خىتاي مېنىرال تۇپراقنى كوزۇر قىلىشى مۇمكىن

ئامرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى باشلانغان 15 ئايلىق سۆرەلمە سۆھبەتتىن كىيىن يەنىلا ئىقتىسادىي جازا قويۇشنى قارار قىلىشتى. ئامرىكا ھۆكۈمىتى 200 مىلىيارد قىممىتىدىكى خىتاي مىلىغا %25 باج ئالىدىغان بولدى. خىتاي جاۋابەن 1- ئىيۇندىن باشلاپ 60 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى 5410 تۈرلۈك ئامرىكىغا ماللىرىغا %25 باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-5-31

 

ئامرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى باشلانغان 15 ئايلىق سۆرەلمە سۆھبەتتىن كىيىن يەنىلا ئىقتىسادىي جازا قويۇشنى قارار قىلىشتى.  ئامرىكا ھۆكۈمىتى 200 مىلىيارد قىممىتىدىكى خىتاي مىلىغا %25 باج ئالىدىغان بولدى.  خىتاي جاۋابەن 1- ئىيۇندىن باشلاپ 60 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى 5410 تۈرلۈك ئامرىكىغا ماللىرىغا %25 باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

 

باج ئۆستۈرۈش بۇ ئىقتىسادىي ئۇرۇشتىكى بىردىنبىر ۋاستە ئەمەس، ئامرىكا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كارخانىسى خۇاۋىي شىركىتىگە مەھسۇلات تەمىنلەشنى چەكلىدى، خىتاي بۇنىڭغا مېنىرال  تۇپراق ئىكىسپورت قىلىشنى چەكلەش بىلەن رەددىيە قايتۇرۇشى مۇمكىن.

 

مېنىرال تۇپراق مىتالى ئىلىكتىرونلۇق بويۇملار، ئالاقە ئەسلىھەلىرى ۋە ھەربىي قۇراللاردا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماتىرىيال. نۆۋەتتە دۇنيادىكى مېنىرال تۇپراق مىتالى ئومومىي ئىكىسپورتىنىڭ %71 خىتاي ئىگەللەيدۇ، ، ئامرىكا %80 مېنىرال تۇپراقنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدۇ. شۇڭا مېنىرال  تۇپراق خىتاينىڭ يەنە بىر كوزۇرى ھىسابلىنىدۇ.

يىقىندا خىتاي خەلق گىزىتى، خىتاي سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بۇنداق مۇمكىنچىلىكنى كۈچەپ تەكىتلىدى.

 

بىراق، بەزى مۇتەخەسىسلەر:« خىتاي بۇ كوزۇرنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلىشى مۇمكىن، چۈنكى مېنىرال تۇپراقنى كوزۇر قىلىپ ئىشلەتكەندە، خەلقئارادا تۇتىيا تۇپراق ئورنىنى ئالالايدىغان باشقا ماتىرىيالنى ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن» دىيىشتى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

80- يىللارنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى مۇختار نىياز ۋاپات بولدى!

سە ئىيۇن 4 , 2019
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 80-يىللاردىكى مۇھەببەت، ئاشىق كۇيلىرىگە رەڭ قوشقان، جان-ئانا قاتارلىق ناخشلىرى بىلەن مودا ناخشا ساھەسنى زىلزىلىگە سالغان ناخشىچى مۇختار نىياز 4-ئىيۇن ئۇرۇمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

You May Like