خىتاي باياناتچىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئامېرىكىنىڭ قول چوماقچىسى ۋە ياردەمچىسى!

خىتاي باياناتچىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئامېرىكىنىڭ قول چوماقچىسى ۋە ياردەمچىسى!

 خىتاي باياناتچىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئامېرىكىنىڭ قول چوماقچىسى ۋە ياردەمچىسى!

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 1-سېنتەبىر

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەنگلىيە مۇخبىرىنىڭ ب د ت دوكلاتى ھەققىدىكى سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئاتالمىش دوكلاتنى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى كۈچلەر بىر قوللۇق پىلانلاپ، توقۇپ چىقارغان. بۇ بىر قانۇنسىز ۋە ئەھمىيەتسىز دوكلات…ئاتالمىش دوكلات پۈتۈنلەي يالغان ئۇچۇرلار بىلەن تولدۇرۇلغان، بۇ ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ «شىنجاڭ» مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە قارشى ئىشلەتكەن سىياسىي قورالىدۇر! بۇ دوكلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ چەتئەلدىكى بەزى خىتايغا قارشى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوينىغان سىياسىي سۇيىقەستى خالاس!…»

ۋاڭ سۆزىدە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ قول چوماقچىسى ۋە جىنايى ياردەمچىسى دەپ تەسۋىرلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەڭ يېقىنقى تۈركىيە خەۋەرلىرى (3-سېنتەبىر)

شە سېنتەبىر 3 , 2022
ئەڭ يېقىنقى تۈركىيە خەۋەرلىرى (3-سېنتەبىر)

You May Like