خىتاي بىلەن ئەنگىلىيە تەرەپ ب ب س خەۋىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

(تولۇق ماۋزۇ) خىتاي ۋە ئەنگىلىيە تەرەپ ب ب س ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جىنسىي خورلۇققا ئۇچراش توغرىسىدىكى خەۋىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 7- فېۋرال

 

(تولۇق ماۋزۇ) خىتاي ۋە ئەنگىلىيە تەرەپ ب ب س ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جىنسىي خورلۇققا ئۇچراش توغرىسىدىكى خەۋىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

 

ب ب س ئېرىشكەن يېڭى گۇۋاھلىق سۆزلىرىدە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) يىغىۋىلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ توپلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىنىش قاتارلىق ھەر خىل جىنسىي خورلۇققا ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ب ب س نى «ھېچقانداق ئاساسى يوق» دەپ ئەيىبلىدى. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي مۇتەخەسسىسلىرىگە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) نى ئېچىۋىتىش، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويۇپ، ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

 

بىر قانچە پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب ب س نىڭ بۇ خەۋىرىگە ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئىسپاتلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار يەنە يىغىۋىلىش لاگېرلىرىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كىرىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.

 

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىمۇ ب ب س نىڭ بۇ خەۋىرى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەھۋالنىڭ ئادەمنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

مەنبە: https://www.bbc.com/zhongwen/simp/chinese-news-55947430

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

«فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ھەيئەت گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى

دۈ فېۋرال 8 , 2021
1- فېۋرال مەركىزى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان "فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى" نىڭ 5-نۆۋەتلىك سايلىمى مۇۋەپىقىيەتلىك ئاياغلىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەيئەت گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى

You May Like