خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ۋاقتى گېزىتى خەۋىرى

ئۈرۈمچى، 12-ماي – خىتاي ھۆكۈمىتى 12-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا خىتاي مائارىپ مىنىستىرى خۇاي جىنپېڭ ۋە شىنجاڭ پارتكوم شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتناشتى. يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان مائارىپ مىنىستىرلىرى ۋە نۇرغۇن مەسئۇللار قاتناشتى.

بۇ يىغىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تاشقى سىياسىتى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن «تەقدىرداشلىق جامائىتى» قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتمەكچى.

مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مەركەز قىلىپ « مائارىپ ھەمكارلىقى »دېگەن ناملار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش مەقسىتى بار. خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى بىر قالقان قىلىپ ئىشلەتمەكتە.

يىغىندا «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى مېخانىزمى خىزمەت نىزامنامىسى» ۋە «تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى ئۈرۈمچى باياناتى» قوبۇل قىلىندى. يەنە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش-مائارىپ بىرلەشمىسى، دۇنيا ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى.

 ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۇزۇندىن بىرى،  بۇ خىلدىكى يىغىنلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ سىياسىتىگە ھېچقانداق ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپنى قاتتىق چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، باشقا دۆلەتلەر بىلەن مائارىپ ساھەسىدە ھەمكارلاشمەكچى بولۇشى قارا كۈلكىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

خاتىرجەملىك ۋە تەرەققىيات باھانىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل يىغىنلار، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى خەلقئارالىق سەھنىدە ئاقلاش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئەنگلىيە سوت ھۈججىتى:  قاچاق جاسوس گىرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى جاسوسلۇق قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.

سە ماي 20 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى / ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرى, 20-ماي مىيۇنخېن، گېرمانىيە – ئەنگىلىيە سوت دەۋاسىدىن كەلگەن يېڭى دەلىللەر گېرمانىيەنىڭ فىنتېك گىگانتى Wirecard نىڭ قاچاق سابىق باشقۇرغۇچىسى ۋە گۇمانلىق رۇسىيە جاسۇسى Jan Marsalek نىڭ خىتاي نامىدا مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنى كۈزىتىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ تەشۋىشلىك ئاشكارىلاش، گىرمانىيە مىللىي ۋە خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە خەۋەر مۇلازىمىتى tagesschau.de […]
UK Court Docs: Fugitive Austrian Businessman Offered to Spy on Uyghurs for China

You May Like