خىتاي ئېلون ماسك ئۈستىدىن «ب د ت» غا ئەرز سۇنغان

خىتاي ئېلون ماسك ئۈستىدىن «ب د ت» غا ئەرز سۇنغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى28-دېكابىر

خەلقئارا خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق مىلياردېر، SpaceX شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك Elon Musk خىتاي تەرىپىدىن « ب د ت » نىڭ سىرتقى ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا ئەرز قىلىنغان. سەۋەبى بولسا ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى SpaceX شىركىتىنىڭ Starlink Internet Services نامىدىكى سۈنئىي ھەمراھى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 10-ئاينىڭ 21-كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم خىتاينىڭ  ئالەم بوشلۇقىدىكى پونكىتىغا يېقىنلاشقان.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىرتقى ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ھۆججىتىدە مۇنداق يېزىلغان:« بىخەتەرلىك سەۋەبلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي ئالەم بوشلۇقى پونكىتى سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى قوللاندى.» ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئەرزنامىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار تېخى ئاشكارىلانمىغان. SpaceX شىركىتىمۇ بۇ توغرىسىدا بايانات بەرمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تەخمىنەن 30مىڭغا يېقىن سۈنئىي ھەمراھ يەرشارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە SpaceX شىركىتىگە تەۋە 1900 غا يېقىن سۈنئىي ھەمراھ مۇ بار ئىكەن، مەزكۇر شىركەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرى ئاساسلىقى خەلقئارالىق كەڭ بەلۋاغلىق تور مۇلازىمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن خىتاي تورى ئىچىدە قىزغىن بەس مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، خىتايلار بىردەك ھالدا ئېلون ماسك ۋە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ ئىنكاسلارنى يېزىشقان. بەزىلىرى SpaceX نىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەمدىكى ئالەم ئەخلىتى دەپ تەرىپلىسە، يەنە بەزىلىرى بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم ئۇرۇشى قوراللىرى دېگەن شۇنداقلا ئېلون ماسكنى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۈچۈن يېڭى تىپتىكى قوراللارنى ياساپ بېرىۋاتىدۇ دەپ تۆھمەت قىلغان. 

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كانادا باش مىنىستىرى: غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك

سە دېكابىر 28 , 2021
كانادا باش مىنىستىرى: غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك

You May Like