خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دىلنۇر رەيھان خانىم ئۈستىدىن قىلغان تۆھمەت ئەرزى بىكار قىلىندى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-سېنتەبىر

بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال(2022-يىلى 10-سېنتەبىر) فىرانسىيەدىكى سولچى گۇرۇھلارنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىلىشى بولغان «ئىنسانىيەت فېستىۋالى»غا خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يېشىللار پارتىيەسى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان پارلامېنت ئەزالىرى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىرلىشىپ خىتاي كونسۇلىنىڭ چېدىرى ئالدىدا ئۇدا ئىككى كۈن قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىش جەريانىدا دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم قاتارلىقلار خىتاينىڭ لوزۇنكىلىرىغا قىزىل رەڭلىك سىر چېچىپ قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پائالىيەتتىن كېيىن خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى يەرلىك ئەدلىيە تارماقلىرىغا دىلنۇر رەيھان خانىم ئۈستىدىن تۆھمەت ئەرزى سۇنغان. ئەرزنامىدە دىلنۇر خانىمغا ئاتالمىش «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلغان، ئاممىۋى مال مۈلۈككە زىيان يەتكۈزگەن» دېگەندەك تۆھمەتلەر ئارتىلغان.

«فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى»نىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، پارىژ شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان Evry رايونلۇق ئەدلىيە مەھكىمىسى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مەزكۇر تۆھمەت ئەرزىنى بىكار قىلغان. بۇ ھەقتە رادىئو زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىلنۇر رەيھان خانىم مۇنداق دەيدۇ: « Evry ئەدلىيە مەھكىمىسى دەسلەپتىلا بۇ ئەرزنامىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك ئىدى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلغانلىقىنى چۈشەنمىدىم. خىتايغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ دۆلىتىدە قانۇن نىزامنامىلەرگە رىئايە قىلمايدىغان دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى غەربنىڭ قانۇن نىزامنامىلىرى ئارقىلىق پۇقرالارغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار چېگرا ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلدى دەپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. بىز سىر چېچىپ ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى، ئاياغلىرىنى مەينەت قىلىپتۇق، بۇنى ئۇلار ئاممىۋى مال مۈلۈككە زىيان يەتكۈزدى دەپ تۆھمەت قىلىپتۇ، بۇ تولىمۇ بەك كۈلكىلىك ئىش بولدى. بىز بۇ يىل 5-ئايدا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە خەت يېزىپ ئۇلارنى خىتاي ئەدلىيە ئەندىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا دەۋەت قىلغان ئىدۇق، چۈنكى سوتچىلار سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك….».

دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرچە ۋە فىرانسۇز تىللىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « بۇلتۇر 9-ئايدا ھەر يىلى فىرانسىيە كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان «ئىنسانىيەت» بايرىمىدا خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا بىر چېدىر بېرىلگەن. بۇنىڭغا قارشى يېشىللار پارتىيەسى ۋەكىللىرى خىتاي چېدىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ بايرامنىڭ ئاخىرقى كۈنى، گۈلباھار جالىلوۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە ئۇيغۇرمۇ خىتاي چېدىرى ئالدىدا نامايىش قىلغان ئىدۇق ۋە مەن ۋە گۈلباھار ھەدەم ئىككىيلەن خىتاينىڭ ئېلان بۇيۇملىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە قىزىل بوياق چېچىۋەتكەن ئىدۇق.

خىتاي شۇ زامان مېنىڭ ئۈستۈمدىن ساقچىغا ئەرز قىلىپ، مېنى ساقچىخانىنىڭ چاقىرىپ سوراق ئېلىپ بېرىشىغا مۇۋەپپەق بولغان. بۇ ئىش مېدىئالاردا تارقىتىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ھەتتا نومۇس قىلماي مېنى «خىتاي خىزمەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى» دەپ ئەرز قىلغان. ۋە ئاخىرى بۇ ئەيىبلىشى ئەمەلدىن قېلىپ، مېنىڭ ئۇلارغا تۆلەم تۆلىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەن ھېچقانداق گۇناھىم يوقلۇقى ۋە فىرانسۇز بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سېمۇۋۇللۇق نامايىش قىلغانلىقىمدا چىڭ تۇرۇپ، سوتنىڭ چاقىرىشىغىمۇ بارمىغان ئىدىم ۋە فىرانسىيە ئەدلىيە دائىرىلىرىنى خىتاي بىلەن يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدىم. مانا بۇ يىللىق «ئىنسانىيەت» بايرىمى ھارپىسىدا، سوت مەھكىمىسى ماڭا قارىتىلغان بارلىق شىكايەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ يوغىناپ، فىرانسىيە ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئوبرازىغا داغ كېلىشىدىن ئەنسىرىدى.»

خەۋەر قىلىنىشىچە بۇ يىللىق «ئىنسانىيەت فېستىۋالى»دا خىتاي كونسۇلخانىسى تەكلىپ قىلىنمىغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ئۇلىنىشلىرى:

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن ۋاپات بولدى؛

سە سېنتەبىر 19 , 2023
كانادانىڭ ۋەنكوۋېر شەھرىدە ياشاۋاتقان دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم 2023-يىلى 18-سىنتەبىر ۋاپات بولدى. مەرھۇمە ھەكىمە خانىم مائارىپشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە تەربىيە كۆرگەن ۋە مائارىپى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇيغۇر مائارىپى تەرەققىياتى ھەققىدىمۇ ئىزدەنگەن. 1980-يىللاردا كروپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابىنى ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان ۋە شۇ چاغدا بۇ كىتاب ۋەتەن ئىچىدە زور تەسىرگە ئېگە بولغان. […]

You May Like