خىتاي باياناتى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيتى ۋە غەربنىڭ سەپسەتىسى

خىتاي باياناتى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيتى ۋە غەربنىڭ سەپسەتىسى

社评:新疆的实事求是与西方的唱虚饰假

(يالغانچى خىتايدىن يەنە بىر يالغان-ت)

خىتاي باياناتى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيتى ۋە غەربنىڭ سەپسەتىسى

社评:新疆的实事求是与西方的唱虚饰假

(يالغانچى خىتايدىن يەنە بىر يالغان-ت)

 

 

ئەسلىى خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىل 31-ئاۋغۇسىت

ئەسلى خەۋەر مەنبەسى: خىتاي يەرشارى گېزىتى

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: كۆلتېگىن «ئىستانبۇل »

تەھرىر: ئابدۇقادىر ئابلىز

تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

  جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ھەرىكىتىگە خەلقئارادا بەزى خاتا چۈشىنىشلەر مەۋجۇت. بولۇپمۇ ھازىر بەزى كۈچلەر يامان نىيەت بىلەن قەستەن ئاقنى قارا قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. يېقىندىن بېرى بۇ خىل ھادىسە يەنە پەيدا بولۇشقا باشلىدى ۋە جۇڭگوغا زەربە بېرىشنىڭ يېڭى دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدىكى ئاۋام كېڭەش پالاتاسىدىن ئون نەچچە پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ جۇڭگو ئەمەلدارلىرىغا قارىتا يېڭى جازالاش تەدبىرى يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى بۇ دولقۇننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ ھېسابلىندۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا ب د ت ئېرقىي كەمستىشنى يوقىتىش كومىتېتىنىڭ  بىر يىغىنىدا، ھەيئەتلەر قاراپ چىقىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەتىنى قوغداش تەرەپلەردىكى قانۇن، سىياسەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئاكتىپ باھا بەردى. لېكىن يىغىن ئەسناسىدا، غەربنىڭ پىكىر ئېقىمى ۋە ۋە بىر قىسىم خاتا خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئاشقۇن كىشىلەرگە قارىتا قانات يايدۇرغان كەسپىي تەربىيەلەش ھەرىكىتى، يىغىندىكى بەزى كومېتىت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوبيېكتىپقا ئۇيغۇن بولمىغان بىر شەكلىدە چۈشەندۈرۈلدى ۋە بۇ چۈشەندۈرۈشلەر غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بەس-بەستە كۆپتۈرۈپ ئېلان قىلىندى. شىنجاڭنىڭ ئىشىغا قارىتا ئىككى خىل قىممەت قارىشى بىر بىرى بىلەن زىددىيەتلىكتۇر. بۇنىڭ بىرى، غەرب قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان، ھەم چىقىش نۇقتىسى ۋە ئۇنۈمى يوق ھەم شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئوبيېكتى بولغان ئەمەلىي رىئاللىق بىلەن كارى يوق، ھە دېسىلا قۇرۇق كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەيدىغان قىممەت قارىشىدۇر. مانا مۇشۇنداق قۇرۇق كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەش ئەمەلىيەتتە ئاشقۇن كۈچلەرگە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە ۋە بۇ خىل ۋەزىيەت دەل بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە خىزمەت قىلماقتا. بۇ كۈچلەر شىنجاڭنىڭ ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلش سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى ۋە ئامال قىلىپ شىنجاڭنى جۇڭگونى قالايمىقان قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى ھالىتىگە ئەكىلىپ قويماقچى. بۇنىڭغا قارشى بولغان قىممەت قارىشى بولسا، جۇڭگو قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيتىگە يىلتىز تارتقان قىممەت قارىشىدۇر، بۇ خىل قاراش كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ بۇرۇن چوڭ بىر مۇقىمسىزلىقنىڭ بوسۇغىسىدا ئىدى، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ئەۋج ئېلىپ كونتروللۇق يوقالغان ئىدى. شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى تەكشۈرۈش ۋە باھا بېرىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قانداقتۇر كىشلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ياكى  بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئاخىرقى شەكىللەندۈرگەن نەتىجىسى ۋە شىنجاڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىنىڭ ئورتاق مەنپەتىدۇر. ئەگەر ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭدىكى ئېغىر ۋەزىيەت كونترول قىلىنمىغان بولسا نۇرغۇن كىشى ئاشقۇن ئىدىيەلەر تەرىپىدىن مىڭىسى يۇيۇلۇپ تېررورچىلارنىڭ  لاگىرىغا  قېتىلىپ كەتكەن، كۆكتات بازىرى ۋە ئەتىگەنلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش نۇقتىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى بىگۇنا خەلقنى چاناش، ماشىنا بىلەن سوقۇش ھەرىكەتلىرى ھەممە يەرگە قانات يايغان  بولاتتى. قاتناش قىستاڭ يوللارغا كىرىپ قانلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىش، بېيجىڭ جىنشۈي كۆۋرۈكى ۋە كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىغا ئوخشاش شىنجاڭ سىرتىدىكى جايلاردا تىررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشقا ئوخشاش ئىشلار ھەممە يەردە ئەۋج ئالغان بولاتتى. قېنى سوراپ باقايلى، بۇ بىر قانچە يىلدا يەنە قانچە كىشى ئۆلسە بولاتتى؟ بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەردىن سىرت، زوراۋانلىق ۋە ئاشقۇنلۇقنى توسۇش ئۈچۈن يەنە قانچىلىك ئاشقۇن ئىدىيەلەر تەرىپىدىن زوراۋانلىق يولىغا ماڭغان كىشىلەر ئېتىپ تاشلىناتتى؟ سوراپ باقايلى، ئەنە شۇ كىشىلەر ئاشۇنداق رەزىل قىلىمىش سادىر قىلغان نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانسا ياخشىمۇ  ياكى ئۇلارغا قارىتا تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نورمال تۇرمۇشىغا قايتۇرۇپ كەلگەن ياخشىمۇ؟ يېقىنقى ئىككى يىلدا شىنجاڭ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىشىكىدىن قايتىدىن ئىناق ۋە خاتىرجەم جەمئىيەت ھالىتىگە قايتىپ كەلدى. قانچىلىك كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى ۋە يەنە قانچىلىغان كىشلەرنىڭ ئىلگىرىكى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ ئىچىدىكى كۈنلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ. بىز يەنە سوراپ باقايلى، ياشاش ھوقۇقى ۋە ھەر ۋاقىت ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىدىن ئەسلا ئەنسىرىمەي ياشىسا، ئەجىبا بۇلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئاددىي كىشىلىك ھوقۇقى ئەمەسمۇ؟ ئاشۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئەيىپلەۋاتقان كىشىلەر، سىلەر راستىنلا شىنجاڭدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سادىر بولماسلىقىغا ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلەمسىلەر؟ بىزنى ئەخمەق قىلماڭلار، سىلەر شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىغا قارشى بولساڭلار بىزگە شۇنى دەپ بېرەلەمسىلەر، قانداق قىلغاندا شىنجاڭنى بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى ھالىتىدىن، ئۆلۈم ۋە قورقۇنچ يوق يېڭى ھالەتكە ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ؟ ئەجىبا ئۇسۇلى، سىلەر ئافغانستان، ئىراق ۋە لىۋىيەگە يېزىپ بەرگەن «دورا رېتسىپى» مۇ؟ ئۆتۈنۈپ قالايلى، سىلەر بۇ دۆلەتلەرنى ئاللىبۇرۇن ۋەيران قىلىپ بولدۇڭلار، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى كەچۈرۈۋېتىڭلار. ئەمەلىيەتتە، يىللاردىن بېرى شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىلى ئادەتتە دائىم سىرتتىن كىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە غەربنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئەيىپلىشى ئاشقۇن كۈچلەرنى تېخىمۇ خاتا يولغا يېتەكلىدى ۋە ئولارنىڭ شېرىن چۈش كۆرۈشىگە سەۋەپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل كۈچلەر ئۆزلىرىنى دىنىي غازات قىلىۋاتىمىز دەپلا قالماي يەنە غەربنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشتۇق دەپ قارىماقتا، بۇ ئولارنىڭ تېخىمۇ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋەتمەكتە. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بەزى كانايلار  ۋە غەرب تاراتقۇ سەرخىللىرىنىڭ كۇنۇپكا تاختىلىرى ئاشۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئۆلۈپ كەتكەن بىگۇناھ جۇڭگولۇقنىڭ قېنى بىلەن بويالغاندۇر. بىز  شىنجاڭدىكى كەڭ كادىر ئاممىغا شۇنى دەيمىزكى، بۇ ئىككى يىلدىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئاسان قولغا كەلمىدى، ئوبدان قەدىرلەڭلار، بۇ سىلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىڭلار ۋە سىلەرنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقۇڭلار. سىلەر شىنجاڭنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىسىلەر، ئىلگىرىكى بىر قانچە يىلدا مۇقىملىق ئۈچۈن  ئەڭ  جىق بەدەل تۆلەندى ۋە ئەڭ جىق تەجرىبە ساۋاق يەكۈنلەندى، نېمىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى چوڭقۇر بىلىپ يېتىلدى. ھېچقانداق تاشقى كۈچ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا قارار چىقىرالمايدۇ، پۈتكۈل جۇڭگو خەلقى سىلەر تەرەپتە، بىز سىلەرنى قوللايمىز. شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى چۆرىدىگەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش بىلەن غەرب سەپسەتىسى ئارىسىدا ئاللىبۇرۇن رىقابەت شەكىللىنىپ بولدى. لېكىن تارىخ نېمىنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. غەربنىڭ پەردازلاپ كۆرسەتكەن ئو نەرسىسى (كىشلىك ھوقۇق ) بولسا ئاسماندىكى بۇلۇت مىسالى ئۆتكۈنچى ۋە تۇترۇقسىز بىر نەرسىدۇر.   مەنبەسى: http://opinion.huanqiu.com/editorial/2018-08/12888789.html

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خوڭكوڭدىكى 16 تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى !

يە سېنتەبىر 2 , 2018
خوڭكوڭدىكى 16 ئاممىۋى تەشكىلات ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى !

You May Like