خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ سانلىق ئەرەب ۋە مۇسۇلمان مۇخبىرلارنى ياللاپ، ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە دۇشمەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشىقا ئۇرۇنماقتا.

پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئورگانلىرى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان مۇخبرلارنى ئالدىغا ئىتتىرىپ، پەلەستىنگە ياردەم قىلغۇچى ئوبرازىنى كۆرسەتمەكچى بولدى.

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 15- ماي

 

پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئورگانلىرى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان مۇخبرلارنى ئالدىغا ئىتتىرىپ، پەلەستىنگە ياردەم قىلغۇچى ئوبرازىنى كۆرسەتمەكچى بولدى.

 

خىتاي ب د ت دا ئىزچىل پەلەستىننى قوللاپ، ئىقتسادىي جەھەتتە پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىپ كەلگەن بولۇپ، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە توقۇنۇشدىن پايدىلىنىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئامېرىكىغا قارشى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

 

پەلەستىن ھۆكۈمىتى رەئىسى ئابباس كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ب د ت دا: «خىتاينىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھوقۇقى بار.» دېگەن. گاتى ستون ئىنىستىتۇتىدىن خالىد ئابۇ توماھ ۋە باشقا ئەرەب مۇتەخەسسىسلىرى ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دېگەن سۆزىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، پەلەستىننىڭ ھەمىشە باشقىلاردىن ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، باشقا مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان زۇلۇملارنى قوللىشى – نومۇسسزلىق، دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

 

ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ تىنچلىق كۈنلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ كەلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى: پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ياخشى كۈنلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەسجىدلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى يالغان دېدى.

شە ماي 15 , 2021
ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان ئامېرىكا ئاۋازى 15- ماي ئېلان قىلغان خەۋەردە، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغنچىلىقىنى قوللىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان ۋە پاكىت بىلەن رەددىيە قايتۇرۇلغان.

You May Like