خىتاي نىمە ئۈچۈن زاپاس نىسبىتىنى كېمەيتىشكە مەجبۇرلاندى؟

خىتاي خەلق بانكىسى بۇ ئاينىڭ بىشىدا قەرزبەرگۈچى بانكىلارنىڭ زاپاس نىسبىتىنى 1% تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىلا تۆت قېتىم زاپاس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ھىساپلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق تۆۋەنلىتىلگەن زاپاس نىسبىتى ئارقىلىق بانكىلار 1.2تىرلىيون يۈەن )تەخمىنەن 175مىليارد دوللار (سىرتقا قەرز بىرىشقا بولىدىكەن.

ئوسمان قازى

 

خىتاي خەلق بانكىسى بۇ ئاينىڭ بىشىدا قەرزبەرگۈچى بانكىلارنىڭ زاپاس نىسبىتىنى 1% تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىلا تۆت قېتىم زاپاس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ھىساپلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق تۆۋەنلىتىلگەن زاپاس نىسبىتى ئارقىلىق بانكىلار 1.2تىرلىيون يۈەن )تەخمىنەن 175مىليارد دوللار (سىرتقا قەرز بىرىشقا بولىدىكەن. بۇ خىتاي مەركىزى بانكىسى 500مىليارد دوللار پۇل بىسىش خەۋىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي مۇشۇ ئاي ئىچىدىلا 675مىليارد دوللار قېممىتىدە بوشىتىلغان پۇل سىياسىتى يۈرگۈزىشى ھىساپلىنىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئاز سان ئەمەس. ئۇنداقتا زاپاس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ مەقسىتى نىمە؟ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ بانكىچىلىق نۆۋەتتىكى بانكىچىلىق سىستىمىسىدىن ئازراق ساۋاق سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ. خىتاي ھازىر قىسمەن زاپاس پۇل بانكىچىلىق سىستىمىسىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، قىسمەن زاپاس بانكىچىلىقى خىرىدارلار قويغان ئامانەت پۇلنىڭ قىسمەن مىقدارىنى زاپاس ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بانكىلار ئامانەت پۇلىنىڭ قالغان قىسمىنى ئۈچىنجى تەرەپكە قەرز بىرىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنى كىڭەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما خىرىدارلار تۇيۇقسىز ھەممە ئامانەت پۇلىنى قايتۇرۋالماقچى بولسا، بانكىلاردا ئۇلارنىڭ قىسمەن ئامانەت پۇلى ساقلانغاچقا، ئامانەت پۇلىنى تولۇق قايتۇرالماي، ئىقتىسادسىي كىرىزىس يۈز بىرىدۇ. خىرىدارلارنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بانكىلارنىڭ قىسمەن زاپاس پۇل ساقلىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن. ئەگەر بىر كىشى بانكىغا 1000دوللار ئامانەت قويسا، بانكا پۇلنىڭ ھەممىنى ئۈچىنجى تەرەپكە قەرز بىرىۋىتىشى چەكلەنگەن. ئادەتتە، ئامانەت پۇلنىڭ ئون پىرسەنتىنى زاپاس ساقلىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن. مۇشۇ يەردىكى 10%دەل زاپاس نىسبىتى ھىساپلىنىدۇ. خىتاي خەلق بانكىسى قەرەللىك ھالدا ھەرقايسى بانكىلارنىڭ قىسمەن زاپاس پۇلىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.قىسمەن زاپاس بانكىچىلىقىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن قارشىسى بولغان تولۇق زاپاس بانكىچىلىقىنى تىلغا ئىلىشىمىز توغرا كىلىدۇ. تولۇق زاپاس بانكىچىلىقىدا بانكا خىرىدارلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى تولۇق زاپاس ساقلاپ، ئۈچىنجى تەرەپكە قەرز بەرمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، خىرىدارلار قاچان ۋە قەيەردە بولسۇن، ھەتتا ھەممىسى ئامانەت پۇلىنى بىرلا ۋاقىتتا تولۇق ئالالايدۇ. تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە قىسمەن زاپاس بانكىچىلىقى بىلەن تولۇق زاپاس بانكىچىلىقىدىكى 1000دوللارنىڭ ئىقتىسادىي كىڭىيىشكە بولغان تەسىرى بىرىلگەن.

بانكا

1 2 3 4 جەمئىي

ئامانەت

$1000

$900

$810

$729

$3439

قىسمەن زاپاس

$100

$90

$81

$729

$1000

قەرز

$900

$810

$729

$0

$2439

پۈتۈن زاپاس

$1000

$1000

قەرز

$0

$0

يۇقارقى جەدىۋەلدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، قىسمەن زاپاس بانكىچىلىق سىستىمىسىدا، بىرىنجى بانكا قويۇلغان 1000دوللار ئامانەت پۇلنىڭ ئون پىرسەنتىنى قانۇن بويىچە زاپاس ساقلاپ، قالغان 900دوللارنى ئۈچىنجى تەرەپكە قەرز بىرىدۇ. ئۈچىنجى تەرەپنىڭ ھىسابىغا 900دوللار كىرگەندىن كىيىن، ھىساپ ئىچىلغان ئىككىنجى بانكا (ئەسلىدىكى بىرىنجى بانكا بولىشىمۇ مۇمكىن) ئوخشاش يول بىلەن ئون پىرسەنتى 90دوللارنى زاپاس ساقلاپ 810دوللارنى يەنە بىر ئۈچىنجى تەرەپكە قەرز بىرىدۇ.مۇشۇ يول بىلەن پەقەت تۆتىنجى نۆۋەتتىلا ئەسلىدىكى 1000دوللار 2439دوللارغا كۆپىيدۇ. ئارىدىكى 1439 دوللار قەيەردىن كەلدى؟ ئەمىلىيەتتە بانكىرلار تالانتى بىلەن يوق يەردىن پەيدا قىلدى. لېكىن بۇ تالانتنى ئالدامچىلىق دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. نۆۋەتتە ئاساسەن پۈتۈن دۇنيادىكى بانكىلار قىسمەن زاپاس بانكىچىلىق سىستىمىسىنى قوللىنىدۇ.شۇڭا ھەرقېتىم ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، بانكىلار تۆۋەن مىقداردا كۈنلۈك ياكى ئايلىق ھەتتا يىللىق پۇل ئىلىش چىكىنى بەلگىلىپ قويىدۇ. بولمىسا ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ شەپىسىنى تۇيغان كىشىلەرنىڭ تۇنجى ئىنكاسى بانكىدىن پۇلىنى چىقىرىش بولۇپ، بانكا پەقەت قىسمەن زاپاس پۇل ساقلىغاچقا ،ئۇلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرەلمەي كىرىزىس ئىغىرلاپ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ مالىيە سىستىمىسى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئىغىر بولغاندا ھاكىمىيەت بىشىدىكى ھۆكىمەت تەخىتتىن چۈشىدۇ. تولۇق زاپاس بانكىچىلىق سىستىمىسىدا ، ئامانەت پۇل تولۇق زاپاس ساقلانغاچقا، كەلگۈسى مالىيە كىرزىسى بولمايدۇئەمما نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ زاپاس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى خەلق پۇلىنىڭ پاخاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوشۇرۇن مالىيە كىرىزىسى ئىھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ. خىتاي خەلق بانكىسى بۇنى ئالدىن مۆلچەرلىگەچكە، كاپىتال كونتىروللىقىنى خىتاي خەلق بانكىسى قۇرۇلغان تارىخىتىن بۇيانقى ئەڭ ئىغىر ھالەتكە چىقاردى. ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي كۈتۈلمىگەن سەۋەپ بىلەن كاساتلىشىپ كەتسە، مىسالەن، ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ۋايران بولسا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قىلىدىغان تۇنجى ئىشى بانكىغا بىرىپ ئامانەت پۇلىنى ئىلىۋىلىش بولىدۇ. لېكىن خىتاي خەلق بانكىسى زاپاس نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز كىمەيتكەچكە، پۇقرالىرىغا قايتۇرۇپ بىرىدىغان زاپاس پۇل بىخەتەرلىك چەكلىمىسدىن تۆۋەنلىگەچكە، خىتاينىڭ مالىيە كىرزىسى تىخىمۇ ئىغىرلاپ كىتىدۇ. خىتاينىڭ زاپاس نىسبىتى كەلگۈسىدە يەنە تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن، ئەمما زاپاس نىسبىتى قانچە تۆۋەن بولسا، مالىيە كىرزىسى شۇنچە ئىغىر بولىدۇ. خىتاينىڭ باشقا تاللىشى بولسا، ئەلۋەتتە بۇنداق خەۋپلىك يولنى تاللىمايتى. بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدىكى، خىتاي ئىقتىسادىي ئۆزلىرى ئېلان قىلغان سەۋىيەدىنمۇ تۆۋەن ھالەتتە. پايدىلانغان مەنبەرلەر: https://www.bloomberg.com/news/articles/2018-10-07/pboc-cuts-reserve-ratio-for-some-banks-jmyd3ly1 https://www.ft.com/content/111580fc-c9f8-11e8-b276-b9069bde0956

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئەدىپ ۋە جامائەت ئەربابى ئابلىكىم باقى ئەپەندى ئەدەبى ئىجادىيەت مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ!

دۈ ئۆكتەبىر 22 , 2018
ئابلىكىم باقى ئەپەندى ھاياتى بويىچە قەلەم ئارقىلىق ۋەتەن ،خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئەدىپ ۋە ئالى مۇھەرىر بولۇپ،ئەدىىپنىڭ ۋەتەندە ئۆتكۇزگەن يىللىرى خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئ‍ستەكلىرىنى ئىپادە قىلىش بولسا، تۇركىيە ۋە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزگەن يىللىرى خەلقنڭ ئازابىنى دۇنياغا يەتكۇزۇش،خەلقنى ئازاتلىققا،ئەركىنلىككە چاقىرىش بىلەن مەنە تاپقان.

You May Like