خىتاي ئىنتېرنىت شىركەتلىرى پانئەرەپ تور شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان

خىتاينىڭ خەلىق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىدا 18-دىكابىر تارقالغان بىر خەۋردە بىلدۈرلىشىچە، خىتاي تور شىركەتلىرى پانئەرەپ تور شىركىتىنىڭ مىسىر شۆبىسىگە جەمىيى 5 مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئىقبال

2018-12-18

خىتاينىڭ خەلىق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىدا 18-دىكابىر تارقالغان بىر خەۋردە بىلدۈرلىشىچە، خىتاي تور شىركەتلىرى  پانئەرەپ تور شىركىتىنىڭ مىسىر شۆبىسىگە جەمىيى 5 مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان پانئەرەپ تور شىركىتى 2017-يىلى يانۋاردا قۇرۇلغان بولۇپ باش شىتابى بىيجىڭدا ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ئەرەپ دۆلەتلىرىدە  تارماق شۆبىلىرى بار ئىكەن. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ مىسىر شۆبىسىدە 50 نەپەر مىسىرلىق ۋە 100 نەپەر خىتاي خىزمەتچى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، خەلىق تورىدا خىتاي تەرەپتىن ھەمكارلىق ئورناتقان شىركەتنىڭ ئىسىمى ۋە  بۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ قايسى تۈر ۋە قايسى ساھەلەردە بولىدىغانلىقى ھەققىدە كونكىرىت مەلۇمات بىرىلمىگەن.  سۈرەتتە: 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، مىسىر پايتەختى قاھىرەدە تارتىلغان پان ئەرەب تور شىركىتىنىڭ ئىشخانىسى.

 

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر كۆچمەنلەر كېلىشىمى قۇبۇل قىلىندى

چا دېكابىر 19 , 2018
11- دېكابىر ماراكەشتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر كۆچمەنلەر كېلىشىمى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى. ياۋرۇپادىكى تالاش-تارتىشقا ۋە كىرزىسكە سەۋەپ بولغان، بىلگىيە باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە كىرزىس پەيدا قىلغان كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

You May Like