خىتاي دۇنيا ئەللىرى بىلەن يادرو تېپىشماقلىرى ئوينىماقتا

خىتاي دۇنيا ئەللىرى بىلەن يادرو تېپىشماقلىرى ئوينىماقتا

 ئابدۇرەھىمجان (گېرمانچىدىن تەرجىمە قىلىندى) 
                                        

يادرو قورالىنىڭ سانى بىلەن قورال كۈچى ئۆلچىنىدىغان خىتاي، ھازىر كۆپلەپ يادرو قويۇپ بېرىش سۇپىسى ياساۋاتىدۇ.  مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكى ئۈستىدە باش قاتتۇرىۋاتىدۇ.

خىتاي دۇنياۋى يادرو قورالىنى قىسقارتىش سىياسىتىنى تەڭشەش باسقۇچىدا تۇرماقتا ئىدى . ئامېرىكا يادرو قورال مۇتەخەسسىسلىرى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق، خىتاينىڭ قۇملۇق رايونلىرىدا يېڭىدىن ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسىنى بايقىدى.  7-ئاينىڭ بېشىدا 《جامېس مارتېن يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش تەتقىقات مەركىزى》 گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى 119 جايدىكى پەرقلىق بىنالار ھەققىدە دوكلات بەردى. ھازىر ئامېرىكا ئالىملار بىرلەشمىسى ئۇيغۇر ئۆلكىسىدىكى گوبى چۆللۈكىدە، يۇقىرىقىغا ئوخشاش قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئاقىللار ئامبىرىنىڭ توربېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ يەردە 110 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى قۇرۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 

ئاقىللار ئامبىرىنىڭ يادروسىزلاندۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى مات كوردا ۋە خەنس كرىستېنسېن بۇنى《خىتاي يادرو قورال ئامبىرىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك كېڭىيىشى》 دەپ باھا بەردى . ھازىرغا قەدەر، خىتاي پەقەت 20 ئەتراپىدا يەر ئاستى قويۇپ بېرىش سۇپىسى ئىشلەتكەن ئىدى . گەنسۇ ۋە ئۇيغۇر ئۆلكىلىرىدىكى يېڭى بىنالارنىڭ سانى بىلەن بۇ ئون ھەسسە كۆپەيتىلدى . ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئامېرىكا ستراتېگىيىلىك قوماندانلىق ئورگىنى، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە باھا بېرىپ :《بۇ يادرو سۇپىلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى بولسا، خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە دۇنياغا يوشۇرۇن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمىزنى ئىسپاتلىدى》 دېدى. 

Uyghur Reporter

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتيېى ئامېرىكا ۋەكىللىرى سايلىمى ھەققىدە

سە ئاۋغۇست 3 , 2021
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى دۇق تەركىۋىدىكى ۋە ياكى دۇق بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلاپ چىقىلىدۇ.

You May Like