ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان رايوندا «تېرورلۇققا ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن لايىھىلەنگەن «كەسپى مائارىپ ۋە تەربىيلەش پروگراممىسى» نىڭ مەۋجۇدلۇقىنى جەزملەشتۈردى. بۇ ئېتىراپنامە خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى نامىدا بىر پۈتۈن مىللىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىنى سېستىمىلىق ھالدا نىشانلىغانلىقىغا بولغان گۇماننى تېخىمۇ كۈچلۈك دەللىلىدى.
شۆھرەت زاكىر سىياسى جەھەتتە ھېچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئارقىدا تۇرۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغىنى ئاپتونۇم رايوننىڭ خىتاي سېكرىتارى چېن چۈەنگو. مەن ۋە باشقا تەتقىقاتچىلار دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن گۇۋاھلىقىمىزدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، چېن چۈەنگو 2016- يىلدىن بېرى ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى- تەرۇز يەتكۈزىۋاتقان نازارەت تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، مەدەنىي ئاسمىلاتىسىيە تۈسىنى ئالغان باھالاش ۋە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان كىشى. مۆلچەرلىنىشىچە، تەخمىنەن ئۈچيۈزمىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا سولانغان.
خىتاي رەھبەرلىرى بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتىسىيە قىلىشقا ئۇرۇنغان، ئەمما مەغلۇپ بولغان ئىدى. خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشى بىلەن، مەركىزى ھۆكۈمەت بەلكىم ھازىر ئاسمىلاتىسىيە پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى ئاسان ئىشتەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
خىتاينىڭ «مەدەنىيلەشتۈرۈش» ۋەزىپىسىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى
بۈگۈنكى كۈندە «شىنجاڭ»، يەنى «يېڭى تېرىتورىيە» دەپ ئاتالغان بۇ زېمىن تارىختىن بېرى قىسمەن ۋە ياكى ۋاقتلىق ھالدا بىر قانچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋەلىكى سانالغان. ئۇنىڭ ھازىرقى چېگرا سىزىقى بولسا 18- ۋە 19- ئەسىرلەردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ مانجۇ ھۆكۈمرانى باشچىلىقىدا بۇ رايون خەلقىگە قارشى ئېلىپ بارغان جەڭلىرىدە قازانغان غەلىبىلىرى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. مانجۇلار ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ مۇسۇلمان قەۋمنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىي، دىنىي ۋە تىل جەھەتتە پەرقلىق بولۇشىغا يول قويغان.
«ئارغامچىنى بوش قويىۋېتىش» تىن ئىبارەت بۇ سىياسەت 1864- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا گېنىرالى ياقۇپبەگ شىنجاڭ تەۋەلىكىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن بىر قېتىملىق ئېغىر سىناققا دۈچ كەلگەن. ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى بىر ئەۋلات خىتاي رەھبەرلىرى باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى ۋە روھىنى «ئالماشتۇرۇش» ئۈچۈن بۇ زېمىنغا قايتا كەلگەن. «چەنتو» دەپ كەمسىتىلگەن بۇ كىشىلەر ئارىسىدا كوڭزىچە قىممەت قاراشنى تۇرغۇزۇپ، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم ئىش دەپ بىلىشنى تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى يوق قىلىش ئىدى.
تۇنجى قېتىملىق كوڭزى مەدەنىيىتى تەرغىباتى شىنجاڭدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولغان 1884- يىلدىن 1911- يىلغىچە ئارىلىقتا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ئاسمىلاتىسىيە يۈرگۈزۈشكە نىسبەتەن ئىقتىسادى كۈچى ۋە سىياسى ھەۋىسى كەم بولدى. ھالبۇكى بۇ مەزگىللەردە رۇسلار، تۈركلەر ۋە بىرىتانىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولدى.
بۇ مەغلۇبىيەت توغرىلىقى ھازىرغا قەدەر ئىسپاتلىنىپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر ستراتېگىيىلىك لوگىكىنى دەلىللەيدۇ: شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى خىتاينىڭ سىياسى مەۋقەسىدۇر، ئەمما شىنجاڭدىكى ھەر قانداق ۋەقەگە قارىتا بېيجىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات نامىدىكى يېڭىلانغان ئاسمىلاتىسىيە تەدبىرلىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
بۇ ستراتېگىيەلىك باھالاشلاردا دېيىلمەي كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئەمەلىيەتتە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە قىستاۋاتقان ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتلەردىكى تەڭسىز مۇئامىلىسىدۇر.
شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئامما 1944- يىللىرى يەنە بىر قېتىملىق كوڭزىچە مەدەنىيلەشتۈرۈش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە دۈچ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىللىرى جياڭ جيېشىنىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسى بۇ رايوننى 30 يىلچە ئىشغال قىلغان خىتاي ھەربىي قوشۇنىنىڭ كونتروللىقىدىن تارتىۋالغان ئىدى. جياڭ جيېشى «خىتاي دۆلىتىنىڭ تەقدىرى» ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئاتالمىش پەرقلەر ئۇلارنىڭ ئىرقى ياكى قان سېستىمىسىنىڭ ھەر خىللىقىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە دىنىي ۋە زېمىن تەۋەلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ زېمىندىكى ھەر تۈرلۈك قەبىلىلەر ھەممىسى پەقەت بىرلا مىللەت، شۇنداقلا ئوخشاش بىر ئىرق ئايرىمىسىغا تەۋە.»
جياڭ جيېشى «خىتاي دۆلىتىدە پەقەت «خىتاي ئىرقى» يەنى «جۇڭخۇا مىللىتى» لا بار» دېگەن قارىشىغا ئىشىنەتتى. مەن «شىنجاڭ ۋە زامانىۋى خىتاي دۆلىتى» ناملىق كىتابىمدا يازغىنىمدىكىدەك، 1944- يىلى جياڭ جيېشى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك سەبدىشى ۋۇ جوڭشىننى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بىرىنچى قول رەھبىرى قىلىپ تەيىنلەپ، يۇقىرىقى كۆز قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئەمما، سوۋېت ئارمىيىسى ۋە مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان، ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تەشكىللەنگەن توپىلاڭچىلار بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقت ئىچىدە جياڭنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلىپ چىقتى. بەش يىلدىن كېيىنكى 1949- يىلى گومىنداڭچىلار ماۋزېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تىكلەشكە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى تەيۋەنگە قېچىپ كەتتى.
شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە يېڭى پىلانلىرى بار
خىتاي سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى يەنە «بىر جۇڭخۇا مىللىتى» ئىدىئولوگىيەسىنى، «يېڭىچە قىياپەت» كە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى ۋە خىتاي تىلىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەرغىب قىلماقتا. مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ سىياسى- جۇغراپىيىۋىلىك ئالاھىدىلىكىدىن شەكىللەنگەن ۋەھىمىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ رايون ۋە يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا دەۋرلەردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن سىياسى مەۋقەسىگە قايتتى.
بۇ يەردە ئۆزگەرگەن بىر نەرسە بار: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر تېرورچىلار تيەنئەنمېندا ماشىنا ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈش، كۇنمىڭدا پىچاق كۆتىرىپ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم ۋەقەلەرنى تۇغدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى.
2018- يىلى خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى ئەينى يىللىرى چىڭ سۇلالىسى ۋە گومىنداڭ دەۋرىدە ياشىغان ئەجدادلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھەر تۈرلۈك سىياسى- جۇغراپىيىۋىلىك ۋە ئىقتىسادى توسالغۇلارغا دۈچ كەلدى. چەتئەل پادىشاھلىرى خىتاينىڭ چېگراسىغا تەھدىت سالمىغان، خىتايمۇ غەرب كۈچلىرىگە قەرزدار بولۇپ قالمىغان بولغاچقا، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسى مۇقىمسىزلىقنىڭ كۆلەڭگىلىرىمۇ زور دەرىجىدە پەسەيگەن ئىدى. بۇ بېيجىڭ ئۈچۈن ئىنتىقام خەۋپىدىن ۋە باشقىلارنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىدىن ئەندىشىسىز ھالدا، شىنجاڭنى ئۆزلىرى خالىغانچە ئەدەبلەشكە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. خىتايدىكى بۇ ۋەقە ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئەللىرى بۇنىڭغا قارىتا زۇۋان سۈرمىدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئاسمىلاتىسىيەنى تۆكمە قىلىپ سېتىشتا خىتاينىڭ يولىدا پۇلىكاشاڭ بولۇۋاتقىنى دەل ئۆزلىرىنىڭ كومپارتىيە نىزامنامىسىدىكى «مىللەتلەر ئارا يول قويۇش» سىياسىتى. سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ماۋزېدوڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 1950- يىلى دۆلەت مىقياسىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە قارىتا رايون ۋە تىل- يېزىق ئاپتونومىيىسى بېرىش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ۋە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتا ئېتىبار قىلىش سېستىمىلىرىنى بەرپا قىلغان، بۇ سىياسەتلەردە بېيىجىڭنىڭ 1949- يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنى «ئازادلىققا ئېرىشتۈرمەكچى ئىكەنلىكى» قەيت قىلىنغان.
قارىماققا بېيجىڭ دۇنيانىڭ بۈگۈنكى شىنجاڭ ھەققىدە قانداق ئويلاشلىرى بىلەن كارى يوقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى مەۋقەسى ئۈستىدە تۇرۇپ ئويلىغاندا، مەيلى بۇ ئاسمىلاتىسىيە سىياسىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، خىتاي رەھبەرلىرى پەقەت كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ قارشىلىقى ۋە دۈشمەنلىشىشى ئۈچۈن ئۇرۇق سالماقتا. غەرب ئەللىرىدە يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان تېرورلۇق ۋەقەلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، مەدەنىيەت ۋە تىل – يېزىق ئاسمىلاتىسىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ سىياسى بىر پۈتۈنلۈككە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق كاپالەت يوق.