خىتاي قەشقەردىن كورلىغا كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى توشۇغان

9 – ئاينىڭ 17 -كۈنى «قورقۇنچقا قارشى ئۇرۇش» ناملىق يۇتۇيۇب ھېسابىدا «شىنجاڭ، يېڭى تەپسىلاتلار» نامىدا بىر سىن ھۆججىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى بىر سېكۇنتلۇق يېرىدە بۇ سىن ھۆججىتىنىڭ مەلۇم بىر كومپيۇتېر پروگراممىسى ئارقىلىق ئىچىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى ئاچقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرۈنۈش بار.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-يىلى 21-سېنتەبىر

9 – ئاينىڭ 17 -كۈنى «قورقۇنچقا قارشى ئۇرۇش» ناملىق يۇتۇيۇب ھېسابىدا «شىنجاڭ، يېڭى تەپسىلاتلار» نامىدا بىر سىن ھۆججىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى بىر سېكۇنتلۇق يېرىدە بۇ سىن ھۆججىتىنىڭ مەلۇم بىر كومپيۇتېر پروگراممىسى ئارقىلىق ئىچىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى ئاچقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرۈنۈش بار. بۇ كۆرۈرمەنلەرگە ۋىدىئو خاككېرلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ۋىدىئودا 3-4 يۈز ئەتراپىدا مەھبۇس كىيىمى كىيگەن ۋە كىيمىگەن تۇتقۇنلار خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا پويىزدىن چۈشۈپ يالاپ ئېلىپ مېڭىلغان. مەھبۇسلارنىڭ كىيىمىدە «قەشقەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ۋىدىئو ئېلىنغان كامېرانىڭ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى مەزكۇر ئورۇننىڭ كورلا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بۇ ۋىدىئونى ھەمبەھىرلەنگەن ناتان رۇسسېر كامېرا ۋە سىن كۆرۈنۈشىنى تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىپ، ۋىدىئونىڭ 2018 -يىلى كورلانىڭ غەربى پويىز بېكىتىدە تارتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ۋىدىئودا مەھبۇسلارنىڭ كۆزى قارا لاتا بىلەن تېڭىپ قويۇلغان، ۋىدىئونىڭ 1:24 مىنۇتلۇق يېرىدە مەھبۇس كىيىمى كىيمىگەن بىر تۇتقۇننىڭ پۇتىنىڭ ئالاھىدە ئاقسايدىغانلىقىنى، ئېغىر يارىلانغان بولىشى ئېھتىمالنى ئىلگىرى سۈردى. يۇقىرىقى ئەھۋالغا ئاساسەن بۇ تۇتقۇنلار قەشقەر رايونىدىكى تۈرمىلەردىن يۆتكەلگەن شۇنداقلا يېڭى تۇتۇلغانلار ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىندى. ۋىدىئو خىتاينىڭ لاگېر مەسىلىسىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيناش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە، بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك مەھبۇس تۇشۇش ئەھۋالىنىڭ بەلكى رايۇنلاردىكى تۈرمە ۋە لاگېرلارنىڭ تۇشۇپ كەتكەن بولىشى بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

رويتېرس ئاگېنتلىقى: قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشتا كۆپ كىشى قولغا ئېلىندى

يە سېنتەبىر 22 , 2019
ئالماتا/نۇرسۇلتان (رويتېرس)- شەنبە كۈنى، ساقچىلار قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى شەھىرىدە خىتاينىڭ بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتىدىكى تەسىرىگە قارشى نامايىش پائالىيىتىگە قاتناشقان نەچچە ئون كىشىنى قولغا ئالدى.

You May Like