خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى بىر ياپون پۇقراسىنى قولغا ئالغان

خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى بىر ياپون پۇقراسىنى قولغا ئالغان

 خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى بىر ياپون پۇقراسىنى قولغا ئالغان

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 27-مارت

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا بېيجىڭدىكى ياپونىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى دورا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى «Astellas» نىڭ بىر نەپەر خىزمەتچىسىنى قولغا ئالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماۋ نىڭ 27-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: « مەزكۇر ياپونىيە پۇقراسى جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇ كىشى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى، دائىرىلەر بۇ كىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنى قولغا ئالدى.»

ياپونىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ھىروكازۇ ماتسۇنو (Hirokazu Matsuno) دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ 50 ياشتىن 60 ياشلار ئارىسىدىكى ياپونىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن، شۇنداقلا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ كىشىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغان بۇ كىشى خىتايدا ئىشلەۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئىلگىرى خىتايدىكى «ياپونىيە سودا جەمئىيىتى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، 2015- يىلىدىن بۇيان ئاز دېگەندە 16 ياپونىيە پۇقراسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

سەئۇدى نېفىت شىركىتى خىتاي بىلەن 12مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سېلىش توختامى تۈزىدى

سە مارت 28 , 2023
سەئۇدى نېفىت شىركىتى خىتاي بىلەن 12مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سېلىش توختامى تۈزىدى

You May Like