ئامېرىكا سىملىق خەۋەر تورى، 2020-09-22
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-27
ئامېرىكا سىملىق خەۋەر تورى (CNN) نىڭ 21- سىنتەبىردىكى دوكلاتى: يېقىندا CNN خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 6 بەتلىك جاۋاب خېتىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنى تۇغماس قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلغان، ئەمما شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) دا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 2018- يىلى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەبنىڭ «تولۇق يولغا قويۇلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.