خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى9-دېكابىر

سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارىتىدە بولۇۋاتقان خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بۈگۈن رىيادتا تۇنجى قېتىملىق «خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلەر يىغىنى» غا قاتناشقان. خەلقئارا خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يىغىنغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بېن سالمان، مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇللا فاتاھ سىسى، قايس سەئىد، شۇنداقلا قاتار، لىۋان، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان.

بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ تەپسىلاتى سىرتقا ئاشكارىلانمىغان ئەمما فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئەركىن سودا توختامى تۈزۈش پىلانىنى قىلىۋاتقىنىغا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن. 

سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى نىڭ زىيارىتى جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدا 28 مىليارد دوللار قىممىتىدە 20دىن ئارتۇق سودا توختامى ئىمزالانغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كىرودىيە رەسمىي ھالدا ياۋروپا شېنگېن دۆلەتلىرى قاتارىغا كىردى، بۇلغارىيە بىلەن رۇمىنىيەنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىندى

جۈ دېكابىر 9 , 2022
كىرودىيە رەسمىي ھالدا ياۋروپا شېنگېن دۆلەتلىرى قاتارىغا كىردى، بۇلغارىيە بىلەن رۇمىنىيەنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىندى

You May Like