خىتاي مەردان غاپپار توغرۇلۇق بايانات ئىلان قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خەۋەر بۆلۈمى ئەنگىلىيە ب ب س قانىلى ئىشلىگەن مەردان غاپپار توغرۇلۇق خەۋەرگە قارىتا، ب ب س نى « زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئ‍ۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ، تۈرمىلەردە قىيناۋاتقان كۆرسىىتىپ قارا چاپلىغان» دەپ رەددىيە بەردى.

 

 

ئەردەم
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
2020-8-8

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خەۋەر بۆلۈمى ئەنگىلىيە ب ب س قانىلى ئىشلىگەن مەردان غاپپار توغرۇلۇق خەۋەرگە قارىتا، ب ب س نى « زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئ‍ۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ، تۈرمىلەردە قىيناۋاتقان كۆرسىىتىپ قارا چاپلىغان» دەپ رەددىيە بەردى. خىتاينىڭ بۇ تۆھمەتلىرى خىتاي يەرشارى ۋاقىت گىزىتىدە ئىلان قىلدى، بىراق خىتاي ئىشنىڭ «ھەقىقىتىنى» ئاشكارىلايدىغان ھىچقانداق ئىسپات كۆرسىتەلمىدى.

 

No photo description available.

 

 

 

مەردان غاپپار 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېىتىلگەن بولۇپ، مەرداننىڭ تۇغقانلىرى ئادۋۇكات ياللاشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن ئادۋۇكاتنىڭ سوت كۈنىلا كۆرۈنۈپ قويۇشى بىلەن 17 ئايلىق كېسىلگەن. ئەمەلىيەتتە مەردان ئەزەلدىن زەھەرلىك چىكىملىككە يېقىن كەلمەيدىغان بىرى بولۇپ، ئۇ ھەتتا تاماكىمۇ چەكمەيدىغان، ئانىسىغا بەك كۆيىنىدىغان مىھرىبان، قۇلىقى يۇمشاق بالا ئىكەن. مەردان 2019- يىلى 11- ئايدا تۈرمىدىن چىقىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى فوشەندىكى ئۆيىدە قايتىدىن كۇچار ساقچىلىرى تەرىپىدىن كۇچارغا تۇتۇپ كىتىلگەن بولۇپ، كىيىنكى سۈرۈشتۈرۈشتە كۇچار ساقچىلىرى مەرداننى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم داۋالاۋاتقانلىقىنى ئىيىتقان.

 

مەنبە:

 

https://www.fmprc.gov.cn/web/wjbxw_673019/t1804856.shtml

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

شىۋىتسارىيەدە ئۇيغۇرغا ئادالەت تەشكىلاتى قورۇلدى

دۈ ئاۋغۇست 10 , 2020
شىۋىتسارىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرغا ئادالەت خەلقارالىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى.

You May Like