خىتاي ئۆي-مۈلۈكچىلىكىگە كىرزىس دولقۇىنى يېقىنلاشتىمۇ ؟

خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە 30-ئۆكتەبىرگە قەدەر بۇ يىل ئىچىدە 408 ئۆي -مۈلۈك شىركىتنىڭ ۋەيران بولغانلىقى توغرىسىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

 

2019-يىلى 31-دېكابىر

 

خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە 30-ئۆكتەبىرگە قەدەر بۇ يىل ئىچىدە 408 ئۆي -مۈلۈك شىركىتنىڭ ۋەيران بولغانلىقى توغرىسىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.

 

بۇ سان خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتكە نىسبەتەن كۆپ سان بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ يېقىنقى ئىقتىسادى تۈۋەنلەش بولىۋاتقان، چەتئەل شىركەتلىرى چېكىنىپ چىقىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاستا خاراكتىردە يەنىلا داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلىدە يەڭگىل بىر مەسىلە ئەمەس. 

 

گەرچە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نۇمۇرلۇق چوڭ شەھەرلەردە بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئۆي -مۈلۈكچىلىك داۋاملىق ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ كۆرۈنىشتە ئۆسۈشنى ساقلاش بولۇپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ۋاقىتنى سوزۇش، بېسىم قىلىش بىلەن ئۆي-مۈلۈكچىلىكنىڭ باھاسىنى چۈشۈرمەي بەك ئۆستۈرۋەتمەي خەلىقنىڭ ھۈكۈمەتكە بولغان نارازىلىقنى كۈچەيتمەسلىك ۋە ئالدىدىكى باشقا مەسىللەرنى ھەل قىلىۋېلىش مەقسەت قىلىنغان «چارە». نورمال ۋە كىچىكرەك شەھەرلەردە مەبلەغ يېتىشمەسلىك، پۈتكەن ئۆي، قۇرلۇشلارنى ساتالماسلىق سەۋەپلىك ۋەيران بولۇش كېلىپ چىقىۋاتقان، بۇ ساننىڭ كۆپيىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. خىتاي ئۆي- مۈلۈكچىلىكى ئاساسلىقى دوللار بىلەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتنىڭ تۈۋەنلىشى ئۆي-مۈلۈكچىلىككە بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

 

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئۆزى بىۋاستە «بۆلەك زەنجىر»(区块链技术) تېخنىكىسىنى ئېلان قىلىشى دوللارنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە «چوڭ سەكرەپ» ئالغا ئىلگىرلەش چۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان بولسىمۇ يەنىلا پاخاللىشىۋاتقان ئىقتىسادىدىن كىرزىس ھىس قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

 

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=tgo1wQcZns4&feature=youtu.be

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

داڭلىق كومپىيوتىر پىروگرامما تەھرىرلىگۈچ قۇرالى notepad «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ناملىق نەشرىنى ئىلان قىلدى

جۈ نويابىر 1 , 2019
29- ئۆكتەبىر، زور ئالقىشقا ئىرىشكەن پىروگرامما كودى تەھرىرلىگۈچ يۇمشاق دىتالى notepad يىڭى ئىلان قىلغان نەشرىگە « ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ نام قويغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى ئىشلەتكەن. نودپەدنىڭ قۇرغۇچىسى دون خو يىڭى نەشىرنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارنى تىرورچى دىگەن نامدا لاگىرلارغا سولاۋاتقانلىقىنى ئىيتىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ چاقىرىقىدا يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروجەكتىنىڭ دوكىلات ۋە ئۇلىنىشلىرىنى ئىشلەتكەن.

You May Like