خىتاي كومۇنىستلىرى زورلۇق بىلەن مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي تۈزلىۋەتمەكتە

شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان -ت) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتىقادى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى بىتچىت قىلىش خاراكتېرىدىكى زەربە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، مىليونلىغان كىشى قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىغا قامىلىپلا قالماي يەنە زور تۈركۈمدىكى مەسجىدلەرمۇ تۈزلىۋېتىلدى.

خىتاي كومۇنىستلىرى زورلۇق بىلەن مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي تۈزلىۋەتمەكتە, مۇسۇلمانلار غەزەپلەنسىمۇ غىڭ قىلالمايۋاتىدۇ  

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇقادىر ئابلىز

تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە دىنىي ئەركىنلىك جەمئىيىتى

 

يۇقىرىدىكى رەسم چۈشەندۈرۈشى: ئۆينىڭ ئالدىدىكى بوش يەر ئەسلىدىكى مەسجىدنىڭ ئورنى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 350 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئىلگىرى 200 ئادەم ناماز ئوقۇيالايتتى.

  شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان -ت) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتىقادى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى بىتچىت قىلىش خاراكتېرىدىكى زەربە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، مىليونلىغان كىشى قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىغا قامىلىپلا قالماي يەنە زور تۈركۈمدىكى مەسجىدلەرمۇ تۈزلىۋېتىلدى. يېقىندا، مۇخبىر ساۋەن ناھىيەسىدىكى تۈزلىۋېتىلگەن مەسجىدنىڭ ئىزىنى زىيارەت قىلدى، شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دېيىشىچە: ھازىر مەسجىدىمىز بولمىغاچقا، ناماز ئوقۇيالمايمىز، بۇ ھەقتە سۆزلەشكە پېتىنالمايمىز، بولمىسا قولغا ئېلىنىپ تەربىيەلەش ئۆزگەرتىش مەركىزىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلىدىغان گەپ. بۇ مۇسۇلماننىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇنگانلار پۇل يىغىش قىلىپ ياسىغان، تەخمىنەن 350 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى بۇ مەسجىدنى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى يەرلىك ھۆكۈمەت مەجبۇرىي چاققان. ھۆكۈمەت بۇ مەسجىدنى چېقىشقا بۇيرۇق قىلغاندا، ئۇلار ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججىتىنى كۆرمىگەن، ئۇقتۇرۇشمۇ تاپشۇرۇۋالمىغان. ھۆكۈمەت بىر كولىۋا، بىر ئۇسسۇۋا، ئۈچ يۈك ماشىنىسى ئەۋەتىپ، 4 كۈندە مەسجىدنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان. مەجبۇرىي چېقىش جەريانىدا ساقچى ۋە شىمىگۇ يېزىسىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەر نازارەت قىلغان، مەسجىدنىڭ ئەتراپى رەڭلىك بايراقلار بىلەن قورشالغان. مەجبۇرىي چېقىش جەريانىدا مۇسۇلمانلار تۇتۇلغاچقا، باشقىلار ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، باشلىرىنى چايقاپ رەڭلىك بايراق ئەتراپىدىلا تۇرالىغان، يەنە بىرەر كىم چىش يېرىپ ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالمىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ھۆكۈمىتى مىڭلىغان مەسجىدنى تۈزلىۋەتكەن، پەقەت قۇمۇلدىلا 800 مەسجىدتىن چېقىلىپ ئاران 80 نى قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىك مەسجىدنىڭ ئاي يۇلتۇز بەلگىسى ۋە ئەگمە گۈمبىزى چېقىۋېتىلگەن. يېقىندا «زېمىستان قىش» ج ك پ نىڭ ئىسلام دىنىنى باستۇرۇش ھەققىدىكى «يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلام دىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدە» دېگەن مۇتلەق مەخپىي بىر ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ھۆججەتتە تەكىتلىنىشىچە، ئىسلام دىنى پائالىيەت سورونلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشنى قىلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن قۇرۇشقا، پائالىيەت سورۇنى تەسىس قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، كۆپ چېقىپ ئاز سېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. شۇئان زور مىقداردىكى مەسجىد چېقىپ تاشلىنىپ، كۆپىنچىسى بىر كېچىدىلا تۈزلىۋېتىلگەن.  

خىتاي كومۇنىستلىرى زورلۇق بىلەن مەسجىدلەرنى مەجبۇرىي تۈزلىۋەتمەكتە مۇسۇلمانلار غەزەپلەنسىمۇ غىڭ قىلالمايۋاتىدۇ، تۈزلىۋېتىلگەن مەسجىدنىڭ تۈۋرۈكلىرى مەسجىدنىڭ يېنىدىكى ئاق يەرگە دۆۋىلەپ قويۇلغان

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەردوغانغا ئوچۇق مەكتۇپ!

پە سېنتەبىر 6 , 2018
قىزغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا شەھەرىدە چاقىرىلغان تۈرك كەڭەشىدە "پەلەستىن تۈرك دۇنياسىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر" دەيىش ئارقالىق ئىزچىل تەقىپچىلىكىنى ئۈستىڭىزگە ئالغان پەلەستىن داۋاسىنى تۈرك كەڭەشىگە سۆرەپ ئەكىردىڭىز...

You May Like