خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدىكى سان-سېفىرلار

ئىككى تەرەپلىك سودا مىقدارى 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.خىتاي شىركەتلىرنىڭ تۈركىيەدىكى FDI پاي چېكى 1 مىليارد 920 مىليون دوللارغا يەتتى. ئىككى دۆلەت 12 مىليارد خەلق پۇلى (10 مىليارد 900 مىليون تۈرك لىراسى) پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ، 2021-يىلى 29- يانۋار

 

ئىككى تەرەپلىك سودا مىقدارى 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.خىتاي شىركەتلىرنىڭ تۈركىيەدىكى FDI پاي چېكى 1 مىليارد 920 مىليون دوللارغا يەتتى. ئىككى دۆلەت 12 مىليارد خەلق پۇلى (10 مىليارد 900 مىليون تۈرك لىراسى) پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

 

تۈركىيەدە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تۈرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي بانكىلىرى تۈركىيەدىكى يەرلىك ئۇل-ئەسلىھە ۋە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنى نەچچە ئون مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى.

 

2019- يىلى 420 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا تىل ۋە مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش مۇددىئاسى كۈچەيدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خەۋەر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش كۆپەيدى. تۈركىيە ۋە خىتايدىكى ئوندىن جىق ئالىي مەكتەپتە، تۈركچە ۋە خىتايچە فاكۇلتېتلار تەسىس قىلىندى.

 

ئەنقەرە-ئىستانبۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى ۋە ئەنقەرەنىڭ 500 مېگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە زاۋۇتى قاتارلىق غايەت زور تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

 

خىتاي ۋىرۇسى چىققاندىن بېرى خىتاي ۋە تۈركىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئۆز-ئارا داۋالاش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى، تەجرىبە ۋە ۋاكسىنا قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورناتتى، شۇنداقلا تۈركىيە خىتايدىن 50 مىليون ۋاكسىنا سېتىۋالدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

كېلەچەك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ كونىيادىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

جۈ يانۋار 29 , 2021
28- يانۋار تۈركىيە كېلەچەك پارتىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى، سابىق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ، خانىمى ۋە بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، مىللەت ۋەكىللىرى بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى كونىيادىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى.

You May Like