خىتاي باش ئەلچىسى داپشاقلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى

خىتاي باش ئەلچىسى داپشاقلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى

 خىتاي باش ئەلچىسى داپشاقلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 20-ئۆكتەبىر

بىر قانچە كۈندىن بۇيان مانچېستېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنى ئەلچىخانا ئىچىگە سۆرەپ كىرىپ ئۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا خەۋەر مېدىئالىرىنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ۋەقەنىڭ جەريانى ئەنگلىيە ب ب س تورىدا قويۇلغاندىن كېيىن خەلقئارادا جۈملىدىن ئەنگلىيەدە خىتاي «دىپلوماتلىرى»نىڭ بىشەملىك قىلمىشلىرىغا قارشى ئەكس سادالار كۆپلەپ چىقىشقا باشلىدى.  سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش كونسۇلىنى چاقىرتىپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن ئادەم ئۇرغان خىتاي دىپلوماتلىرىنى ئەنگلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى كۈچلۈك رەۋىشتە تەلەپ قىلدى.

19-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە Sky News قانىلىدا بۇ قېتىمقى ۋەقەگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ ئادەم ئۇرغان، خىتاينىڭ مانچېستېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ شىيۇەن مەخسۇس زىيارەت قىلىندى. زىيارەت جەريانىدا ئۇ ھېچقانداق ئادەمگە ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: « مەن ھېچقانداق ئادەمگە ھۇجۇم قىلمىدىم، مەن تىنچلىقنى سۆيىمەن..» بۇ چاغدا مۇخبىر ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ :« بۇ يالغان بولۇپ قالدى ئەلچى ئەپەندىم، بىز سىزنىڭ خەقنىڭ چېچىنى يۇلغانلىقىڭىزنى كۆردۇق» دېدى. ئۇ جاۋابەن دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپ : « چۈنكى ئۇ كىشى ۋەتىنىمنى ھاقارەتلىدى، مېنىڭ رەھبىرىمنى ھاقارەتلىدى. مەنچە بولغاندا، بۇنداق قىلىشىم (چېچىنى تارتىشنى دېمەكچى) مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم». 

مۇخبىرنىڭ ھەيرانلىق بىلەن قويغان : «خەقنىڭ چېچىنى يۇلۇشمۇ سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ تەپ تارتماستىن: « ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ھەرقانداق دىپلومات خادىملىرى ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاي ئەلچىسىنىڭ نومۇسسىزلارچە قىلمىشى خەلقئارا ئىجتىمائىي تور ساھەسىدە ئورتاق ھالدا ئەيىبلەشلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان پەيتتە، بۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ما جاۋشۈ بايانات بېرىپ، « كۈرەش قىلىشتىن قورقماسلىق، خىتاي تاشقى دىپلوماتىيەسىنىڭ روھىي ئالاھىدىلىكى» دەپ جاكارلىدى.

 بۈگۈن (20-ئۆكتەبىر)  ئەنگلىيە تاشقى دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى جەس نورمان ئەپەندىم (Jesse Norman)  پارلامېنتتىكى قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: « بىز ۋەقە جەريانىدا يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا كۆپلىگەن سىنلىىق ھۆججەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئىنتايىن ئېنىق ھالدا نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھازىر ساقچى تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، مانچېستېر ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە نۇرغۇن يىپ ئۇچلىرىغا ئىگە بولۇپتۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بىر مۇرەككەپ ۋە نازۇك بولغان تەكشۈرۈش، بەلكىم بىر ئاز ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. تاشقى ئىشلار ۋەزىرىمىز دېگىنىدەك، بىز تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتىمىز. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىمىز ئارقىلىق بېيجىڭدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ناھايىتى ئوچۇق بولغان ئۇچۇر ئەۋەتتۇق، يەنى بىز خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىمىز. مەن شۇنى ئېنىق ئىپادە قىلماقچىمەنكى، ئەگەر ساقچى دائىرىلىرى ھەرقانداق بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان تەقدىردە، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ «دىپلوماتىيە كەچۈرۈم ھوقۇقى» نى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىسا، دىپلوماتىيەلىك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن….» 

كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى دانكېن سمىس (Jesse Norman) ئەپەندىم بولسا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەگە چېتىشلىق بولغان بارلىق خىتاي دىپلوماتلىرىنى دەرھال ئەنگلىيە تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

 

 
 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رەيھان ئەسئەت خانىم «گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان 50 كىشى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

شە ئۆكتەبىر 22 , 2022
رەيھان ئەسئەت خانىم «گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان 50 كىشى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

You May Like