خىتاي ئاق تاشلىق كىتاب ئىلان قىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاقلىدى

2020-9-18 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاينىڭ «خەلىق گېزىتى »خەۋىرىدە دىيىلىشىچە ،گوۋۇيۈەن ئۇچۇر ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىخەتەرلىكى »ناملىق ئاق تاشلىق كىتاپنى ئېلان قىلغان

ئەكبەر

 

2020-9-18

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

 

 

2020-9-18 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاينىڭ «خەلىق گېزىتى »خەۋىرىدە دىيىلىشىچە ،گوۋۇيۈەن ئۇچۇر ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىخەتەرلىكى »ناملىق ئاق تاشلىق كىتاپنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، كىتابتا «ئەمگەك ھوقوقىنى قوغداش كىشىلىك ھوقوقنى قوغداشتۇر» دىگەن . مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا 2014- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە ھەر يىلى 1.3 مىلىيون ئادەمنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە تەربىيەلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان. خەلىقئارالىق ئورگانلار ،كىشىلىك ھوقوقنى كۈزىتىش تەشكىلاتلىرى ۋە مۇخپىرلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،خىتاي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ت -شەرقى تۈركىستان )دىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگىرىغا قامىغان ۋە لاگىر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىپ ،قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ ،خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاينىڭ جىددى شەكىلدە «ئاق تاشلىق كىتاپ »ئېلان قىلىشتىكى مەقسىدى نىمە ؟ خىتاي قانداق ھىلە -مىكىرلەرنى پىلانلاۋاتىدۇ ؟ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەكبەر مۇنداق دىدى :«خىتاي جازا لاگىرىنى كەسپى تەربىيەلەش مەركىزى دەپ دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغىنىدەك ،ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىپ ،قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىدەك رەزىللىكىنى يۇشۇرۇشقا ھەم شەرقى تۈركىستاندا ئىلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن قېچىشقا ئۇرۇنماقتا ».

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

2020-09-20تۈركىيە ئىقتىساد ھەپتىسى 1-سان

يە سېنتەبىر 20 , 2020
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 7.50 لىرالىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى.

You May Like