خىتاي باياناتى: شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملاشماقتا، بۇنداق باشقۇرۇش «ھۆرمەت»كە لايىق

شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ۋەزىيىتى بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ساياھەتچىلىكى قايتىدىن گۈللەنگەن مەنزىرىسىگە شنجاڭ بىخەتەرلىكىگە خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئىشەنچىسى ماس قەدەمدە تىزدىن ئەسلىگە قايتىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزا كومىتىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزگەرتىلگەن » ش ئۇ ئا ر رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامنامىسى» ئىلان قىلدى. بۇ نىزامنامە چوقۇم پۈتۈن شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

مەنبە: خىتاي يەرشارى تورى ماقالىسى

2018-10-15

ئۇيغۇر ئاگىنتىلىقى، ئەردەم تەرجىمىسى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ۋەزىيىتى بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ساياھەتچىلىكى قايتىدىن گۈللەنگەن مەنزىرىسىگە شنجاڭ بىخەتەرلىكىگە خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئىشەنچىسى ماس قەدەمدە تىزدىن ئەسلىگە قايتىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزا كومىتىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزگەرتىلگەن » ش ئۇ ئا ر رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامنامىسى» ئىلان قىلدى. بۇ نىزامنامە چوقۇم پۈتۈن شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

نىزامنامە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كەسپىي تىخنىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرسا بولىدۇ» دىگەن ماددا ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، غەرپتىكى بەزى ئىجتىمائىي ئورگانلار ۋە سىياسەتچىلەر شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دىكى رادىكال ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئىچىلغان تەربىيەلەش خىزمەتلىرىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نى » كىشلىك ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلدى» دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئوقۇغۇچىلار ئۇ مەركەزلەردە دۆلەت ئورتاق تىلى، قانۇن ۋە كەسپى تېخنىكا ئۆگىنىدۇ، ئەمما غەرپ كۈچلىرى ئۇنى » دىنىي زىيانكەشلىك» دەپ سۆكمەكتە. غەرپتىكى ئاشقۇن سىياسەتچىلەر ۋە تاراتقۇلار شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسىنى چۆرىدەپ خىتايغا قارشى دولقۇن قوزغىدى، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ئۇلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلەشتىكى يىڭى بۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

نەچچە يىللاردىن بىرى زوراۋان تىرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دا يامرىشىغا قارشى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىر قاتار كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۇتۇقلۇق ھالدا ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، بىخەتەر، مۇقىم چوڭ ۋەزىيەتنى مۆجىزىلەرچە بەرپا قىلدى. شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ئومومىي ۋەزىيەت قالايمىقانلىشىپ كىتىشتىن ساقلىنىپ، سانسىزلىغان كىشىلەر قايتىدىن تىنىچ- خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئاپتونۇم رايوندىكى كۆپچىلىك كادىرلارنىڭ ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە جاپالىق خىزمىتى ۋە مىھنىتى بەدىلىگە كەلگەن، پۈتۈن غەربى شىمال ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسىدۇر. شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بىرىۋاتقان ھەرخىل رادىكال ھادىسىلەردىن ساقلىنىپ قالدى، بۇ ئەسلىدە قاتتىق خەۋىپلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشىغان نادىر ئىجابىي ئۈلگە سۈپىتىدە قارىلىشى كىرەك ئىدى. بوسىنىيەدىن كوسوۋوغىچە، سۈرىيە، لىۋىيەغىچە پاجىئەلىك ھىكايىلەرنىڭ شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ، بىر- بىرىگە يەنىلا بەك ئوخشاشتۇر. ئۇ رايونلارنىڭ ھەممىسىدە نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلدى، كۆپلىگەن ئادەملەر قىيىنچىلىقتا قالدى. غەرب ئۇ رايونلاردىكى قالايمىقانچىلىق جەريانىدا زور كۈچ بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرى ياكى ھازىر تۆلىگەن بەدەللىرى تولىمۇ ئېغىر بولماقتا. ئەجىبا غەرب راستىنلا شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دىمۇ دۇنيانى تىترەتكۈدەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى يۈز بىرىپ، نەچچە يۈز مىڭ ھەتتا نەچچە مىلىيون مۇساپىرلارنىڭ ياقا يۇرتلاردا كىتىشىنى خالامدۇ؟

شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نى باشقۇرۇۋاتقانلار بىلەن غەربتىكى كۈچلەر ھەرگىزمۇ بىر چاستوتىدا ئەمەس. شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نى باشقۇرۇشتىكى مەقسەت ئامانلىق، مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، رادىكالىزىمنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، شىنجاڭ( شەرقىي تۈركىستان)دىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخىت يارىتىش. بۇ جەرياندا ھەممىدىن ئىھتىياجلىقى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھىدۇر! بىراق غەربتىكى بەزى كۈچلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خىتاينىڭ ئەيىپىنى قانداق كوچىلاش، خىتايغا قانداق جىنايەت بىكىتىش. بىر تەرەپتىن خەلقئارادا خىتاينى بېسىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) مۇقىملىقىنى قالايمىقان قىلىشقا تىرىشىش. غەرب كۈچلىرى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) لىقلارنىڭ ھەقىقىي بەختىگە ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە نەچچە يۈزمىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى بەدىلىگە خىتاينى جۇغراپىيەلىك سىياسەتتە بىر قىتىم مەغلۇپ قىلالىسا، ئۇلار ئارزۇ قىلغان ئىش بولىدۇ.

كەسپى تىخنىك تەربىيەلەش ۋە غەرپنىڭ ئاتالمىش لاگىرلىرى ئارىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بار. كەسپى تىخنىك تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئارقا- ئارقىدىن ئوقۇشنى تاماملاپ، جەمىيەتكە چىقىپ خىزمەت تاپتى. ناھايىتى ئېنىقكى، كەسپى تىخنىكا يىتىشتۈرۈش بولسا رادىكاللىقنى يوقىتىشتا ۋاقىتلىق، باسقۇچلۇق لاھىيە، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چېقىمى ئەڭ ئاز، شۇنداقلا ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان ئۆتكۈنچى تەدبىر.

شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نى قەتئىي چۈشەنمەيدىغان غەرپلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ خىيالى ۋە تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، ئېغىر سىياسىي بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىدىن سۆزلەپ، غەرپ يىتەكچى ئورۇندىكى مەپكۇر مەيدانىدا خىتاينىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) سىياسىتىگە قارىتا بىر قاتار سۆز- چۆچەك توقىدى. بۇ سۆز- چۆچەكلەر شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئانچە مۇناسىۋەتسىز، ئۇنىڭدا ئاساسەن قىممەت قارىشى، جۇغراپىيەلىك سىياسەت، ھاياجان قاتارلىقلار بار. بۇ سۆز- چۆچەكلەرنى ئازاراقلا رەتلىسەك، غەربلىكلەر بىلەن باشقا رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرگە قوللانغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دىكى مەسىلىلەرنى خىتايمۇ باشقۇرۇشتا قاتتىق قىينىلىۋاتسا، غەرپلىكلەر قانداقمۇ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نى باشقۇرۇشقا سەمىمىي، سەۋىرچانلىق بىلەن ھەقىقىي مەسلىھەت كۆرسەتسۇن؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر قەستەن قالايمىقانچىلىق چېقىرىپ، خىتايغا توختىماي ھۇجۇم قىلىشقا قولاي پۇرسەت يارىتىشنى ئويلايدۇ.

خىتاي شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) نى باشقۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا دۇنيا بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج. لىكىن بۇ ئالاقىنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ خىتايغا كۈچلۈك ئۆچمەنلىك قىلىدىغان غەرب سىياسىيونلىرى ياكى جامائەت ئەربابلىرىنى قايىل قىلىش ئەمەس. ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇلار ئەسلىدىنلا شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسىنى ئەستايىدىل چۈشۈنۈپ بىقىشنى ئويلاپ باقمىغان. ئۇلار زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشى، سانسىزلىغان ھاياتلىقنىڭ نابۇت بولۇشى، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) دا كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان قالايمىقان ۋەزىيەتنىڭ كۆرۈلۈشىنى بەكرەك خالايدۇ. ئۇلار بىرلا ئىشقا قىزىقىدۇ، ئۇ بولسىمۇ خىتايغا ھۇجۇم قىلىدىغان يىڭى نۇقتىنى تىپىش، كونا مۇقاملىرىنى ئاڭلىماققا يىڭى پەدىدەك ھىس قىلدۇرۇش!

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

مۇھەممەد ئاتاۋللا ئويچان: ۋەيران قىلىنغان ئائىلەم

دۈ ئۆكتەبىر 15 , 2018
مېنىڭ ئىسمىم مۇھەممەد. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خۇتەن ناھىيە، سېغىزكۆل يېزا، ئورنۇش كەنتىدىن. مېنىڭ ئائىلەمدە نەۋرىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەتتە جان بار بولۇپ،ئۇلار دادام، ئانام، ئاچام، مەن ۋە قالغان تۆت ئۇكامدىن ئىبارەت.

You May Like